♥ Arman Unwirsal Munbiri ♥

Would you like to react to this message? Create an account in a few clicks or log in to continue.

    ھېكمەتلىك سۆزلەر

    Arman
    Arman
    Munber Mesuli
    Munber Mesuli


    Jinsi Jinsi : Male
    Yeshi Yeshi : 34
    Tughulghan Waqti Tughulghan Waqti : 1989-05-25
    Orni Orni : گىرمانىيە
    Yazma Sani Yazma Sani : 129
    Shohriti Shohriti : 374
    Tohpisi Tohpisi : 0
    Hizmiti / Qiziqishi Hizmiti / Qiziqishi : ئۇقۇغۇچى
    Tizimlatqan Waqti Tizimlatqan Waqti : 2010-02-08

    ھېكمەتلىك سۆزلەر Empty ھېكمەتلىك سۆزلەر

    Yollash by Arman Fri Mar 19, 2010 5:47 pm

    * بار ماختانسا ئېچىلىدۇ،يوق ماختانسا چېچىلىدۇ.

    * دوسىت كەينىڭدە ماختار ، دۈشمەن ئالدىڭدا ماختار.

    * ئەقىللىق ئېتىنى ماختايدۇ، ئەخمەق خوتۇنىنى ماختايدۇ.

    * ياخشىنىڭ ئىزى قالىدۇ، ياماننىڭ مېزى.

    * قوشتا يوق،ماشاقتا يوق،خاماندا بار.

    * بېشىڭنى كىم سىلسا،ماشايىخىڭ شۇ،يېنىڭدا كىم ئولتۇرسا ،چىرايلىقىڭ شۇ.

    * يۇمشاققا ماقۇل، قاتتىققا ياق-ياق.

    * پىچاق گۆشكە ماڭار،سۆڭەككە ماڭماس.

    * مېلى بارنىڭ مېلىغا،مېلى يوقنىڭ جېنىغا.

    * ماندارلىقتا ئات ئۆلمەس، ئەمەنلىكتە ئەر ئۆلمەس.

    * ئورۇق قوينىڭ مايىقى چوڭ.

    * ئاغزى قايماق،كۆڭلى مايماق.

    * غەرەزدىن غەرەز تۇغۇلار، تاز باشتىن مەرەز.

    * مەردنى مەيداندا سىنا.

    * مەردنىڭ ئارغامچىسى ئۇزۇن.

    * كۆپ ئاتقان بىلەن مەرگەن بولماس، كۆپ سۆزلىگەن بىلەن چېچەن بولماس.

    * «تۇر تۇر» كۆپ بولسا ، ئۇيقۇدا مەززە يوق.

    * مەسلىھەتلىك ئىش بۇزۇلماس.

    * چۆچۈرە يىمەكتىن مەقسەت گۆش يىمەك.

    *ئون سوقۇرنىڭ توققۇزى مەككار.

    * يولۋاس ياتقىندىن مەلۇم.

    * تېرىق قۇلقىدىن، بالا كىچكىدىن مەلۇم.

    * سەن ئۆل مەن تىرىلەي.

    * مەنمەنلىك-شەيتانلىق.

    * ئۆزۈڭنى مەھكەم تۇت،قوشناڭنى ئوغرى تۇتما.

    * قۇرساقنىڭ مەيلىچە بولسا، ئابرۇيۇڭنى قوشۇپ يەر.

    * ئادەمنىڭ سۆلىتىگە قارىما، مېھنىتگە قارا.

    * ئاللا بەرمىگەننى موللا بەرمەس.

    * ئۇستا باردا قولۇڭنى تارىت،موللا باردا تىلىڭنى تارت.

    * قازى بىلەن قالامسەن،مۇپتى بىلەن كېتەمسەن.

    * يازدا توڭلىغان قىشتا مۇزلايدۇ.

    * مۇساپىر ئىتنىڭ قۇيرۇقى ئىچكىرى.

    * مۇساپىر بولمىغۇچە،مۇسۇلمان بولماس.

    * مۇسۇلمانچىلىق ئاستا ئاستا بۇلىدۇ.

    * مۇشەققەتسىز ھۈنەر بولماس.

    * ئاش بەرگەنگە ، مۇشىت بېرىپتۇ.

    * ئۇستا كۆرمىگەن شاگىرىت ھەر مۇقامدا يورغىلار.

    * بىر سۆزلىشىپ مۇڭداش دېمە، بىللە مېڭىپ يولداش دېمە.

    * مۇھەببەتنى سېتۋالغىلى بولماس.

    * ياشلىقىڭدا ئۆگەنگەن تاشقا مۆھۈر باسقاندەك، قېرىغاندا ئۆگەنگەن قۇمغا مۆھۈر باسقاندەك.

    * بىر مۈدۈرگەن ئون مۈدۈرەر.

    * ئاۋۋال چىققان قۇلاقتىن كىيىن چىققان مۆڭگۈز ئېشىپ كېتەر.

    * ئىت دېسەڭ قۇيرۇقى يوق، ئۆچكە دېسەڭ مۆڭگۈزى يوق.

    * ياۋاشنىڭ مۆڭگۈزى ئىچىدە.

    * ياخشى مۈلۈك ھېكىمنىڭ، بۇزۇلغاندا ھېچكىمنىڭ.

    * چۈجىنىڭ شۇملۇقىدىن مېكياننىڭ ئەمچىكى يوق.

    * مېۋىسىز دەرەخنى قاقما.

    * بىلىمسىز ئادەم- مېۋىسىز دەرەخ.

    * ئاتا كەسپى بالىغا مىراس.

    * مىھنەتتىن قاچما،مىننەتتىن قاچ.

    * ئىشلەپ يىگەن لەززەتلىك، تىلەپ يىگەن مىننەتلىك.

