Burut Majirasi ( Arman )

Share
avatar
Arman
Munber Mesuli
Munber Mesuli

Jinsi Jinsi : Male
Yeshi Yeshi : 28
Tughulghan Waqti Tughulghan Waqti : 1989-05-25
Orni Orni : گىرمانىيە
Yazma Sani Yazma Sani : 129
Shohriti Shohriti : 374
Tohpisi Tohpisi : 0
Hizmiti / Qiziqishi Hizmiti / Qiziqishi : ئۇقۇغۇچى
Tizimlatqan Waqti Tizimlatqan Waqti : 2010-02-08

Burut Majirasi ( Arman )

Yollash by Arman on Sat Feb 20, 2010 5:36 pm

بۇرۇت ماجىراسى

(مەمتىمىن ھۇشۇر)


يەكشەنبە كۈنى بازار ئايلىنىپ كەلمەكچى بولۇپ كوچىغا چىقىۋېدىم،كىمدۇر بىرى ئارقامدىن دولامغا شاپىلاقلىدى،بۇرۇلۇپ ئېسىل كاستۇم-بۇرۇلكا كىيىپ،قارا كۆزەينەك تاقىغان بىرىكىشىنىڭ ماڭا قاراپ كۈلۈپ قول ئۇزىتىپ تۇرغانلىقىنى كۆردۈم.
-ياخشىمۇ سىز؟سىز بىلەن كۆرۈشكەنلىكىم ئۈچۈن ئۆزۈمنى ئىنتايىن بەختلىك ھېس قىلىمەن.
-رەھمەت!-دەپ قولىنى سىقتىم.
-رەھمىتڭىزگە ئېرىشكەنلىكىم ئۈچۈن يەنە بىرقېتىم تەشەككۈرىمنى ئېيتىشقا رۇخسەت قىلغايسىز!
《بۇ كىم بولغىيدى؟》دەپ ھەيرانلا قالدىم،كۆزەينىكىنى ئېلىۋېتىۋېدى،ئېسىمگە كەلدى.
-ھە،سىز ھېلىقى ھېكايىنىڭ ...
-شۇنداق،شۇنداق .تونۇۋالدىڭىز،زېھىنىڭىزگە ئاپىرىن.سىزگە《 ساراڭ》 دېگەن ھېكايىنى ئاپىرىپ بەرگەن كىشى مەن بولىمەن.
-كېيىم-كېچىكىڭىز ،گەپ-سۆزلىرىڭىز ئۆزگىرىپ كېتىپتىغۇ،تونۇماي قالغىلى تاسلا قاپتىمەن.
-مەن سىزگە دېگەنتىمغۇ؟زامان ئۆزگىرىۋاتىدۇ.ئۆتكەندە مەن سىزنىڭكىگە كىيىپ بارغان ھېلىقى چاپىنىمنى ھازىر خوتۇنۇم نان ياققاندا كىيىپ يۈرىدۇ،يازغان ئەسىرىمىنىڭ ژۇرنالغا بېسىلغىنىنى كۆرۈپلا مانا بۇ كاستىيۇم-بۇرۇلكىنى سېتىۋالدىم،چەتئەلنىڭ شىلەپىسىدىن بىرنى دەمسىز؟ئادەمنىڭ بېشىدا گارشۇكنى دۈم كۆمتۈرۈپ قويغاندەك تۇرىدىغان ئۇ نېمە بىلەن پەقەتلا خۇشۇم يوق دەڭا.ئادەملەر ئۇنى ياراشقانلىقىدىن كىيىپ يۈرىدۇ دەمسىز؟مەن سىزگە ئېيتاي،چەتئەللىكلەر ھېلىغۇ شىلەپە ئىكەن،بېشىغا شاپاقنى كىيىپ كەلگەن بولسىمۇ،《قاراڭلار،بىرئوبدان يارىشىدىكەن-ھە،نەچچە ۋاقىتتىن بېرى نېمىشقا كىيمىگەندىمىز》دەپ شۇنىمۇ كېيىۋالىدىغانلار چىقىدۇ...سەپسالغانسىز،بەزىلەر ھازىر توي-تۆكۈنلەردىمۇ تاۋاققا ئازراق پولۇنى ئازراق ئاشۇرۇپ قويۇشنىمۇ 《مەدەنىيەت》 دەپ بىلىدىغان بولۇپ كەتتى...ئاڭلىدىڭىزمۇ،ياپونلار سىناق قىلىپ ئاتقان بىربومبا ئاسمانغا چىقىپ كېتىپ تېخى چۈشمەيۋاتقۇدەك،شۇڭا ھاۋا ئىسسىپ كېتىپ بارامدىكىن دەيمەن.قاراڭ ئىككىنچى ئاي كىرە-كىرمەيلا ئىللىق شامال چىقىۋاتقانلىقىنى،بازار چۆرگىلەپ يۈرگۈچە مەلىڭىزدە لەگلەك چىقارسىڭىز بولمامدۇ؟...
