بارىندىكى قانلىق قىرغىن

Share
avatar
Arman
Munber Mesuli
Munber Mesuli

Jinsi Jinsi : Male
Yeshi Yeshi : 29
Tughulghan Waqti Tughulghan Waqti : 1989-05-25
Orni Orni : گىرمانىيە
Yazma Sani Yazma Sani : 129
Shohriti Shohriti : 374
Tohpisi Tohpisi : 0
Hizmiti / Qiziqishi Hizmiti / Qiziqishi : ئۇقۇغۇچى
Tizimlatqan Waqti Tizimlatqan Waqti : 2010-02-08

بارىندىكى قانلىق قىرغىن

Yollash by Arman on Fri Apr 01, 2011 6:50 pm

بارىندىكى قانلىق قىرغىن

(5 - ئاپرېل بارىن ئىنقىلابى قۇربانلىرىنىڭ خاتىرە كۈنى)



ئابدۇرەھىم راھمان

بۇ ماقالە قولىمىزدا ساقلىنىۋاتقان ئاپتورنىڭ ئۆز قول يازمىسى بويىچە ئەينەن ئېلان قىلىندى. باشقا يەردە ئېلان قىلىنغان ياكى قىلىنمىغانلىقىدىن خەۋىرىمىز يوق. ئاپتۇر قىرقىزىستاندا ئولتۇراقلىشىپ قالغان ئۇيغۇرلاردىن بولۇپ، ئۇزۇن يىل ئالمۇتادا چىقىدىغان «يېڭى ھايات گېزىتى»نىڭ بېشكىكتە تۇرۇشلۇق مۇخبىرى بولغان شائىر ۋە يازغۇچىدۇر. ― نەشىرگە تەييارلىغۇچىدىن.

كوممۇنىست خىتاي مۇستەملىكىچىلىرىنىڭ مۇقەددەس ۋەتىنىمىز شەرقىي تۈركىستان ئاقتۇ ناھىيىسىنىڭ بارىن يېزىسىدا مۇندىن 7 يىل بۇرۇن ― 1990 - يىلى 5 - ئاپرېلدا ئېلىپ بارغان پۈتكۈل ئىنسانىيەت ئالەمىنىڭ غەزەپ ـ نەپرەتلىرىنى قوزغىغان دەھشەتلىك قىرغىنى ھەققىدە يېزىشتىن ئاۋۋال شۇ ۋاقىتتىكى ئومۇمى ۋەزىيەت توغرىسىدا ئاز ـ تولا توختىلىشقا توغرا كېلىدۇ.

جاھاندىكى دېمۇكراتىك ھەرىكەتلەر بولۇپمۇ شەرقىي ياۋرۇپا بىلەن سابىق سوۋېت ئىمپېرىيەسى تەۋەسىدىكى دېموكراتىك ئۈزگىرىشلەر مۇستەملىكىچىلەرنى تولىمۇ ساراسىمىغا سېلىپ قويدى. جاھاندىكى ھېچ بىر ئىستىبدات ئۆز ھالاكىتىنىڭ يېقىنلاپ كېلىۋاتقانلىقىنى سەزمەسلىكى مۇمكىن ئەمەس. رۇمېنىيە ئىستىبداتى چائۇ شېسكونىڭ ھالاكىتىنى كۆرگەن خىتاي ئەمەلدارلىرى ئۇيقىسىنى يوقاتقان ئىدى. بۇ خاتىرجەمسىزلىكنى ئۇلارنىڭ 1990 - يىلىنىڭ باشلىرىدا ئېلان قىلغان «شەرقىي ياۋرۇپا ۋە سوۋېت ئىتتپاقىنىڭ ۋەزىيىتىدە بولغان ئۈزگىرىشلەر ھەققىدە ئوختۇرۇش» لىرىدىن تولۇق كۆرگىلى بولاتتى. «ئوختۇرۇشتا»: «نۆۋەتتە خەلقئارا مىقياسىتكى سىنىپى كۈرەش مۇرەككەپ ۋە جىددى ئۈزگىرىش بولۇپ تۇرۇۋاتقان ۋەزىيەت ئاستىدا جاھانگىرلىكنىڭ ياۋرۇپادا «تىنچ ئۈزگەرتىۋىتىش» سۈيقەستى ئىشقا ئاشتى. ئۇلار ئەمدى باشقا سوتسىيالىستىك دۆلەتلەرگە بولۇپمۇ دۆلىتىمىزگە قارىتا «تىنچ ئوزگەرتىۋىتىش» سۈيىقەتستلىك ھەرىكەتلىرىنى تېخىمۇ ئېلىپ بارىدۇ... ئىلگىرى شىنجاڭغا قارىتا بۆلگۈنچىلىك ئېلىپ بارغان ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە غەربىي ئاسىيادىكى شەرقىي تۈركىستانچى تۈرلۈك تەشكىلاتلار ئەمدى شىنجاڭغا قارىتا مىللىي بۆلگۈنچىلىك ھەرىكەتلىرىنى تېخىمۇ كۈچەيتىدۇ...» دېيىلگەن. («ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغداش، مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇشقا ئائىت ئۆگىنىش ماتېرىياللىرىدىن تاللانما» ناملىق ئىچكى ماتېرىيالنىڭ 60 – 61 - بەتلەر. كېيىنكى ئىزاھاتلاردا قىسقارتىپلا «تاللانما» دېيىلىدۇ.)

ھەقىقەتەن ئۇلار شەرقىي تۈركىستان، تىبەت، ئىچكى موڭغۇلىيە قاتارلىق مۇستەملىكىلىرىدىن ئايرىلىش ۋاقتى يېتىپ قالغانلىقىنى ھېس قىلىشىپ ئارامىنى تامامەت يوقىتىشقان ئىدى. چۈنكى خىتاينىڭ ھەممە دەۋرىدىكى ئەمەلدارلىرىنىڭ قېنىغا سىڭىپ كەتكەن بىر ئومۇمى ئوخشاشلىقى بار: ئۇ بولسىمۇ ھاكىمىيەت كەتسىمۇ ھاتتا خىتاي زېمىنىنىڭ بىرەر پارچىسى كەتسىمۇ، مۇستەملىكىنى قولدىن بېرىۋەتمەسلىك. مانا شۇ يول بىلەن ئىككى ئەسىردىن بىرى ئۆز مۇستەملىكىلىرىنى چىڭ تۇتۇپ كەلدى.

بىراق خىتاي مۇستەملىكىچىلىرىنىڭ رايىغا بېقىۋىرىدىغان زاماننىڭ كېتىۋاتقانلىقىنى سەزمەسلىكى مۇمكىن ئەمەس. شۇنداق بولسىمۇ ئۆزلىرىنىڭ تەبىئىتىگە خاس جاھىللىقى بىلەن مۇستەملىكىلىرىنى قولدىن بەرمەسلىك ئۈچۈن چىن تىرنىقى بىلەن تىرەجىمەكتە.

