رەنجىمە

Share
avatar
Arman
Munber Mesuli
Munber Mesuli

Jinsi Jinsi : Male
Yeshi Yeshi : 29
Tughulghan Waqti Tughulghan Waqti : 1989-05-25
Orni Orni : گىرمانىيە
Yazma Sani Yazma Sani : 129
Shohriti Shohriti : 374
Tohpisi Tohpisi : 0
Hizmiti / Qiziqishi Hizmiti / Qiziqishi : ئۇقۇغۇچى
Tizimlatqan Waqti Tizimlatqan Waqti : 2010-02-08

رەنجىمە

Yollash by Arman on Tue Mar 30, 2010 6:35 pm

‹‹كۆيدۇم››دېسةم ئىشةنمةي نىگار،
مازاق قىلدىڭ ئۆزۈڭچة بةلكىم.
كۈلمة چۈنكى ئاشىق دةردىنى ،
بىلةر باشقا كةلگةندة ھةركىم.

كۈلگىلى بولىدۇ كۈلۈپ باقاي دةپ،
كۆيگىلى بولامدۇ كۆيۇپ باقاي دةپ.
بولمىسا ناۋادا چىن ئاشىق يۈرةك،
سۆيگىلى بولامدۇ سۆيۈپ باقاي دةپ.

سةن مةيلى ئىشةنگىن ۋة يا ئىشةنمة،
سۆيگۈم راسىت زةررىچة يوق بۇنىڭدا شةك.
غالىپ كةلگةچ ئىشقى –پىراقىڭ،
شاش سۆيگۇمگة قويالمىدىم چةك.

ئادةم ئاتا-ھاۋا ئانامدىن،
ئۇدۇم قالغان سۆيگ ۇ بۇ بىزگة.
خالىي ئةمةس ھېچكىم بۇ دةرىتىتىن،
ھةر كىم بىلةر كةلگةندة ئۆزگة.

سۆيدۈم دةپلا بولماس سۆيگىلى،
ۋاز كةچمةكمۇ ئاسان ئةمةس ھةم.
يا سۆيةلمةي يا ۋاز كېچةلمةي،
ئۆتمةكتىمةن غةم ئۈستىگة غةم.

رةنجىمىگىن ‹‹كۆيدۈم››دېگةنگة،
ساڭا كۆيۈش ئةمةسقۇ گۇناھ.
ساڭا بولغان پا ك ئةقىدةمگة،
مىسرالىرىم بىر ئۆزى گۇۋاھ.

    Hazirqi waqit: Sat Jun 23, 2018 7:23 am