《ساراڭ》نىڭ ئاپتورى ئەنە شۇنداق تاغدىن-باغدىن سۆزلىگىلى تۇردى،ئۆتكەن-كەچكەنلەر نېمە دەپ قېلىۋاتىدىكىن،دەپ ئەتراپىمغا قاراپ قويدۇم،خۇدايا شۈكرى!ھېچكىم بنىزنىڭ گەپ-سۆزلىرىمىزگە دىققەت قىلماپتۇ.
-پۇلنى تاپشۇرىۋالدىڭىزمۇ-دېدىم ئۇنىڭ سۆزىنى بۆلۈپ.
-ھە،ھە...تاپشۇرۇۋالدىم،بىكارلا ئەۋەتىپسىز،ئەسەرنى ئۆزىڭىزنىڭ نامىدا ئېلان قىلغاندىن كېيىن قەلەم ھەقققىنىمۇ بەھۇزۇر خەجلەۋەرگەن بولسىڭىز بولاتتى،ھېكايەمنى ئووقۇپ قانچىلىك خۇش بولغانلىقىمنى دېمەمسىز،شۇخۇشاللىقىمدا يەنە بىر ھېكايە يېزىۋەتتىم،شۇنداق قىلىپ مەنمۇ يازغۇچى بولۇپ قالىمەنمۇ،قانداق؟...يازغۇچى دېگەنلەرنىڭ بەزىلىرى خىيالىغا كەلگەننى توقۇپ،ئوقۇغۇچىنى يالاڭ قات يىپتا ئۇچۇرۇپ ئوينايدىغان نېمىلەرمىكىن،دەيمەن...بۇمۇ ھېلىقى ئىزا تارتماي سۆزلەۋەرسە چاقچاقچى بولۇپ قالغاندەكلا بىر گەپ دەڭا!؟...
ئۇ شۇنداق 《مەنىسى چوڭقۇر》چۈشىنىكسىز گەپلەرنى قىلغىنىچە قوينىدىن بىرتۇتام ئورىگىنالنى ئېلىپ،قولۇمغا تۇتقۇزۇپ قويدى.
-ھېلىقى تۈكۈرۈك توغرىسىدىكى ئەسىرىڭىزمۇ نېمە؟
-ئۇ گەپلەرمۇ ئېسىڭىزدىىن چىقماپتۇ،ھە!ئۇنىمۇيېزىپ قالارمەن،بۇنىڭدىكىس باشقا گەپ...-ئۇ بۇرۇلۇپ ماڭدى-دە.بىر-ئىككى قەدەم باسمايلا يەنە ئارقىغا قاراپ،-ھېلىقى كېلىشكىنىمىز بويىچە بۇنىمۇ ئۆز نامىڭىزدا ھەيدەۋېرىڭ!-دەپلا كىشىلەر ئارىسىغا كىرىپ غايىب بولدى.
كوچا ئارىلاشتىن رايىم يالتيىپ،ئۆيگە قايتىپ كەلدىم،يالغۇز كىشىلىك ساپايىمدا ئولتۇرۇپ،ئۇنىڭ بۇ يېڭى ھېكايىسىنى ئوقۇشقا باشلىدىم.
* * * * * *
《بۇرۇت قويغانلارنى تىزىملاۋاتقۇدەك》دەپ ئاڭىلاپ ھەيران بولۇپ قالدىم،نوپۇس خەتلىگەننى،مەھەللىدە ساۋاتسىزلارنى،ئەخلەت پۇلى تۆلىمىگەنلەرنى تىزىملىغاننى كۆرگەن؛مۇشۇ ياشقا كىرىپ بۇرۇت قويغانلارنى تىزىملىغاننى ئاڭلاپ باقماپتىكەنمەن.توغرا،ھېلىقى بىريىللاردا ساقال-بۇرۇتلارنى قايچىلىغاندەك ئىشلار بولۇۋېدى،يەنە شۇنداق بىر پالاكەت يۈز بەردىمۇ-يا!...
تۇرۇپلا ئۆز-ئۆزۈمدىن ئەندىشىگە چۈشۈپ قالدىم،كوچىغا چىقسام ،مەھەللىمىزنىڭ قوغداش ھەيئىتى ئۆمەرجان كېلىۋاتقانىكەن،《نېمىلا بولسۇن بىر سوراپ باقاي》دەپ ئالدىغا بېرىپ سالاملاشتىم.
-ئۆمەرجان،بۇرۇتى بارلارنى تىزىملاۋاتقۇدەك،دەپ ئاڭلىدىم،راسىتمۇ؟
ئۆمەرجان توختاپ ماڭا تازابىر قارىۋەتتى-دە:
-بەلكى،سىلى قاچاننىڭياقى بۇرۇت قويىۋالغانتىڭلار؟-دەپ ھەيران بولدى.