بېيجىڭ ۋە ئۈرۈمچى شەھەرلىرىدە مۇستەملىكىچىلەر پارتىيە، ھۆكۈمەت مەسئۇللىرى يىغىنلىرىنى ئۆتكۈزۈپ ئۇنىڭدا قىلىشقان سۆزلىرى پىكىرىمىزگە دەلىل بولالايدۇ.

1990 - يىلى 15 - فېۋرال كۈنى مەملىكەتلىك مىللىي ئىشلار كومىتېتى باشلىقلىرى يېغىنىدا سۆزلىگەن جاڭ زېمىن: «خەلقئاردىكى ئەكسىيەتچى كۈچلەر ۋە مەملىكەت ئىچىدىكى بەزى دۈشمەن ئۇنسۇرلار بۇزغۇنچىلىق قىلىش كويىدا بولىۋاتقانلىقىغا سەل قارىماسلىق كېرەك... ئىچكى، تاشقى بۆلگۈنچى ئۇنسۇرلار ۋە ئەكسىيەتچى كۈچلەر بۇزغۇنچىلىق ھەرىكىتىنى ئەزەلدىن توختىتىپ قويغىنى يوق. تىبەتنى كۆزلەپ تۇرغان دالاي گۇرۇھى، شىنجاڭنى كۆزلەپ تۇرغان ئىيسا گۇرۇھى ۋە ئىچكى مۇڭغۇلىيەنى كۆزلەپ تۇرغان موڭغۇلىيە گۇرۇھى ئىككى يىلنىڭ ئالدىدا شىۋىتسارىيىدە بىرلەشمە ئاپپارات قۇردى. يېڭى دېھلىدا ئورگان ژۇرنال تەسىس قىلدى. ھەتتا دالاي لاما بىزنىڭ شەرقىي ياۋرۇپا يولىدا مېڭىشىمىزنى ئاشكارا تەلەپ قىلدى....«يارىشىش» مەيدانىمنى ئۆزگەرتىمەن، دەپ تەھدىت سالدى... ئىچكى موڭغۇلىيە، تىبەت، شىنجاڭدىكى ئەكسىيەتچىلەرنىڭ توۋلىغان شۇئارلىرى ئوخشاش: ― «يادرو سىنىقى كېرەك ئەمەس»، «بايلىقلارنى تالان ـ تاراج قىلىشقا قارشى تۇرايلى»، «سىرتتىن كەلگەنلەرنى قوغلاپ چىقىرايلى» ― دېيىشىدۇ، دەپ بىر ھازا بىلجىرلىغاندىن كېيىن: «... تەسادىپى يۈز بېرىدىغان ۋەقەلەرنىڭ لايىھەسىنى ئالدىن تۈزۈپ تەييارلىق قىلىپ تۇرۇش كېرەك. تىرىشىپ تۈرلۈك بۇزغۇنچىلىق ھەرىكەتنى پىلانلىنىش باسقۇچىدا توسۇپ بىخ ھالىتىدە يوقىتىش كېرەك» دەپ بۇيرۇق قىلدى.» («تاللانما» 12 -،16 - بەتلەر).

يۇقىرىدا ئېيتىلغان يېغىندا باش مىنىستىر لى پىڭمۇ سۆزگە چىقىپ خىتاي سىياسەتچىلىرىگە خاس ئەزمىلىك بىلەن ئۇزاق بىلجىرلاپ، كۆپ پوپوزىلارنى قىلغاندىن كېيىن سۆزىنى: «بۆلگۈنچىلىك، بۇزغۇنچىلىق ھەرىكەتلىرىنى بىخ ھالىتىدە تۈگىتىشىمىز لازىم»، دەپ تۈگەتتى.

مانا شۇ بىرىنچى سېكرىتار ۋە باش مىنىستىرلارنىڭ ئاغزىدىن چىققان: «بىخ ھالىتىدە يوقىتىش» دېگەن ئىبارىلەر، لەنىتى «مەدەنىيەت ئىنقىلابى» دىن بۇيان باغرى چىلاشقىدەك قان ئىچمىگەن، شەرقىي تۈركىستاندىكى ۋاڭ ئېنماۋ باشلىق خۇنخۇمارلار ئۈچۈن يەنە بىر قېتىم تويغىچە قان ئىچىشكە بېرىلگەن يوللانما ياكى رۇخسەتنامە ئىدى.

شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ قېنىنى 45 يىلدىن بويان شوراپ تۇلۇم چاشقاندەك سەمىرىپ، كۆزلىرى يۇمۇلۇپ شىللىسگە قېزا باغلاپ كەتكەن بۇ قېرى ئىستىبدات ۋاڭ ئېنماۋ ئۆزىنىڭ مەركەزدىن دوپپا سورىسا باش ئەۋەتىپ بېرىدىغان ئادىتى بويىچە بېيجىڭدا جاڭ زېمىن ۋە لې پىڭلار ۋالاقلاشتىن بىر يىل بۇرۇن (1988 - يىلى 14 - مايدا) ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ھەيئەتلەر يىغىنىدا، شەرقىي تۈركىستان ۋەزىيىتى توغرۇلۇق كۆپلىگەن ئەنسىز خەۋەرلەرنى سۆزلەپ بۆلگۈنچىلىككە قارشى كۈرەشكە چاقىرغان ئىدى. مەۋجۇت زىددىيەتلەرنى ئۆزلىرىنىڭ مۇستەملىكىچىلىك سىياسىتىنىڭ ئاقىۋىتى ئىكەنلىكىنى تەن ئالماي، ھەممە «گۇناھ» نى چەتئەلگە دۆڭگەپ ئادەتلەنگەن ۋاڭ ئېنماۋ: «شىنجاڭدىكى خەۋپ نەدىن كېلىدۇ؟» دېگەن سۇئالنى قويۇپ، ئۆزىلا: «مەملىكەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى بۆلگۈنچىلەردىن، ئاساسلىقى چەتئەللەردىكى دۈشمەنلەر ئېلىپ بېرىۋاتقان مىللىي بۆلگۈنچىلىك ھەرىكەتلىرىدىن كېلىدۇ» دەپ جاۋاب بېرىدۇ. ئۇ ئۆز سۆزلىرىنى دەلىللەش ئۈچۈن يەنە: «چەتئەللەردە بۆلگۈنچىلىك ھەرىكەت ئېلىپ بېرىۋاتقان «شەرقىي تۈركىستان ۋەتەن قۇتقۇزۇش فرونتى»، «شەرقىي تۈركىستان مىللىي ئىنقىلاب فرونتى»، «شەرقىي تۈركىستان ساخاۋەت فوندى»، «قازاق تۈركلىرى ساخاۋەت فوندى»، «يېڭى شەرقىي تۈركىستان مۇھاجىرلىرى جەمئىيىتى»، «دۇنيا ئىسلام بىرلەشمىسى»، «شەرقىي تۈركىستان، مانجۇرىيە، موڭغۇلىيە ۋە تىبەت بىرلەشمە كومىتېتى» لاردىن ئىبارەت يەتتە تەشكىلات ئىشلەۋاتىدۇ..» دەپ ئۆتتى. («تاللانما» 45 -، 46 - بەتلەر).