    * قىز بالنىڭ يىغلىغىنى- نازلىغىنى.

    * تاپقىنى ناماقۇللۇقتىن ئاشماپتۇ.

    * قىز چوڭ بولسا گەپ تۇلا، ئوغۇل چوڭ بولسا نەپ تۇلا.

    * ۋالاقتەگكۇر گەپ بەرمەس،سۇنۇق كەپكۈر نەپ بەرمەس.

    * دوسىتقا مۇھەببەت،دۈشمەنگە نەپرەت.

    * ئاش نەرخى ئاسمان.

    * بىر ئاتا ئون بالنى بېقىپتۇ،ئون بالا بىر ئاتىنى باقالماپتۇ.

    * ئاتاڭنى ئۆلتۈرگەنگە ئاناڭنى بەر.

    * نەزرى ئۈستۈن نەرخى پەس.

    * نەقتىن ھەسەل چىقتى،نېسىدىن كېسەل .

    * يولۋاسنى يەڭگەن باتۇر ئەمەس،ئاچچىقنى يەڭگەن باتۇر.

    * ئاتنىڭ نوختىسى ئېشەككە توغرا كەلمەپتۇ.

    * ئېغىزنىڭ نوختىسى يوق ،تىلنىڭ سۆڭكى.

    * نوختىلانغان ئات يېتلەككە ماڭار.

    * ئەرگە بىر نۆۋەت ،يەرگە بىر نۆۋەت.

    * ئانسى ناننى نىپىز ياقىدۇ،بالسى تويماي قوشلاپ يەيدۇ.

    * نېسى يىمەڭ گۆشنى ، يېرىپ چىقىدۇ تۆشنى.

    * ئېشىمدا يوق پۇرچاق پوقۇمدا نىمە قىلار.

    * قاسساپ تۆت سەركەم بار دەپ ئۆلەر، جۇۋىدار نىمئششەك كىم دەپ ئۆلەر.

    * يىگىتلىككە ھەشەم كېرەك، ھاجىلىققا ھەرەم.

    * غالجىر خۇدانى بىلمەس، ئىت ھارامنى.

    * يول يۈرگەندە ئېتىڭ ھارمىسۇن، قېرىغاندا ئايالىڭ ئۆلمىسۇن.

    * قارىغۇ ھاسسىنى بىر قېتىم يۇقىتار.

    * ھاقارەتلىك تۇرمۇشتىن ساداقەتلىك ئۆلۈم ياخشى.

    * ئۇنچى ھاكچىنى كۆرەلمەپتۇ.

    * قاراڭغۇ دەپ ھاڭۋاقما، يورۇقلىقنى ئىزلەپ تاپ.

    * بار بارى بىلەن، يوقى ھالى بىلەن.

    * دۈشمىنىڭگە ھال ئېيىتما، كۈلگىسى كېلىدۇ، دوستۇڭدىن سىر ئايىما،بىلگۈسى كېلىدۇ.

    * ھالىڭغا بېقىپ ھال تارىت ،خالتاڭغا بېقىپ ئۇن تارىت.

    * ئېشەكنىڭ ئۆزى ھارام،كۈچى ھالال.

    * تەر - قىلغان -ئەتكەننى ھالاللايدۇ.

    * جاپاچەكمىگۈچە ھالاۋەت يوق.

    * بورىچى ھالۋىچى بولسا كۆزىنى چاپاق بېسىپتۇ.

    * ھاماقەتنى ھارماڭ دېمە،ھارغاندا ئۆزى توختايدۇ.

    * ئوت كۆرۈنگەن يەرگە بارما،ئىت ھاۋشىغان يەرگە بار.

    * كىشىدىن ھايا كەتسەئورنىغا بالا كېلەر.

    * ھايا يوق يەردە ئىمان يوق.

    * ھەر گۈلنىڭ پۇرىقى باشقا.

    * ئويناشماڭ ئەرباب بىلەن،جايلايدۇ ھەرباب بىلەن.

    * ھەركىم باتۇرغا باتۇر.

    * بولسا ھەرنىمە ئوخشايدۇ.

    * قورقۇنچاق ھەسەتخور بۇلار،نامەرد قەسەمخۇر بۇلار.

    * تىلى ھەسەل،دىلى زەھەر.

    * داۋاسىز دەرد بولماس،ھەسرەتسىز قېرى.

    * مەن بارالماي ھەلەك،ئۇ بارمايمەن دەپ ھەلەك.

    * يەر ھەيدىسەك كۈز ھەيدە، كۈز ھەيدىمسەڭ يۈز ھەيدە.

    * ئون تازنىڭ توققۇزى ھەييار.

    * يولۋاسقا يۇلۇقما،يۇلۇقساڭمۇ ھولۇقما.

    * ھورۇن ئېشەك يۈكنى ئېغىر كۆتۈرەر.

    * سەھەردە ھۇۋلىغان ئىتتىن قورق.

    * بۇلبۇل گۈل بار يەردە، ھۆرمەت دوسىت بار يەردە.

    * كىشىنىڭ ھۆرمىتى ئۆز قۇلىدا.

    * ئوچىقىمنىڭ چىشى يوق، ھۆل-قۇرۇق بىلەن ئىشى يوق.

    * ھۈنرى بار قول ئۆلمەس.

    * گۆھەرلىك بۇلۇشتىن،ھۈنەرلىك بۇلۇش ئارتۇق.

    * كۆپنى بىمىگەن ئازنى ھېچ بىلمەس.

    * ئۆچكىنىڭ دائىم ئوچۇق تۇرسا گەپ يوق، قوينىڭ بىر قېتىم ئېچىلىپ قالسا ھۇيىت-ھۇيىت.

      Hazirqi waqit: Thu Mar 28, 2024 11:26 am