-بىرەر يىلچە بولۇپ قالدى،قارىمامسىلەر،بىزنىڭ ھېلىقى چوڭ ئوغۇل ئەخمەتقان قىلغان ئىشىنىڭ تايىنى يوق،ھالىغا باقماي بۇرۇت قويۇۋېلىپ مېنى خىجىل قىلىپ قويدى،بالا بۇرۇت قويغاندىن كېيىن ئاتا بولغان ئادەم تاپتاقىر يۈرسەك بىرقىسىما تۇرىدىكەن.
-مۇنداق دەڭلا،-دەپ ئەتراپىغا قاراپ پىچىرلىدى ئۇ ،-سىلىنىڭ ماۋۇ بۇرۇتۇڭلىغۇ ئانچە گۇمانلىنىپ كەتكۈدەك بۇرۇت ئەمەسكەن.ئۈچ-تۆت كۈننىڭ ئالدىدا مۇنۇ بازاردا سىلىگە ئوخشايدىغان ئېگىز بوي،شاپ بۇرۇتتىن بىرسى كۈپكۈندۈزدىلا پىچاق كۆتۈرۈپ ئادەم بوغۇزلىماقچى بولغان ئوخشايدۇ،ھازىر بازار باشلىقىنىڭ ئۆزى بۇ ئىشنى تەكشۈرۈۋاتىدۇ ...
ئۆمەرجان شۇنداق ئۇچۇر بېرىپلا ئۆتۈپ كەتتى،بۇ گەپنى ئاڭلاپ چۆچۈپ كەتتىم،《بويۇمنىڭ ئېگىزلىكى بېشىمغا بالا بولامدۇ،قانداق؟...ئۆمەرجاننىڭ ‹سىلىنىڭ بۇرۇتۇڭلىغۇ ئانچە گۇمانلىنىپ كەتكۈدەك بۇرۇت ئەمەسكەن›دېگىنىگە قارىغاندا،خۇداغا شۈكىرى،ھېلىقى قاتىلغا بويۇم ئوخشىغان بىلەن بۇرۇتۇم ئوخشىمىغان بولسا كېرەك،...‹شاپ بۇرۇت›دېگىنى قانداق بۇرۇت بولغىيدى؟بۇرۇنلاردا ھەۋەسكە بۇرۇت قويۇپ،بۇرۇتنىڭ ئىككى ئۇچىنى قۇلىقىغا يۆگىۋالىدىغانلار بولىدىغان دەپ ئاڭلىۋېدىم.شاپ بۇرۇت دېگىنى شۇندىقىدىن بولسا كېرەك...》بۇرۇتۇمنى سىلاپ قويدۇم.ھەر ھالدا مېنىڭ بۇرۇتۇم يوقنىڭ ئورنىدىكى كۆتمەك بۇرۇتلاردىن ئىدى.ئازراق خاتىرجەم بولۇپ ھويلىغ قايتىپ كىردىم،پىشايۋاندا ئېڭىشىپ تۇرۇپ ئايىغىنى مايلاۋاتقان ئوغلۇمنى كۆرۈپ يەنە ئەرۋايىم ئۈركتى.ئۇنىڭ بۇرۇتىنىڭ مۇنچىۋالا يوغانلىقىنى بىر ئۆيدە تۇرۇپ نېمىشقا بايقىمىغاندىمەن!
-ئەخمەتجان ،ماڭا بىر قارىغىنا!
-نېمە؟-دەپ مەن تەرەپكە قارىدى ئۇ .
خۇداغا ئامانەت! ئوغلۇمنىڭ يۇقىرىقى كالپۇكىنىڭ ئۈستىدە خۇددى كىچىكرەك بىر ياقىلىقنى بېكىتىپ قويغاندەك قويۇق،قاپقارا بىر پارچە بۇرۇت ئېسىلىپ تۇراتتى.مۇنداق بۇرۇتنى قويۇپ بېرىدىغان بولسا،تۆت كۈندىلا قۇلاققا يېتىدۇ-دە!
-ئاۋۇ نېمەڭنى بۈگۈنلا يوقات!
-نېمىنى دەيسەن؟
-بۇرۇتۇڭنى دەيمەن؟
-مېنىڭ بۇرۇتۇم نېمىگە تاقاشتى،دادا؟سېنىڭمۇ بۇرۇتۇڭ بارغۇ،ھازىر ھەممە كىشى...