ئەپسۇسكى، چەتئەللەردە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ئاشۇ تەشكىلاتلاردىكى كىشىلەر چەتئەللىك بولماستىن، مۇستەملىكىچىلەر ئازاۋىدىن تۈرلۈك دەۋىرلەردە چەتئەللەرگە چىقىپ كېتىشكە مەجبۇر بولغان. خىتاي بېسىۋالغان يەرلەرنىڭ ھەقىقى ئىگىلىرى ئىكەنلىكىنى ئۇلارنىڭ ئۆز ۋەتىنىنى مۇستەملىكىچىلەردىن ئازات قىلىش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىشى ئىنسانى بۇرچى ئىكەنلىكىنى بۇ قېرى ئىستىبدات ياخشى چۈشەنسىمۇ، ئەتەي ئاشۇنداق بورمىلاپ چۈشەندرۈرشكە ئادەتلىنىۋالغان.

ئاتالمىش ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم بىرىنچى سېكرىتارى سۇڭ خەنلياڭ شەرقىي تۈركىستاندا يۈز بېرىش ئېھتىمالى يېقىنلىشىپ كېلىۋاتقان مىللىي ئازاتلىق ھەرىكەتلىرى ھەققىدە سۆزلەپ «شەرقىي تۈركىستان» مۇستەقللىق بايرىقىنى كۆتۈرۈۋالغان ئىچكى، تاشقى بۆلگۈنچىلەرنىڭ شىنجاڭنىڭ ئومۇمىي ۋەزىيىتىنى مۇقىملاشتۇرۇشقا تەسىر يەتكۈزىۋاتقان ئاساسى خەۋپ ئىكەنلىكىنى سەگەكلىك بىلەن تۇنۇۋېلشىمىز لازىم. بىزنىڭ بۇنداق دېگەنلىكىمىز نىشانىمىز ئوق ئاتقانلىق ئەمەس، بەلكى تولۇق ئاساسقا ئىگە. بۆلگۈنچىلىك ھەرىكىتى ئوبىكتىۋ مەۋجۇت. شىنجاڭدا بۆلگۈنچىلىك بىلەن بۆلگۈنچىلىككە قارشى ھەرىكەت ئەزەلدىن توختاپ قالغان ئەمەس. بەزىدە كەسكىنلىشىپ كەلدى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان خەلقئارا چوڭ كىلىماتىنىڭ تەسىرىدىن كومپارتىيە رەھبەرلىكىنى ئاغدۇرۇش، سوتسىيالىزمنى ئاغدۇرۇش، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى پارچىلاش مەقسەت قىلىنغان نەق ئەكسىلئىنقىلابىي ھەرىكەتلەر باش كۆتۈرۈپ قالدى. مىللىي مۇستەقىللىق داۋاسى قىلىشقا قۇترىتىدىغان سىياسىي دىلولار كۆپەيمەكتە. بۇرۇن كەڭچىلىك بىلەن بىر تەرەپ قىلىنغان، ياكى قاماق مۇددىتى پۈتۈپ قويۇپ بېرىلگەن ئەكسىلئىنقىلابىي تەشكىلات ئەزالىرى، مەسىلەن، «مەدەنىيەت ئىنقىلابىدا» مەنئى قىلىنغان «شەرقىي تۈركىستان پارتىيە» سىنىڭ بەزى ئەزالىرى باش كۆتۈرۈپ پۇرسەت ئىزدەپ ھەرىكەت قىلماقتا. بولۇپمۇ يېڭىدىن ئۇيۇشقان بەزى ئەكسىلئىنقىلابىي تەشكىلاتلار تەشكىلى ۋە پروگراممىسى بولغان ھالدا ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى پارچىلاش يولىدا سىياسى سۇيىقەستلىك ھەرىكەتلىرىنى ئېلىپ بارماقتا. «شەرقىي تۈركىستان» مۇستەقىللىقىنى تەرغىپ قىلىدىغان، شۇنىڭدەك پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتكە زەھەرخەندىلىك بىلەن ھۇجۇم قىلىدىغان ئەكسىيەتچىل شۇئارلار، تەشۋىق ۋاراقلىرى، چوڭ - كىچىك خەتلىك گېزىتلەر پۈتۈن شىنجاڭنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا كۆرۈلمەكتە» دېدى. («تاللانما» 109 – 110 - بەتلەر).

