گۇمانلانساڭ سۆيگۇمدىن ئةگةر

Share
avatar
Arman
Munber Mesuli
Munber Mesuli

Jinsi Jinsi : Male
Yeshi Yeshi : 29
Tughulghan Waqti Tughulghan Waqti : 1989-05-25
Orni Orni : گىرمانىيە
Yazma Sani Yazma Sani : 129
Shohriti Shohriti : 374
Tohpisi Tohpisi : 0
Hizmiti / Qiziqishi Hizmiti / Qiziqishi : ئۇقۇغۇچى
Tizimlatqan Waqti Tizimlatqan Waqti : 2010-02-08

گۇمانلانساڭ سۆيگۇمدىن ئةگةر

Yollash by Arman on Tue Mar 30, 2010 6:44 pm

گۇمانلانساڭ سۆيگۇمدىن ئةگةر..


يازغاندىمةن قانچة لىرىكا ،
سةن ئۈچۈنلا پةقةت سةن ئۈچۈن.
بۇ يۈرةكنى ئوتقا سېپ قويۇپ،
پةرۋاسىزلا يۈرىسةن نېچۈن؟

سۆيگۈ تىلةپ تةلمۈرةر ساڭا،
مىسرالىرىم مىسكىن بىچارة.
ساڭا بولغان ئوتلۇق سۆيگۈمنى ،
چۈشةنمىسةڭ مةندة نة چارة؟

شېئىر يازدىم شائىر ئةمةسمةن،
بةلكى كۆيچىڭ مةن سېنىڭ پةقةت.
يوللۇرۇڭغا چېچىلغان تۇيغۇم،
ئايىقىڭغا باش قۇيار ئةبةت.

شائىرلىقنى تۇغا ر ئاشىقلىق،
شۇ سةۋةپتىن ئالدىم قةلةمنى.
ھېچكىشىگة سالمىسۇن تةڭرىم،
ماڭا سالغان بۇ دةرىت-ئةلةمنى.
ھىجرانىڭنىڭ دارىدا تۇرۇپ،
بىر ئازاپتىن ئىڭرايدۇ يۈرةك.
بۇ يۈرةكنىڭ دةرىتلىك ھالىنى،
كىم چۈشىنةر سېنىڭدىن بۆلةك؟

قةلىمىمدىن تۆكۈلگةن ھةرگىز،
سىياھ ئةمةس تومۇردىكى قان.
بىلسةڭ نىگار غةمكىن بىر يۈرةك،
ھېجرانىڭدا تةسلىم قىلار جان.

سةن مىسالى بىر مةشۇق سةنةم،
ئاشىقىڭمةن يىگانة غېرىپ.
گۇمانلانساڭ سۆيگۈمدىن ئةگةر،
بۇ يۈرةكنى كۆرۈپ باق يېرىپ.

مىسرالارغا بېرةلمةي بةرداش،
ئۇپراپ كةتتى سةبى يۈرىكىم.
مةيلى نةدة بولساڭ بول ئامان،
شۇدۇر مېنىڭ كۆڭۈل تىلىكىم.

    Hazirqi waqit: Wed Dec 19, 2018 6:37 pm