-قۇرۇق گەپنى قوي،ھازىرلا ئىككىمىز ساتىراچخانىغا بېرىپ بۇ بالا-قازانى يوق قىلىمىز،ئاڭلىدىڭمۇ؟
مەنغۇ مەيلى،ئوغلۇمغا بۇرۇتىنى ئالغۇزۇش خۇددى ئۇنىڭغا كاللىسىنى ئالغۇزماقچى بولغاندەكلا ئېغىر كەلدى،بۇ يەرگە كەلگەندە ئاتىلىق ھوقۇقۇمنى ئايىماي ئىشلەتتىم،《ھېچبولمىغاندا بىر رەسىمگە چۈشىۋالاي》دېگىنىگە قويماي ھەيدەپ ئاپىرىپ،كالپۇكىنىڭ ئۈستىدىكى ھېلىقى ياقىلىقنى ئالغۇزىۋەتتىم.ئاتا-بالا ئىككىمىز تۇمشۇقىمىزنى چوپسا سالغان بۇقىدەك پارقىرىتىپ ساتىراچنىڭ ئورۇندۇقىدىن قوپتۇق.ئەينەككە قاراپ قىلغان ئىشىمدىن مەمنۇن بولدۇم.ئىسمائىل ساتىراش بەرگەن غەللە پۇلۇمنى ئېلىپ تۇرۇپ:
-توۋا دەيمەن، ئاتا – بالا ئىككىڭلارنى قوشقاندا بۈگۈن ساتىراچخانىغا كېلىپ بۇرۇتىنى ئالدۇرۇۋەتكەنلەر يىگىرمىدىن ئېشىپ كەتتى،-دەپ ماڭا قاراپ سىرلىق ھىجىيىپ قويدى .
《بۇ ساتىراش ماڭا ئوخشاش تىزىملىنىپ قېلىشتىن قورقۇپ بۇرۇتىنى ئالغۇزۋەتكەنلەرنى پايلاپ يۈرەمدۇ،قانداق》دېگەن بىر گۇمان كۆڭلۈمدىن كەچتى...
ئويلىغىندمدەك بولسى،كەچتە ئۆيگە كېلىپ ئەمدىلا بىر يۇتۇم چاينى ئوتلاپ تۇرۇۋېدىم،ھويلىدىن بىرسىنىڭ چاقىرغان ئاۋازى ئاڭلاندى،دېرىزىدىن قارىسام،دەرۋازا ئالدىدا قوغداش ھەيئىتى ئۆمەرجان تۇرۇپتۇ.ئالدىراپ ئالدىغا چىقتىم.
-بۇرۇت قېنى؟-دېدى ئۇ ئەپتىمگە قاراپ.
-سىلىدىن ھېلىقى گەپنى ئاڭلاپ بېرىپلا چۈشۈرگۈزىۋەتتىم.
-سىلى نېمانداق خۇدۇكى بار ئادەمدەك ئىش قىلىپ يۈرىدىغانسىلەر!-دېدى ئۇ تېرىككەندەك بولۇپ،-بۇرۇتۇڭلىنى ئالدۇرىۋەتكىنىڭلار بازار باشلىقنىڭ قۇلىقىغا يېتىپتۇ،سىلنى ئەتە ئەتىگەندە بازارلىق ھۆكۈمەت ئىدارىسىگە بىر كەلسۇن،دەيدۇ.
يېڭى كەلگەن بازار باشلىقنى ناھايىتى ئاچچىقى يامان ئادەم دەپ ئاڭلىۋېدىم،قوغداش ھەيئىتىنىڭ خەۋىرى ئارامىمنى بۇزدى.
* * * * *
كەچلىك تامىقىمنى يەپلا ئۆزۈمنى ئورۇنغا تاشلاپ خىيالغا پاتتىم.ئايالىم قاچا-قومۇچنى يۇغۇشتۇرىۋېتىپ،دۈگلەكلىۋالغان توشۇڭ يىپلىرى بىلەن ئۇزۇن بىگىزلىرىنى ئېلىپ ئۇدۇلۇمغا كېلىپ ئولتۇردى.ئۇ پوپايكا توقۇشقا ناھايىتى ئۇستا ئىدى.بىكار بولۇپ قالسىلا بۇزۇلغان،كونىرىغان يۇڭ كىيىملەرنى چۇۋۇپ،باشقىدىن توقۇش بىلەن مەلىكە بولاتتى،قولىغا بىگىز چىقىشى بىلەن ئاغزىمۇ تەڭ گەپكە تېگەتتى؛گېپى توختاپ قالسا قولىمۇ توختاپ قالاتتى.
-ئاتا-بالا ئىكىڭلار نېمە بولدۇڭلار؟-دېدى ئۇ توقۇشنى باشلاپ.
-نېمە بوپتىمىز؟
-بۇرۇت قويۇپ تاراقشىپ كېتىۋېدىڭلار،بۈگۈن بېرىپ تەڭلا يوق قىلىپ كەپسىلەرغۇ؟
يۈرىكى ئاجىز بۇ خوتۇنغا راست گەپنى ئېيتقۇم كەلمەي:
-بۇرۇت دېگەننى بىر قېتىم ئالغۇزىۋەتكەنگە يوق بولۇپ كېتىدىغان نەرسە دېۋىدىڭمۇ؟قويغۇمىز كەلسە يەنە ئون كۈنگە قالمايلا ئۆسۈپ تەييار بولىدۇ-دەپ قويدۇم.