سۇڭ خەنلياڭ تەن ئالغاندەك شەرقىي تۈركىستاندىكى مىللىي ئازاتلىق ھەرىكىتى توختىغان ئەمەس. ھەقىقەتتە توختىشىمۇ مۇمكىن ئەمەس. چۈنكى مۇستەملىكە ئازاۋىنى تارتىۋاتقان خەلق، ئۆزىنىڭ تولۇق مۇستەقىللىقىنى قولغا ئالمىغۇچە توختىمايدۇ، ئەلۋەتتە. ئەنە شۇ توختىماي كېلىۋاتقان مىللىي مۇستەقىللىق ھەرىكىتى 1990 - يىللارغا كەلگەندە يەنىمۇ يېڭى پەللىلەرگە كۆتۈرۈلدى. ئۇنىڭ سەۋەبلىرىنى چەتئەلدىن ئەمەس، مۇستەملىكىچىلەر ئۆزلىرىنىڭ قەبىھ سىياسىتىدىن ئىزدىشى كېرەك. كوممۇنىست مۇستەملىكىچىلىرى ئۆزلىرىدىن بۇرۇنقى خىتاي ھۈكۈمرانلىرىدىنلا ئەمەس، جاھان مۇستەملىكە تارىخىدىكى ئەڭ ياۋۇز مۇستەملىكىچىلەردىن نەچچە ھەسسە ئېشىپ كەتتى. ھېچ بىر مۇستەملىكىچى ئۆز مۇستەملىكىسىنى كوممۇنىستلاردەك بۇلىغان ئەمەس. بۇ مۇستەملىكسىگە كوممۇنستلاردەك خىتاي توشۇغان ئەمەس. كوممۇنىستلاردەك كۆپ قان تۆككەن ئەمەس. كوممۇنىست مۇستەملىكىچىلىرى خەلقنى گادايلاشتۇرۇپلا قالماستىن، ھوقۇقسىز قوللارغا ئايلاندۇردى. ئىنسان ھوقۇقى تامامەن دەپسەندە قىلىندى. ئاتوم سىنىقى بىلەن خەلقىمىزنى زەھەرلەپ قىرغىنى ئازلىق قىلىپ «پىلانلىق تۇغۇت» دېگەن بىرنېمىنى باھانە قىلىپ بوۋاقلارنى بوغۇپ تاشلاشقا يەتتى. كەلكۈندەك كېلىۋاتقان خىتاي ئاققۇنلىرى ئىچىدە بۇ مۇقەددەس يۇرتنىڭ ئىگىلىرى ئەڭ ئاز سانلىق، ئەڭ نامرات، ئەڭ ھوقۇقسىز قۇللىرىغا ئايلىنىپ، مىللەت يوقۇلۇپ كېتىش خەۋپىگە كېلىپ، پىچاق سۆڭەككە يەتكەن چاغدا خەلق «يا ئۆلۈم يا كۆرۈم» دەپ كۆرەشكە ئاتلىنىشقا مەجبۇر بولدى. شۇنىڭ بىلەن شەرقىي تۈركىستاندىكى مىللىي ئازاتلىق ھەرىكەت سۇڭ خەنلياڭ ئۆزى تەن ئالغاندەك ھەممە بولۇڭ - بۇشقاقلارغىچە ئەۋج ئېلىپ كەتتى.

جاي ـ جايلاردا قۇرۇلغان تەشكىلاتلار، گۇرۇپپىلار ئۆزئارا ئالاقە ئورنىتىپ، مەسلىھەتلىشىش بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۆز يەرلىرىدە قوزغىلاڭ ئۈچۈن ماددى ۋە مەنىۋى تەييارلىقلارنى كۆرۈشىۋاتقان بولۇپ، خىتاي جاللاتلىرى قانغا مىلىۋەتكەن بارىن يېزىسىمۇ بۇنىڭ سىرتىدا ئەمەس ئىدى.

شەرقىي تۈركىستاندا پات يېقىندا كۆتۈرۈلۈش ئېھتىمالى بولغان چوڭ كۆلەملىك قوزغىلاڭنى باستۇرۇشقا قادىر ئەمەسلىكىگە كۆزى يەتكەن ۋاڭ ئىنماۋ، سۇڭ خەنلياڭ قاتارلىق خىتاي خونخۇمارلىرى بېيجىڭدىن: «بىخ ھالىتىدە يوقىتىش» نامى بىلەن قان ئىچىشكە رۇخسەت ئالغاندىن كېيىن، پۈتكۈل شەرقىي تۈركىستان خەلقى چۇچىغۇدەك بىر جاللاتلىقنى نامايىش قىلىش ئۈچۈن، قۇزغىلاڭ جەريانلىرىنى سۈنئى ھالدا تېزلىتىپ شۇ يەردىلا باستۇرۇپ، خەلقنىڭ يۈرۈكىنى مۇجۇۋېلىش ئۈچۈن قۇلايلىق جاي دەپ بارىن يېزىسىنى تاللىۋالغان ئىدى. بارىن خەلقى ئىلگىرى بىر قانچە قېتىم قوزغىلىپ مۇستەملىكىچىلەرگە ئۆزلىرىنى تونۇتقان ئىدى. قىرى تۈلكە ۋاڭ ئىنماۋ قەيەردە كۆپرەك قوزغىلاڭ بولسا شۇ يەرگە «مىللەتلەر ئىتتىپاقىنى ساقلاشتا ئۈلگىلىك ئورۇن» دەپ نام بەردى. بۇ نامغا شەھەرلەردىن خوتەن، ناھىيلەردىن قاراقاش، يېزىلاردىن بارىن ئىگە بولغان ئىدى. ئەمەلىيەتتە بۇ ئورۇنلار مۇستەملىكىچىلىككە قارشى ھەرىكەتنى توختاتماي كېلىۋاتقان ئۇرۇنلارغۇ؟!

خىتاي مەككارلىرى خەلقنى ئالداپ، سىرتىدىن پەردازلاپ ھېچ ئىش بولمايۋاتقاندەك كۆرسىتىشكە تىرىشسىمۇ، دىققىتىنى بۇ جايلاردىن مىنۇتمۇ يىراقلاشتۇرمايتتى. خوتەن، قاراقاش، بارىن قاتارلىق جايلارنىڭ ناملىرى ئاتالغاندا، مۇستەملىكىچىلەر يۈرەكلىرىگە خەنجەر سانجىلغاندەك ھېس قىلاتتى. شۇنىڭ ئۈچۈنمۇ قۇزغىلاڭنى سۈنئى ھالدا تېزلىتىشنى دائىرىسى كىچىكرەك، قاتناش شارائىتى قولايسىز بىر بولۇڭ بارىن يېزىسىدىن باشلاشنى پىلانلاشتى.

بارىن يېزىسى ― ئاقتۇ ناھىيە مەركىزىدىن 17 كىلومېتىر غەربىي جەنۇبىغا جايلاشقان. كۆلىمى 1087 چاسا كىلومېتىر بولۇپ، ئاھالىسى خىتاي جاللاتلىرى قىرىۋىتىشتىن بۇرۇن 19659 كىشى ئىدى. تەۋەسىدە 14 مەمۇرى كەنت 63 تەبىئى كەنت بولۇپ، بۇ تەۋەدىكى كىشىلەر ئاق كۆڭۈل، ساپ ۋىجدانلىق، ھالال ئەمگەكچىلەر ئىدى. شۇنىڭ ئۈچۈنمۇ ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ھالال ئەمگەك مېۋىلىرىنى مۇستەملىكىچىلەرنىڭ بولاپ كېتىشىگە قارشى بىر قانچە قېتىم قوزغالغان ئىدى:

1950 - يىلى بارىن 2 - يېزىسىنىڭ سابىق مۇئاۋىن باشلىقى ھېكىم تاش، يېزا خەلقى يېرىم ئاچ ھالەتتە ياشاۋاتقان شارائىتتا خىتايلار يېزا ئاشلىقىنى ئىچىكىرىگە توشۇۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ غەزەپلىنىپ ئۆزىنىڭ يېقىن ئادەملىرى بىلەن ماشىنىلارنى توسۇپ ئاشلىقنى چۈشۈرۈۋېلىپ، ئاچ ـ يالىڭاچ كەمبەغەللەرگە تارقىتىپ بەرگەنلىكى ئۈچۈن مۇستەملىكىچىلەر ھېكىم تاشنى ئۆلتۈرۈۋەتكەن ئىدى.

