♥ Arman Unwirsal Munbiri ♥

Would you like to react to this message? Create an account in a few clicks or log in to continue.

    مۇھەببەت ھەققىدە پاراڭ

    uYghuRYe
    uYghuRYe
    Munber Mesuli
    Munber Mesuli


    Jinsi Jinsi : Female
    Yeshi Yeshi : 30
    Tughulghan Waqti Tughulghan Waqti : 1993-04-24
    Orni Orni : يەرشارى
    Yazma Sani Yazma Sani : 4
    Shohriti Shohriti : 15
    Tohpisi Tohpisi : 4
    Hizmiti / Qiziqishi Hizmiti / Qiziqishi : ئۇقۇغۇچى
    Tizimlatqan Waqti Tizimlatqan Waqti : 2010-03-16

    مۇھەببەت ھەققىدە پاراڭ Empty مۇھەببەت ھەققىدە پاراڭ

    Yollash by uYghuRYe Tue Mar 23, 2010 7:06 pm

    مۇھەببەت






    -بىزگە مۇھەببەت ھەققىدە سۆزلەپ بەرسىڭىز بوپتىكەن!

    دانىشمەن بېشىنى كۆتۈرۈپ خالايىققا قارىۋىدى ، خالايىق بىردىنلا جىمىپ قالدى ، ئۇ جاراڭلىق ئاۋاز بىلەن سۆزلىدى :
    - مۇھەببەت چاقىرغاندا ، سىلەر ئۇنىڭغا ئەگىشىڭلار ، گەرچە مەنزىلى مۈشكۈل ھەم ئەگرى- توقاي بولسىمۇ ئارقاڭلاغا چېكىنمەڭلار.
    -مۇھەببەت قانىتى سلەرنى ئورىۋالغاندا ، گەرچە پەيلىرىنىڭ ئارىسىغا يۇشۇرۇنغان تىرناقلار يۈرىكىڭلارنى پارە- پارە قىلىۋەتسىمۇ ئۇنىڭغا بويسۇنۇڭلار.
    -مۇھەببەتنىڭ ئاۋازى گەرچە خۇددى زىمىستان شامىلى باغلارنى ۋەيران قىلىۋەتكەنگە ئوخشاش شىرىن چۈشۈڭلارنى ئۈزۈپ تاشلىسىمۇ ، ئۇنىڭغا ئىشىنىڭلار.
    - مۇھەببەت ساڭا تاج كىيدۈرەلەيدۇ، شۇنداقلا سىنى دارغىمۇ ئاسالايدۇ . ئۇ سىنى پەرۋىش قىلىپ ئۆستۈرەلەيدۇ ، سىنى كىسىپمۇ تاشلىيالايدۇ .
    - ئۇ سىنىڭ ئەڭ ئىگىز پۇتاقلىرىڭغا چىقىپ ، ئاپتاپتا يايراپ تۇرغان .ئىنىچكە شاخلىرىڭ ۋە يۇپۇرماقلىرىڭنى سۆيىدۇ ، شۇنداقلا ئەڭ چوڭقۇر جايلىرىڭغا چۆكۈپ ، يىلتىزلىرىڭنى ئورنىدىن قوزغاپ زىمىندىن ئايرىۋىتەلەيدۇ .
    سەن گويا بىر قولتۇق بۇغداي ، مۇھەببەت سېنى باغلايدۇ .
    مۇھەببەت سېنى ئۇرۇپ – سۇقۇپ سامىنىڭدىن ئايرىپ يالىڭاچلايدۇ .
    مۇھەببەت سىېنى ئاسمانغا ئېقىتىپ سورۇيدۇ ، تاسقايدۇ ، ئادالايدۇ .
    ئۇ سېنى تۈگمەنگە ئاپىرىپ ئىككى تاشنىڭ ئارىلىقىدا ئېزىپ ، ئاپئاق ئۇنغا ئايلاندۇرىدۇ .