شۇنىڭ بىلەن ئايالىم:پالانىچىنىڭ بالىسى بۇ يىلمۇ ئىمتىھاندىن ئۆتەلمەپتۇدەك...قاراڭ،پولۇنىچى ئىزا تارتماي ئۆزىنى مېنىڭدىن ئىككى ياش كىچىك دەپ يۈرگىدەك...پۇستانىچى يەنە ئېرىدىن ئاجرىشىپ كېتىپتۇ،دېگەندەك ئۆزىنىڭ ئۇششاق گەپلىرىگە چۈشۈپ كەتتى.قۇلىقىمغا ئۇنىڭ بىرمۇ ئېغىز گېپى كىرمەيتتى .كۆزۈمگە ئۇنىڭ توختىماي مىدىرلاۋاتقان كالپۇكلىرى قانداقتۇر بىر مۇزىكىنى ئورۇنداۋاتقاندەك،قولدىكى بىگىزلىرى بولسا شۇ مۇزىكىغا كەلتۈرۈپ ئۇسۇلغا چۈشۈپ كەتكەندەك كۆرۈنگىلى تۇردى...ئۆمەرجان ئېيتقان شاپ بۇرۇت نېمىدەپ ئادەم بوغۇزلىماقچى بولۇۋېدىكىنە؟...بىر بۇرۇتلۇق ئىش تېرىسا ھەممە بۇرۇتلۇقلارنى تىزىملايدىغان بۇ قانداق تەكشۈرۈشتۇ؟...مەنمۇ نېمىدەپ بۇرۇتۇمنى ئالىمان-تالىمان چۈشۈرگۈزۋېتىپ يۈرگەندىمەن.قېرىشقاندەك ھېلىقى شاپ بۇرۇتنىڭ بويىنىڭمۇ ماڭا ئوخشاش ئېگىز بولۇپ قالغىنىنى قارىمامدىغان...شۇنداق گادىرماچ خىياللار بىلەن تۈن يېرىمغىچە ئۇخلىيالمىدىم.
سەھەرگە يېقىن دەھشەتلىك بىر چۈش كۆرۈپ قورققىنىمدىن ۋارقىرىۋەتكەن بولسام كېرەك،ئايالىم مېنى تۈرتۈپ ئويغىتىۋەتتى.
-ھوي،ھوي! كۆزڭىزنى ئېچىڭ،كۆزىڭىزنى!...
كۆزۈمنى ئاچسام تاڭ يورۇپ كېتىپتۇ .
نېمە بولدۇڭ؟-دېدىم بېشىمدا ھەيران بولۇپ قاراپ تۇرغان ئايالىمغا .
- ئۆزىڭىز نېمە بولدىڭىز ؟
- مەن نېمە بوپتىمەن؟
- نېمانچە ۋارقىرايسىز ؟
- ھە، چۈشەكەپ ۋارقىرىغان ئوخشىمامدىمەن ! – يوتقاننى قايرىۋېتىپ،كارىۋاتقا پۇتۇمنى ساڭگىلىتىپ ئولتۇرۇپ،كۆرگەن چۈشۈمنى ئېسىمگە ئالدىم، - توۋا، ئادەم دېگەن غەلىتە نېمىلەرنى چۈشەيدۇ – ھە !
- نېمە چۈشەپسىز ؟
چۈشۈمدە ئىككىمىز مۇشۇ كارىۋاتتا ئولتۇرغۇدەكمىز . سەن ھە دەپ بىرنېمە توقۇۋاتقۇدەكسەن،《نېمە قىلىۋاتىسەن؟》دەپ سورىسام :
-سىزنىڭ كونا پوپايكىڭىزنى چۇۋۇغانتىم ،شۇنى بالىلارغا ئەپلەپ بىرنېمە قىلىپ بېرەيمىكىن دەيمەن ،دەپسەن .
مەن ئويلىنىپ تۇرۇپ كېتىپ ،خۇشال بولۇپ كېتىپتىمەن- دە:
-مېنىمۇ چۇۋۇپ باشقىدىن توقۇپ باقساڭ بولمامدۇ ؟ - دەپتۇدەكمەن، كۈلمە ،راست ئاشۇنداق دەپتىمەن ،سەن:
-شۇنداق قىلسامغۇ بولاتتى،بىراق چۇۋۇپلا قويغاندىن كېيىن بەزى ئۈزۈلگەن بۇزۇلغان يەرلىرىڭىز چىقىدۇ،قايتا توقۇغاندا بۇرۇنقىدىن كىچىكلەپ كېتىسىز،-دەپسەن .مەن :
-كىچىكلەپ كەتسەم تېخى ياخشى ،سادىغاڭ كېتەي خوتۇن،مېنى ھازىرلا چۇۋۇپ تاڭ ئاتقۇچە بۆلەكتىن توقۇۋەتسەڭ !-دەپ يالۋۇرۇپتىمەن .