1969 - يىلى 16 - ئاۋغۇست كۈنى بارىن كوممۇناسىدىكى ئەزىز ئوسمان بەش يۈزدەك كىشىنى ئەگەشتۈرۈپ ئاقتۇ ناھىيىلىك قۇراللار بۆلۈمىدىن نۇرغۇن قۇرال ـ ياراقلارنى ئېلىپ چىقىپ كېتىپ تۆت كۈندىن كېيىن (20 - ئاۋغۇستتا) بارىن كوممۇنا ئىنقىلاب كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى مۇھەممەد ئىيسا مىڭدەك ئادەمگە يېتەكچىلىك قىلىپ، ناھىيىلىك قۇراللار بۆلۈمىگە باستۇرۇپ كىرىپ نۇرغۇن قۇرال ـ ياراقلارغا ئىگە بولغاندىن تاشقىرى قارشى چىققانلار بىلەن بىر مەيدان ئېلىشىپ مۇستەملكىچىلەر تارىخىدا «20 - ئاۋغۇست ۋەقەسى» دەپ نام ئالغان ۋەقەنى يەنى مۇستەملىكىچىلەرنىڭ ئىچلىرىگە لەختە ـ لەختە قان ئۇيۇتىۋەتكەن ۋەقەنى پەيدا قىلىپلا قالماستىن، ياۋۇز جاللات ماۋزېدۇڭ شەخسەن يېتەكچىلىك قىلغان لەنىتى «مەدەنىيەت ئىنقىلابى» نىڭ لۈكچەك ۋە جاللاتلىرى بىلەن ئاخىرغىچە ئېلىشىپ ئۇلارنىڭ شۇم ئاياقلىرىنى ئاقتۇ تەۋەسىگە يولاتمىغان ئىدى.

سۇڭ خەنلياڭ ئۆزى تەن ئالغاندەك «شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىللىقى» نى تەرغىپ قىلىدىغان ھەرىكەت ھەممە يەردە ئەۋج ئېلىۋاتقان شارائىتتا بارىن يېزىسىدىكى بىر تۈركۈم ئىلغار ياشلار ئويۇشۇپ، باشقا يەرلەردىكىلەر تەييارلىق قىلىۋاتاتتى. ئۇلار بىر تەرەپتىن تەشۋىق ـ تەرغىبات ئارقىلىق كىشىلەرنى سەپەرۋەر قىلسا يەنە بىر تەرەپتىن ئۆزلىرىنىڭ ئىمكانىيەتلىرى بويىچە قۇرال ـ ياراق ياساش ۋە سېتىۋېلىش ئىشلىرى بىلەن بەنت ئىدى. سۇڭ خەنلياڭ ئۆز دوكلاتىدا، ئۇ ياشلارنى 1989 - يىلىدىن باشلاپ «شەرقىي تۈركىستان ئىسلام پارتىيىسى» قۇرغان، دەيدۇ. («تاللانما» 119- بەت.)

بۇلار راست شۇنداق پارتىيە قۇرغانمۇ ياكى ۋەتەن تەۋەسىدىكى شۇ ناملىق پارتىيەنىڭ بارىن يېزىسىدىكى ئەزالىرىمۇ بۇ تەرىپى بىزگە نامەلۇم. بىزگە مەلۇمى، بارىن يېزىسىدا زەيدۇن يۈسۈپ، ئابدۇغەنى تۇرسۇن، جامال مۇھەممەد، ئىسھاق ھۇشۇر، ئابدۇرەھىم تۇردى. مۇھەممەد تۇردى، ئەھەد تىلىۋالدى، تۇرغۇن ئىسھاق، مۇھەممەد تۇرسۇن، سىدىق ھاجى ئىسھاق، ئابدۇللاھ قاسىم، رەھىمجان ئەھەد قاتارلىق ئىلغار ۋىجدانلىق ياشلار چوڭقۇر بىلىملىك زەيدۇن قارىنىڭ (زەيدۇن يۈسۈپ) يېتەكچىلىكىدە ۋەتەندە بولغۇسى مىللىي ئازاتلىق ھەرىكەت ئۈچۈن ئويۇشۇپ خەلقنى ئويۇشتۇرۇش ئىشىلىرى بىلەن بىر قاتاردا يەرلىك ئۇسۇلدا مىلتىق، قىلىچ، گىراناتلارنى ياساش بىلەن ئۇلارنى ئىشلىتىشنى مەشىق قىلىش، باشقا جايلاردىكى تەشكىلاتلار بىلەن ئالاقە ئورنىتىپ پائالىيەتلىرىنى ئويغۇنلاشتۇرۇشنى نىيەت قىلىشىۋاتاتتى. تەشكىلاتتىكى ئونچە كىشى ئىچىدە ئابدۇرەھىم تۇردى، مۇھەممەد تۇرسۇندىن ئىبارەت ئىككى كىشىنى ئالاقە ئىشلىرىغا مەسئۇل قىلىشىمۇ پىكىرىمىزنى تەستىقلايدۇ. شۇنداقلا سۇڭ خەنلياڭنىڭ ئۆزىمۇ تەستىقلايدۇ. قوزغىلاڭ ھەققىدە غەزەپ بىلەن دوكىلات قىلغان سۇڭ خەنلياڭ: «...ئۇلار ھەتتا «بىز كۆرەش قىلىپ خىتايلارنى قوغلاپ چىقىرىشىمىز كېرەك... دۆلەت ئىچىدىمۇ، سىرتىدىمۇ بىزنى قوللايدىغانلار بار... بىز تەشكىللىنىپ بولدۇق، يۇقىرىدىن بۇيرۇق چۇشسىلا ھەرىكەت قىلىمىز..» دەپ غالجىرلىق بىلەن جار سېلىپ ھە دەپ ئەكسىلئىنقىلابىي جامائەت پىكرى توپلىغان» دەيدۇ. («تاللانما» 118- بەت.)

شۇنداقلا سۇڭ خەنلياڭ «زەيدۇن يۈسۈپ جامائەت خەۋپسىزلىك ئورگانلىرى تاپالماي يۈرگەن قاغىلىقلىق قاتىل جىنايەتچى ئوبۇلقاسىمنى تېپىپ كېلىپ 1990 - يىلى 20 - مارتتىن باشلاپ كىشىلەرگە مىلتىق ئېتىش، قىلىچ چېپىش، گىرانات ئېتىش قاتارلىق ئۇرۇش مەشقلىرىنى ئۆگەتكۈزگەن» دەيدۇ. («تاللانما» 144- بەت.)

