Bilim Ishqida ( Arman )

Share
avatar
Arman
Munber Mesuli
Munber Mesuli

Jinsi Jinsi : Male
Yeshi Yeshi : 29
Tughulghan Waqti Tughulghan Waqti : 1989-05-25
Orni Orni : گىرمانىيە
Yazma Sani Yazma Sani : 129
Shohriti Shohriti : 374
Tohpisi Tohpisi : 0
Hizmiti / Qiziqishi Hizmiti / Qiziqishi : ئۇقۇغۇچى
Tizimlatqan Waqti Tizimlatqan Waqti : 2010-02-08

Bilim Ishqida ( Arman )

Yollash by Arman on Sat Feb 20, 2010 10:33 am

بىلىم ئىشقىدا

(نىمشىھىت)


جاھان رەنالىرى ئىچرە،بىلىمدەك بىر گۈزەل يار يوق،
بىلىمدىن ئۆزگە تۇتقان يار بۇلۇر ئۇ گاھىدا بار-يوق .

قارا قاشلىق،تۇلۇن ئايلار ساڭا بىرنەچچە كۈن يولداش،
ئەگەر سەن پۇلدىن ئايرىلساڭ،سېنى تاشلايدۇ ھىچ ئار يوق.

كىرىپ كەينىگە نەپسىڭنىڭ بىلىمدىن ئۆزگە يار تۇتساڭ،
بېشىڭغا چۈشسە بىر كۈنلەر،ئۇچاغدا سەن كەبى خار يوق.

قۇلاق سالساڭ مۇھەببەت ئەھلىنىڭ پەريادۇ-ئاھىغ،
يۈتۈپ زەرداپ، دات دىمەكتىن باشقىچە زار يوق.

تەپەككۇر ئەيلىسەڭ،ئىشقى ئەسەرلەرنى ئوقۇپ ھەر دەم،
قاراڭغۇ دەر يورۇق دۇنيانى،ھەم ئالەم كەبى تار يوق.

يۈرۈپ مەنمۇ گۈزەل ئىزدەپ جاھالەتكە ئەسىر بولغان،
خالايىق ئالدىدا يۈرسەم،مېنىڭدەك بەلكى ئەغيار يوق.

ھاياتلىقتا بىلىم قانداق كىشىنىڭ يولدىشى بولسا ،
قەيەرگە بارسا باش قاتماس،بىلىمدەك ئاڭا غەمغار يوق.

بىلىمسىز ساق تېنىڭ مەجرۇھ،ھەمىشە نالۇ-پەرياتتا،
جاھان ئىچرە بىلىمسىزنىڭ تېنىدەك ئەسكى بىمار يوق.

بىلىمگە ئاشىنا بولساڭ،ئۇقۇش ئىشقىدا بۇلبۇل بول،
ئۆگەنمەككە مائارىپ باغچىسىدەك ياخشى گۈلزار يوق.

جاھاننىڭ قايسى يۇچۇق،پۇچمىقىغا باش تىقىپ ياتساڭ،
بىلىم تارتىپ چىقار مەيدانغا ھىچ بىكىمگە ئەخبار يوق.

بىلىم روھى ئۇزۇق ئىنسان ھاياتىغا ،ئەگەر بىلسەڭ ،
بىلىمنىڭ قەدرىنى بىلگۈچى ئۆلمەس،بۇنىڭغا ئىنكار يوق.

چاپان ھۆرمەتلىرى ھىچ چاغ چاپاندىن ئايرىلىپ قالماس،
كېتەر پۇلدىن يىغىلغان ھۆرمىتىڭ پۇل بىرلە،ئەسرار يوق.

چاپان بىرلە ئۆزۈڭنى پارقىراتساڭ بىر بوياقچىسەن،
بىلىم ئەسرى بۈگۈن،سىرلىق چاپانلارغا ئەسرار يوق.

بۇلاردى قولغا كەلگەن ئابروي جىننىڭ چۈشى ئوخشاش،
خىيالى بۇ تىلەكتە سەن كەبى باخشىغا جىندار يوق .

ئۈمۈد قىلما،پەلەك ھەرگىز سېنىڭ بەختىڭگە چۆرگىلمەس،
بۈگۈن باي ئەتە سەندەھىچ گاداي يوق،بەلكى قەرىزدار يوق.

بىلىمدىن چەتتە كۆرگەن راھىتىڭ جاننىڭ جاپاسىدۇ،
جېنىغا جەبرى قىلماققا،بىلىمسىزدەك سىتەمكار يوق.

بىلىمدىن ھەممە ئىش روياپقا چىققان بىر ئەسىردۇر بۇ،
بىلىش لازىمكىن بڭ كۈندە بىلىمسىزگە خۇشتار يوق.

بىلىمدىن باتىنىڭ نۇرلانمىسا،ۆۆڭلىڭ قاراڭغۇ تۈن،
قوياش نۇرىغا مۇنكىر،شەپەرەڭلەرگە مەدەتكار يوق.

زىمننى توپ قىلىپ ئويناشنى سەن چاقچاق گۇمان قىلما ،
ھەقىقەتتۇر بۈگۈن ھەر ئىش،كەمەكتەك جادۇ-ئەييار يوق.

ئەجەپلەنمە، بىلىم نۇرىدا نۇرلانسا كىشى كۆڭلى،
ئۇنىڭغا كۆكتە،سۇدا،تاغدا،دېڭىزدا يۈسە دىشۋار يوق.

بىلىملىك تاغنى باغ ئەيلەشتە،ھۋچقانچە جاپا كۆرمەس،
بىلىمسىز قان يۇتار،نادان كىشىلەردەك جاپاكار يوق.

ئۆزۈڭنى نىمشىھىت،ئەيلە ئۈشبۇ پىكىرگە قۇربان،
بىلىمدىن رىشتە ئۈزگەنلەر كەبى قاتتىق گۇناھكار يوق.


نىمشىھىت-تولۇق ئىسمى نىمشىھىت ئەرمىيا ئىلى سايرامى بولۇپ ،<<نىمشىھىت>> دىگەن سۆزنىڭ مەنىسى يېرىمجان دېمەكلىكتۇر !ئۇ 1906-يىلى باي ناھىيىسىدە توغۇلۇپ ،1972-يىلى 8-ئاينىڭ 22-كۈنى 66 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتكەن .

    Hazirqi waqit: Thu Aug 16, 2018 1:11 pm