سەن ماقۇل دەپ،كارىۋاتقا مېنى قىپيالىڭاچ قىلىپ سوزۇلدۇرۇپ ياتقۇزۇپ،پۇتۇمنىڭ بارماقلىرىدىن باشلاپ چۇۋۇغىلى تۇرۇپسەن .بەدىنىمنىڭ چۇۋۇلۇۋاتقان يەرلىرىدە بىرى مېنى يېنىك غىدىقلاۋاتقاندەك سېزىم ھاسىل بولۇپتۇدەك؛قىلچە ئازاب ھېس قىلماي،ناھايىتى ھۇزۇرلىنىپ يېتىپتۇدەكمەن .چۇۋۇلۇپ كانىيىمغا كەلگەندە يىپنىڭ بىر يېرى چېگىلىپ قىلىپ بوغۇلۇپ قاپتۇدەكمەن،سەن ھەرقانچە ۋارقىرىساممۇ ئاڭلىماي يىپنى تاتىۋەرگۈدەكسەن.دەم ئالالماي ،ئۆزۈمنى ھەرتەرەپكە ئۇرۇپ،كۆزۈمنى ئاچسام چۈشۈم.سەن يېنىمدا ئۆرە تۇرۇپسەن...
ئايالىم بۇ گەپلەر ئاڭلاپ كۈلۈپ تېلىقىپ قالدى .
- كۈلىدىغان نېمىسى بار،بۇ دېگەن چۈش !
-ساراڭ بولدىڭىزمۇ،ئادەمنى قانداق چۇۋۇپ توقۇغىلى بولىدۇ؟...قوپۇڭا،ئورۇن-كۆرپىلەرنى يىغىۋېتەي-دېدى ئۇ .
شۇ چاغدا ئېسىمگە بازارلىق ھۆكۈمەت ئىدارىسىگە بارىدىغان ئىشىم كەلدى-دە،ئالدىراپ كېيىندىم .
* * * * *
بازارلىق ھۆكۈمەت ئىشخانىسىدىكى يوغان ئۈستەلدە قوغداش ھەيئىتى ئۆمەرجان بىلەن يەنە بىر كېلەڭسىز سەمىرىگەن كىشى كىتىرلىتىپ بىر نېمىلەرنى يېزىۋېتىپتۇ.ئىشىكنىڭ يېنىغا قويۇلغان ئۇزۇن بەندىڭدە تازىمۇ پاكار بىرئادەم ئولتۇرۇپتۇ.《مۇنداق پاكارلارنى چۇۋۇپ باشقىدىن توقۇيدىغان بولسا،ھېچنىمىلا چىقمايدىغۇ دەيمەن!》دەپ ئويلىدىم –دە:《سەل نېرىراق سۈرۈلۈڭلار،ئاغىنە》دەپ ئۇنىڭ يېنىغا قىستالدىم .
- بۇ بىزنىڭ بازارلىق ھۆكۈمەتكە يېڭىدىن تەيىنلىنىپ كەلگەن بازار باشلىقى بولىدۇ،-دەپ تونۇشتۇردى ئۆمەرجان ھېلىقى سېمىز زاتنى ،-سىلەردىن بەزى ئىشلارنى ئېنىقلىماقچى بولۇپ چاقىرتقان.
بازار باشلىقى ماڭا كۆزىنىڭ قۇيرۇقىدا قاراپ قويۇپ:
-قېنى،سۆزلەۋېرىڭ!-دەپ بۇيرۇق قىلدى يېنىمدا ئولتۇرغان پاكار ئاغىنىگە .