ئوبۇلقاسىمنىڭ ئىنقىلابچىلارغا ئۇرۇش ئەسلىھەلىرىنى ئىشلىتىشنى ئۆگىتىش ئۈچۈن 15 كۈن تولىمۇ يېتەرسىز ۋاقىت ئىدى، ئەلۋەتتە.

دېمەك، بارىندىكى تەييارلىق ئۈستىدىكى ئىنقىلابچى ياشلار شۇ كۈنلەردە قوزغىلىپ چىقىش ئويىدىن خېلىلا يىراق ئىدى. خىتاي مۇستەملىكىچىلىرى باشقا يەرلەردىكىگە ئوخشاشلا بارىندىكى تەشكىلاتلاردىنىمۇ خېلى بۇرۇن خەۋەردار ئىدى. كۆپ يىللار سىنىقىدىن ئۆتكەن «ئۇرۇپ كىرگۈزۈش» ئۇسۇلى بىلەن بۇلارنىڭ ئىچىگىمۇ مىللىي مۇناپىقلارنى كىرگۈزىۋېتىپ شۇلار ئارقىلىق قارا نىيەتلىرىنى ئىشقا ئاشۇردى...

باشتا 10دىن 20 دىن ساقچى كېلىپ تەشكىلات ئەزالىرىنى تۇتۇشقا باشلىقاندا خەلق ئۆز پەرزەنتلىرىنى جاللاتلار قولىغا بەرمەي ئۇلارنىڭ دەككىسىنى بەردى. كىمنى تۇتۇپ كېتىپتۇ دېسە، ئارقىسىدىن قوغلىشىپ بىرىپ، جاللاتلارنىڭ قوللىرىدىن قۇتۇلدۇرۇشتى. زەيدۇن يۈسۈپنى تۇتۇش ئۈچۈن بارغان بەش چىرىك قۇرال ـ يارىقىدىن ئايرىلىپ يارىدار ياندى. شۇنداق قىلىپ دەسلەپتە 40 – 50 كېيىن 150 - 200 ئاخىرىدا 500 دەك جاللات بارىنغا كېلىپ خەلقكە تەھدىد سالغاندا قەھرىمان بارىن ياشلىرى «يېتىپ قالغۇچە ئېتىپ قال» دەپ ئۇلار بىلەن ئۆزمۇ ئۆز ئېلىشىپ نۇرغۇنلىرىنى يەر چىشلىپ، كۆپلىرى ۋەتەن مۇستەقىللىقى ئۈچۈن جەڭ مەيدانىدا قۇربان بولۇشتى. مۇستەملىكىچىلەرنىڭ جاللاتلىرى شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھەممىلا يېرىدىن ئەمەس، ھەتتا ئىچكىرى خىتايدىنمۇ كېلىپ نوپۇسى 20 مىڭغا يەتمەيدىغان بىر يېزنىڭ خەلقىنى قىرىشىپ بەردى. ئىچكىرى خىتايدىنمۇ جاللاتلارنىڭ ياردەمگە كەلگەنلىكىنى قانخۇر ۋاڭ ئىنماۋنىڭ 4 - ئاينىڭ 21 - كۈنى سۆزلىگەن سۆزىدىكى: «... قوزغىلاڭنى باستۇرۇشقا ياردەم كۆرسەتكەن لەنجۇ ھەربىي رايونىنىڭ سىياسى كۆمىسارى ليۇشۋەن خۇا، مۇئاۋىن قۇماندان دۇڭجەنلىڭلارغا رەھمەت»، ئېيتىشىدىن بىلىشكە بولىدۇ. شەرقىي تۈركىستاننىڭ جاي ـ جايلىرىدىن ۋە ئىچكىرى خىتايدىن كەلگەن سانسىز جاللاتلار شۇ دەرىجىدە ۋەھشىلىك بىلەن قەتلىئام قىلدىكى مەشھۇر جاللاتلار جاۋخۇي ۋە زوزۇڭتاڭلاردىن نەچچە ھەسسە ئېشىپ كەتتى. بۇ جاللاتلار بېسىپ ئۆتكەن يوللاردا بىرمۇ تىرىك جان قالدۇرماستىن 8 - يېزىنى گورىستانلىققا ئايلاندۇرۇۋەتتى. ھەتتا بۆشۈكتە ياتقان بالىلارنىمۇ پىلىمۇت بىلەن ئېتىپ، بۆشۈكلەرنى ئۆتمۇ تۆشۈك قىلىۋەتكەن...

خوتۇنلىرى قىز تۇغۇپ قالسىمۇ چەتئەلگە دوڭگەيدىغان خىتاي مۇتتەھەملىرىنىڭ دوڭگەشلىرىنىڭ ئاساسىزلىقلىقىنى بۇ نۇۋەت ئۆزلىرى ئىسپاتلاپ قويدى. قانلىق باستۇرۇشتىن كېيىن قولغا چۈشكەن قۇراللار ھەققىدە سۆزلىگەن سۇڭ خەنلياڭ: «ئۇلار قۇرال ـ ياراق دورىلارنى مەخپىي سېتىۋالغان ۋە ياسىغان... قىسىملىرىمىز ئۇلار ئۆزى يەرلىك ئۇسۇل بىلەن ياسىغان نۇرغۇن گىرانات، قول بومبىسى، پارتلاتقۇچ بومبا، قىلىچ قاتارلىق قۇراللارنى قولغا چۈشەردى. بۇ قۇرال ـ ياراق، ئوق ـ دورىلارنىڭ سانى ناھايىتى كۆپ، يېتەرلىك ئىكەن. بۇ ئۇلارنىڭ ئۇزاق مۇددەت تەييارلىق كۆرگەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. گىراناتلىرىنىڭ بەزىلىرى چۈيۈندىن، بەزىلىرى پولات تۇربىدىن ياسالغان، زەربە بېرىش كۈچى ناھايىتى زور ئىكەن. قىلىچلارنىڭ ئۇزۇنلىرى 60 سانتىمېتىر، قىسقىلىرى 30سانتىمېتىر بولۇپ، ئالاھىدە ياساشقان. نۇرغۇن كىشىلەر يەرلىك گىرانات ئېتىش بويىچە مەخسۇس تەربىيىلەنگەن»، دەيدۇ. («تاللانما» 140 - بەت).

بىرەرمۇ چەتئەلدىن كەلگەن ئادەم، بىرەرمۇ چەتئەلدە ياسالغان قۇرال تاپالمىسىمۇ يەنە بۇ خىتاي مۇتتىھەملىرى ھەممىنىلا چەتئەلگە دۆڭگەپ، قوزغىلاڭلارنىڭ پەقەت ئۆزلىرىنىڭ قەبىھ مۇستەملىكىچلىك سىياسىتىگە قارشى بولىۋاتقانلىقىنى تەن ئالغۇسى كەلمەيدۇ.