    مۇھەببەت سېنى يۇغۇرۇپ خېمىر قىلىپ ، مۇقەددەس ئوتقا سېلىپ پىشۇرۇپ ، ئاللاھنىڭ داستىخىنىدىكى مۇقەددەس غىزاغا ئايلاندۇرىدۇ .
    مۇھەببەت سىلەرگە مانا مۇشۇنداق ئىشلارنى قىلىپ بېرىدۇ ، ئۆزۈڭنى ئۆزۈڭگە تۇنۇتىدۇ ، سەن بۇنداق قىلىش جەريانىدا ھاياتلىق يۈرىكىنىڭ ھەقىقىي بىر قىسىمىغا ئايلىنىسەن .
    ناۋادا سەن گۇمانلىنىپ خەۋپسىرەپ مۇھەببەتتىن پەقەت تىنىچلىق ۋە شادلىقنىلا ئىزدىمەكچى بولساڭ ، ئۇنداقتا مۇھەببەتنىڭ خامىنىدىن چېكىنىپ چىقىپ، پەسىلسىز دۇنيادا يۈرگىنىڭ ياخشى، پەسىلسىز دۇنيادا سەن خۇشاللىققا ئېرىشسەڭمۇ، بىراق ھەقىقىي كۈلەلمەيسەن .پەسىلسىز دۇنيادا ياشمۇ تۆكىسەن، لىكىن كۆز يېشىڭ تۈگەپ كەتكۈدەك يىغلىيالمايسەن. ئۇ يەردە چىدىغۇسىز ئازاب ۋە ھەقىقىي شادلىقنى مەڭگۈ ئۇچرىتالمايسەن .
    مۇھەببەتنىڭ ئۆزىدىن باشقا بېرىدىغان ھېچنىمىسى يوق، مۇھەببەت پەقەت مۇھەببەتنىلا قۇبۇل قىلىدۇ .
    مۇھەببەت ھېچنىمىنى ئىگىلىۋالمايدۇ ، ئۇنى ھېچكىم ئىگىلىۋالالمايدۇ .
    چۈنكى، مۇھەببەتكە پەقەت مۇھەببەت يىتەرلىك .
    سەن سۆيگۈ ئوتىدا پۇچىلانغاندا "ئاللاھ مېنىڭ قەلبىمدە "دىمەستىن، بەلكى "مەن ئاللاھنىڭ قەلبىدە "دىگىن.
    سەن مۇھەببەتكە يول باشلىغۇچى بۇلىمەن دەپ خىيال قىلما . ئەگەر ئۇ خالىسا سېنى باشلايدۇ .
    مۇھەببەتنىڭ ئۆزىنى پۈتۈنلەشتىن باشقا ئارزۇسى يوق.
    ئەگەر ئاشىق بولساڭ ، ئارزۇلاشقا توغرا كەلسە مۇنۇلار ئارزۇيۇڭ بولسۇن:
    .ئۆزۈڭنى پۈتۈنلەي ئېرىتىپ سۇغا ئايلانغىن – دە ، ئايدىڭ كېچىلەردە توختىماي شىلدىرلاپ ئېقىپ كۈي كۈيلە.
    ئارتۇقچە مېھرىبانلىقنىڭ ئازاب ئىكەنلىكىنى بىل .
    مۇھەببەت يۈرىكىڭنى لەختە- لەختە قىلسىمۇ ، سەن رازىلىق ۋە خۇشاللىق بىلەن ئۇنىڭ ئۈچۈن جان پىدا قىل .
    سەن ئويغانغىنىڭدا ، مۇھەببەتلىك يەنە بىر كۈننىڭ قۇچاق ئاچقانلىقىغا خۇشاللىق بىلەن تەشەككۈر ئېيتقىن .
    تىنىچ ئارام ئالغان چاغلىرىڭدا مۇھەببەتنىڭ شېرىنلىكىىنى خىيال قىل.
    كەچلەردە مىننەتدارلىق بىلەن ئۆيگە قايتقىن.
    ئۇخلاش ئالدىدا سۆيگۈنۈڭگە ئىزگۈلۈك تىلە ، ياتار چېغىڭدا تىلاۋەت قىل . چۈنكى، سۆيۈلگۈچى سېنىڭ قەلبىڭدە، گۈزەل مەدھىيە لەۋلىرىڭدە

      Hazirqi waqit: Fri Apr 19, 2024 8:30 am