پاكار ئاغىنە باياتىن بېرى ئەھۋال تونۇشتۇرۇۋاتقان بولسا كېرەك،سۆزىنى داۋام قىلدى: تۆت-بەش كۈننىڭ ئالدىدىكى ئىشقۇ دەيمەن،-دېدى ئۇ،-ھە،ھە...توغرا،شۇ كۈنى يەكشەنبە ئىدى.مەن گۆش-پۆش ئالاي دەپ بازارغا چىقىۋېدىم،بىرچاغدا ۋاراڭ-چۇرۇڭ بولۇپ كەتتى،قارىسام ئاپتوبۇس بېكىتىگە يېقىنيەردە ئۈچ ياش نېمە بىرىكىشىنى ئارىغا ئېلىپ دۇمبالىغىلى تۇرۇپتۇ.تاياق يېگۈچى ئۈچىگە تەڭ كېلەلمەيدىغانلىقىغا كۆزى يەتتىمۇ،شارتتىدە قىلىپ يېنىدىن پىچاق چىقاردى.پارقىراپ تۇرغان پىچاقنى ھەممەيلەن كۆردۇق .ئەتراپتا قىقاس-چۇقان چىقىپ كەتتى.سەي سېتىۋاتقان خوتۇنلار قورققىنىدىن چىرقىرىۋېتىشتى ...شۇ ئارىدا قانداق بولدى،ئارقىدىن كەلگەن بىرى چاققانلىق بىلەن ئۇنىڭ قولىدىكى پىچاقنى تارتىۋالدى،ئۇ يەنە بىر پىچاقنى چىقاردى ،يەنە بىرەيلەن ئۇ پىچاقنىمۇ يۇلۇۋېلىپ چۆرۈۋېتىۋېدى ،ئۇنىڭ قولىدا تېخىمۇ يوغان يەنە بىرپىچاق پەيدا بولدى،شۇنىڭ بىلەن بازار ئىچىدە قاچ-قاچ بولۇپ كەتتى،مەنمۇ قاچتىم،كۆرگەنلىرىم ئەنە شۇ .
《يائاللا نېمانداق جىق پىچاق بۇ .شۇنچىۋالا پىچاقنى ئۇ ئوغرى نەرىگىمۇ ئېسپ يۈرگەن بولغىيتتى ؟!》دەپ ياقامنى تۇتتۇم .بازار باشلىقى بېشىنى كۆتۈرۈپ :
-پىچاق كۆتۈرگەننىڭ تەقى-تۇرۇقى قانداقراق؟- دەپ سورىدى .
-ئېسىمدە قالماپتۇ،ئىشقىلىپ بۇرۇتلۇق،ئېگىز ئادەمدەك قىلغان ...
-بويىنىڭ ئېگىزلىكى ماۋۇ يېنىڭىزدا ئولتۇرغان ئادەمگە ئوخشامدۇ ؟
يۈرىكىم قارتتىدە قىلىپ قالدى.پاكار ئاغىنە بېشىمدىن ئايىغىمغىچە بىر قاراپ :
-ياق،ياق.بۇ كىشىدىنمۇ ئېگىزرەكمىكىن دەيمەن -،دېدى .
《ئۇھ!》دەپ يېنىك بىر تىندىم .پاكار ئاغىنە كۆزۈمگە خېلى ئىسسىق كۆرۈنۈپ قالدى .《ئۇنى چۇۋۇمىسىمۇ بولغۇدەك》دەپ ئويلىدىم،بازار باشلىقى ئۇنىڭ سۆزىدىن تازا قانائەت ھاسىل قىلمىغان بولسا كېرەك :
- بولىدۇ ،ھازىرچە قايتىپ بېرىپ ئوبدان ئويلىنىپ،شۇ كۈنى بازاردا كۆرگەنلىرىڭىزنى ،ھېلىقى پىچاقچىنىڭ چىراي-شەكلىنى تەپسىلىي يېزىپ،ئەتىگىچە بىزگە ئەكېلىپ بېرەرسىز،-دېدى .
پاكار ئاغىيەن چىقىپ كەتتى،ئەمدى بازار باشلىقنىڭ كۆزى ماڭا تىكىلدى.
-خوش،-دېدى ئۇ بىر تال تاماكا تۇتاشتۇرۇپ تۇرۇپ،-بۇرۇتنى نېمانداق ئالدىراپلا چۈشۈرۈۋەتتىڭلار؟
ئۆمەرجاندىن بۇرۇتلۇقلارنى تىزىملاۋاتقانلىقىنى ئاڭلاپ قورقۇپ كەتكەنلىكىمنى ئېيتماقچىدىم،تىلىمنىڭ ئۇچىغا كېلىپ قالغان بۇ گەپنى كۈچەپ بوغۇزۇمغ يۇتۇپ،يالغاندىن بىرنى توقۇدۇم ،
-بىزنىڭ قۇلۇم-قوشنىلارنىڭ مىجەزىنى سىز بىلمەيسىز،مانا ماۋۇ ئۆمەرجان تازا ئوبدان بىلىدۇ-،دېىم،-بىرەرسى ياخشىراق بىر نەرسە سېتىۋالسا،ئوبدانراق بىر كىيىم كېيسە،ئىشقىلىپ،ئازغىنە بىر يېڭىلىق بولغىنىنى كۆرسىلا《يۇيىمىز》دەپ ئون-يىگىرمە تەڭگە خەجلەتمەي قويمايدۇ،يېقىندىن بېرى ئۇلار:《پاھ،مۇنۇ بۇرۇت سىلەرگە ئەجەبمۇ يارىشىپتۇ،بۇرۇتنىڭ چېينى قاچان ئىچىمىز؟سىلەرنى بىرئوبدان يۇمىساق زادى بولمايدۇ》دەپ ماڭا يېپىشىۋېلىشتى .ئىش-ئوقەتنىڭ يوقىدا قاراپ تۇرۇپ بىرمۇنچە پۇلنىڭ كۆزىگە ياغاچ تىقماي ،دەپ تۈنۈگۈن ئىسمائىل ساتىراچنىڭكىگە بېرىپ پاك-پاكىز قىردۇرۇۋەتتىم.