سۇڭ خەنلياڭ مەلۇماتىدىن كېيىن خەلقىمىزنىڭ قۇرال ياساشنى ئۇنتۇپ قالمىغانلىقىنى ئاڭلاپ قانۇنى پەخىرلەنسەكمۇ، بۇ پەخىرلىنىشنىڭ ئۆزىلا كۇپايە قىلمايدۇ. دېمەكچى بولغىنىم: ۋەتەندە مىڭلارچە قېرىنداشلىرىمىز ھۆرلۈك ـ ئازاتلىق ئۈچۈن ئەزىز جانلىرىدىن كېچىۋاتقان ۋاقىتتا ئەركىن دۇنيادا ياشاۋتقان، ئۆزلىرىنى «ۋەتەنپەرۋەر» ئاتىۋالغان كىشىلەرنىڭ كۆپچىلىكى ئۆزلىرىنى بازارغا سېلىش بىلەن ئەۋارە، مىكيانمۇ بىر تۇخۇم بېرىۋىتىپ ئاندىن 10 - 20 ۋاقىرايدۇ. بەزىلەر شۇ مىكىيانچىلىك بىر تۇخۇم بەرمەي تۇرۇپ ھەتتا بەزەن خەلقكە قارشى ئىش قىلىپ تۇرۇپ، شۇ خەلقنىڭ «لىدىرى بولىمەن» دەپ پۇتمىگەن ئۆينىڭ تۆرىنى تالىشىپ بىر ـ بىرىنىڭ يۆزلىرىگە پاتقاق چېچىش بىلەنلا قالماستىن، شەھەرمۇ شەھەرلا ئەمەس، ھەتتا دۆلەتمۇ دۆلەت يۈگۈرۈپ پىتنە ـ پاسات، بۆلگۈنچىلىك ئۇرۇغىنى چېچىپ، بىر خەلقنى بىر نەچچىگە بۆلۈۋىتىپ، دوستقا تاپا، دۈشمەنگە كۈلكە قىلماقتا. ئاخىرقى ھېسابتا دۈشمەن ئۈچۈن ئىشلىمەكتە...

«ۋەتەنپەرۋەرلەر» ئۆز ئۆزىنى بازارغا سالىدىغان ئىشلارنى قىسقارتىپ، ۋەتەن، مىللەت يولىدا قۇربان بولغان ۋە تۈرمىلەردە چىدىغۇسىز ئازاب چېكىۋاتقان جەسۇر قەھرىمانلىرىمىزنى ھەمىشە يادىمىزدا تۇتۇپ، قۇربان بولغانلارنى ئەسلەش بىلەنلا قالماستىن، شەرەپلىك ناملىرىنى تىكلەپ، تىرىكلىرىگە ئەمەلى مەدەت بەرگەن بولساق ئۆزىمىزنى مىڭ قېتىم بازارغا سالغاندەك ئۇلۇق ئىش بولغان بولاتتى.

مەن ۋەتەنداشلىرىم بىلەن تۆۋەندە ئىككى مەسىلىدە كېلىشۋالماقچىمەن:

بىرىنچىسى: بەزى ئۇششاق - چۇشەك مەتبۇئاتلاردا «بارىن دېھقانلار قوزغىلىڭى» دېگەن سۆزلەر پەيدا بولۇپ قېلىۋاتىدۇ. بۇ ئىنتايىن ساۋاتسىزلىق. «دېھقانلا قوزغىلىڭى» بىلەن مىللىي ئازاتلىق قوزغىلىڭىنى پەرق قىلالماسلىق تامامەن ئەقىلسىزلىق. شۇنىڭ ئۈچۈن بارىن قوزغىلىڭىنى قەتئى ھالدا «مىللىي ئازاتلىق قوزغىلىڭى» دەپ بېكىتىشىمىز، ئۇنىڭغا شامال كىرگۈزمەسلىكىمىز كېرەك.

ئىككىنچىسى: بىزنىڭ ياشلىرىمىزنىڭ كۆپ قىسىمى خىتاي ۋەتەنپەرۋەرلىرىدىن لى دا جاۋ، فاڭ جىمىن، دۇڭ سۇڭ رويلا بىلەن رۇسلاردىن ئالىكساندىرما تورونسوۋ، ئولىگە كوشېۋۋى، زوياكو سىمىدىما نىسكايالارنى ياخشى بىلىدۇ. بۇ يامان ئىش ئەمەس ئەلۋەتتە. ئۆز قەھرىمانلىرىمىزنىڭ ئىسم شەرىپلىرىنى بىلمەسلىك ئەلۋەتتە يامان ئىش. زەيدۇن يۈسۈپ باشلىق بارىن قەھرىمانلىرىنىڭ قىلغان ئىشلىرى تارىختا ئۆتكەن ھېچ بىر قەھرىمانلارنىڭكىدىن قېلىشمايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلارنى ھەر بىر شەرقىي تۈركىستانلىق بىلىشى ۋە ئىسم ـ شەرىپلىرىنى يادلاپ، روھىغا دۇئا قىلىشلىرى كېرەك. مەن ۋەتەن ئىچى ۋە سىرتىدىكى ھەممە ۋەتەنداشلىرىمغا ھەر يىلى 5 - ئاپرېل كۈنىنى «بارىن قۇربانلىرىنىڭ خاتىرە كۈنى» دەپ بېكىتىپ، ھەر يىلى بۇ كۈننى ھەممە جامائەت تەشكىلاتلىرى ھەتتا ھەر بىر ئائىلىلەردە خاتىرىلەشنى ئادەتكە ئايلاندۇرۇشىنى تەكلىپ قىلغان بولاتتىم. بارىن قەھرىمانلىرىنىڭ ئىسىلمىرى يۇقىرىدا يېزىلغان بولسىمۇ كېيىنكى تەكلىۋىمنى قۇۋەتلەش يۈزىسىدىن تىزىمىنى قايتا يېزىشنى مۇۋاپىق كۆردۈم. (ھازىرچە بىزگە مەلۇم بولغانلىرى):

1 ـ زەيدۇن يۈسۈپ (زەيدۇن قارى) 26 ياش، تەشكىلات باشلىقى.

2 ـ ئابدۇغەنى تۇرسۇن ئورۇنباسارى.

3 ـ جامال مۇھەممەد 28 ياش، ھەربىي قۇماندان.

4 ـ ئىسھاق ھۇشۇر ئارقا سەپ تەمىنات مەسئۇلى.

5 - ئابدۇرەھىم تۇردى.

6 - مۇھەممەد تۇرسۇن 23 ياش بۇ ئىككىسى ئالاقە ئىشلىرىغا مەسئۇل.

7 - مۇھەممەد تۇردى بىرىنچى تۈركۈم جەڭچىلەرگە مەسئۇل.

8 - ئەھەد تىلىۋالدى ئىككىنچى تۈركۈم جەڭچىلەرگە مەسئۇل.

9 ـ ئوبۇلقاسىم ئىبراھىم ئاتلىق جەڭچىلەرگە مەسئۇل.

10 ـ تۇرغۇن ئىسھاق.

11 ـ سىددىق ھاجى ئىسھاق 26 ياش.

12 ـ ئابدۇللاھ قاسىم 30 ياش.

13 ـ رەھىمجان ئەمەت پارتلىتىش ئىشلىرىغا مەسئۇل.

بۇلارنىڭ ئىچىدىن زەيدۇن يۈسۈپ، ئىسھاق ھوشۇر، ئابدۇرەھىم تۇردى، مۇھەممەد تۇرسۇن قاتارلىق يىگىتلەر بىرىنچى كۈنىدىكى جەڭدىلا (1990 - 5 - ئاپرېل) ھازىرچە بىزگە ئىسىمى مەلۇم بولمىغان بىر قانچە سەپداشلىرى بىلەن قەھرىمانلارچە شەھىد بولغان ئىدى. ياتقان يەرلىرى جەننەتتە بولسۇن، ئامىن!

قالغانلىرىنىڭ بىر قىسىمى تۈرمىلەرگە تاشلىنىپ، بىر قىسىمى قېچىپ كەتكەن ئىدى. بىراق كۆزىگە قان تولغان خىتاي جاللاتلىرى قاچقانلارنى قوغلاپ يۈرۈپ ئېتىشنى بىر نەچچە ئاي داۋام قىلدى. شۇنىڭ ئۈچۈن كىملەرنىڭ جەسەتلىرى قەيەرلەردە قالغانلىقى ۋە كىملەرنىڭ قايسى تۈرمىلەردە ئازابلىنىۋاتقانلقى ھەققىدە سۆز ئېيتىش قېيىن. بەزى بىر «ئىچكى ماتېرىيال» لاردىكى ئانچە ـ مۇنچە سۆزلەرنى ھېسابقا ئالمىغاندا خىتايدا بارىن توغرۇلۇق يېزىلمايدۇ، كۆرسىتىلمەيدۇ. مۇخبىرلارمۇ بارالمايدۇ. ۋەتەن ئازات بولغاندا بۇ ھەقتە يازارمىز. ھازىرچە شەھىدلار روھىغا دۇئا قىلىپ، ھايات قالغانلىرىغا ئامانلىق ۋە چىدام تىلەش بىلەن ۋەزىپىمىزنى ئۆتەپ تۇرىمىز...»

بارىندىكى قوزغىلاڭ قانلىق باستۇرۇلۇپ يېرىم ئاي ئۆتكەندىن كېيىن (90 - يىل 21 - ئاپرېل) جاللات ۋاڭ ئىنماۋ: «بارىن يېزىسىدا يۈز بەرگەن توپىلاڭ قايتا يۈز بەرمەيدۇ، دېيىشكە بولمايدۇ. بىز باشقا جايلاردىمۇ يۈز بېرىشى ھەتتا بارىن يېزىسىدىكىدىنمۇ كەڭ دائىرىلىك، خارەكتېرى تېخىمۇ ئېغىرراق يۈز بىرىشى مۇمكىن، دەپ تەھلىل قىلىشىمىز كېرەك» دەپ ئۆزلىرىنىڭ ئەندىشىسىنى بايان قىلدى. («تاللانما» 84- بەت) بۇ ھەقىقەت. مۇستەملىكىچىلىك، ئىستىبدالىق زاۋاللىققا رەسمى يۈز تۇتتى. مىللىي مۇستەقىللىق ھەرىكىتىمىزنىڭ يالقۇنى مۇستەملىكىچىلەرگە تۇشمۇ تۇشتىن تۇتۇشىدىغان ۋاقىت يېقىنلاپ كېلىۋاتىدۇ. ئەنە شۇ كۈرەشلەردە ئۈزۈل - كېسىل غەلىبىگە ئېرىشىشمىز ئۈچۈن بارىن روھى بىزگە ئۈلگە بولغۇسى.

ۋاڭ ئىنماۋ يەنە: «بارىندا نېمە ئۈچۈن قوزغىلاڭچىلار تەرەپكە ھەممىسى ئوتۇپ كەتتى؟» دەپ سۇئال قويۇپ، ئۆزىلا: «ئاساسى قاتلام پارتىيە رەھبەرلىكى ئاجىز، تەلىم ـ تەربىيە خىزمىتى ئاجىز بولغانلىقىدىن» دەپ ئاددىغىنا جاۋاب بەردى.

بىز ئۇنىڭغا دەيمىزكى: ياق، سىلەردە تەلىم ـ تەربىيە يېتىپ ئاشىدۇ. بارىندا خەلقنىڭ ئىنقىلابچىلارغا ئەگىشىپ كېتىشدىكى سەۋەب شۇكى، 1 ـ ئۇلارنىڭ ئىشى ھەققانىي ئىش، 2 - سىلەرنىڭ سىياسىتىڭلار ۋەھشىلىكىڭلار چېكىدىن ئاشتى. 20 - ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا ياشاۋاتساڭلارمۇ ئوتتۇرا ئەسىر مۇستەبىتلىكىدىن كېچەلمەيۋاتىسلەر، 3 - 200 يىلدىن بىرى سىلەرگە بويسۇنماي كەلگەن بۇ خەلق ئۆزىنىڭ ئىنسانلىقىنى، ھەممە ئىنسانلارغا ئوخشاش ئۆز تەقدىرلىرىنى ئۆزى ھەل قىلىش ھوقۇقىغا ئىگە ئىكەنلىكىنى يەنىمۇ ياخشى چۈشەندى. شۇنىڭ ئۈچۈن بارىندىكى ئىنقىلابقا خەلق تولۇق قوشۇلۇپ كەتتى. سىلەر بارىننى قانغا مىلىۋېتىپ خەلقنىڭ تېخىمۇ غەزەپ ـ نەپرىتىنى ئاشۇردىڭلار، خالاس. بۇ غەزەپ ـ نەپرەت سىلەرنىڭ ھالاكىتىڭلارنى تېزلىتىدۇ، ئەلۋەتتە.

1997 - يىلى 21 - يانۋار بېشكەك (قىرغىزىستان)

    Hazirqi waqit: Thu Sep 20, 2018 1:38 pm