بازار باشلىقى تاماكىسىنىڭ كۈلىنى قېقىپ ،كۆزۈمگە قاراپ تۇرۇپ كەتتى.
-بازاردىكى ۋەقەنى ئاڭلىدىڭىز...
-مېنىڭ زادى ئەقلىم يەتمەيۋاتىدۇ،بازاردىكى ۋەقە بىلەن مېنىڭ بۇرۇتۇمنىڭ زادى نېمە مۇناسىۋىتى بار؟
-بىلەمسىز!-دەپ ئۈستەلنى پاققىدە بىرنى ئۇرۇپ ئورنىدىن تۇرۇپ كەتتى بازار باشلىقى،-بۇرۇتى بارلارنىڭ يېنىدا چوقۇم پىچىقى بولماي قالمايدۇ...ئەجەب بۇرۇنمۇ ئەمەس،كېيىنمۇ ئەمەس،دەل بىز بۇرۇتلۇقلارنى تىزىملايمىز دەۋاتقان چاغدا سىزنىڭ بۇرۇتىڭىزنى قىردۇرۇۋېتىش خىيالىڭىزغا كېلىپ قاپتۇ-ھە؟...ئىش ئۇنداق ئاددىي ئەمەس.ئۆتكەن يەكشەنبە بازاردا بولغان ۋەقەنى سىز بىر ئاددىي بىر ماجىر دەپ قارامسىز؟ياق،ياق،مەسىلىگە ئۇنداق يۈزە قارىغىلى بولمايدۇ.شۇ كۈنى ھېلىقى يوغان بۇرۇت بازاردىكىلەرنى پىچاق كۆتۈرۈپ قوغلاپ قېچىپ چىقىپ كەتكەندە،شۇ يەرگە بىر سومكىسى چۈشۈپ قالغانىكەن.ئەكېلىپ تەكشۈرسەك،ئىچىدىن يەنە ئوتتۇز-قىرىقچە پىچاق چىقتى.
-ئەمسە ئۇ پىچاق ياساپ ساتىدىغان پىچاقچى ئوخشىمامدۇ؟...
-گېپىمنى بۆلمەڭ!تۆمۈرچىنىڭ يېڭى سوققان پىچاقلىرىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى بىز سىزدىن ئوبدانراق بىلىمىز.ھېلىقى بۇرۇتلۇقنىڭ سومكىسىدىن چىققان پىچاقلارنىڭ ھەممىسى بىر-بىرىدن يوغان،تۇتۇلغان پىچاقلار...خوش،سىز بۇ ئىشنى قانداق چۈشەندۈرىسىز؟سىزچە ئۇ بۇرۇتلۇق شۇنچە پىچاقنى سېھىرگەرلىك قىلغىلى ياكى قىزىقچىلىق كۆرسەتكىلى كۆتۈرۈپ يۈرگەنمىدۇ؟...مۇشۇ تۇرغان ئورنىمىزنىڭ تارىخىدىن بەلكىم خەۋىرىڭلار يوقتۇ؟بىر تارىخچى ئاغىنەمنىڭ سۆزلەپ بېرىشىچە:نەچچە مىڭ يىلنىڭ ئالدىدا،ئىسكەندەر دېگەن بىرسى ئۆزىنىڭ لەشكەرلىرىنى باشلاپ دۇنيانىڭ ھەممە يەرلىرىنى بويسۇندۇرۇپ،موشۇجايغا كەلگەندە بىر توپ پىچاقچىلارغا يولۇقۇپ،ئالغا باسالماي چېكىنىپ كەتكەنىكەن .ئۇ پىچاقچىلارنىڭ ھەربىرى يېنىغا نەچچە ئوندىن پىچاقنى ئېسىۋالاتتىكەن،قارىماي ئاتقان پىچاقلىرىمۇ كېلىۋاتقان ھەرقانداق ئادەمنىڭ نەق ئىككى قېشىنىڭ ئوتتۇرىسىغا سانجىلىپ ئارقىسىغا ئۇچۇرىۋېتەتتىكەن...نەچچە يۈيلنىڭ ئالدىدا،چىڭگىزخان قاراقچىلىرى بۇ يەردىن ئۆتكەندە يەنە شۇنداق سانسىز پىچاقلار ئۇلارنىڭ سېپىگە قوشۇلۇپ غەربكە ماڭغان ئىكەن.بۈگۈنگە كەلگەندە ئارىمىزدا يەنە شۇنداق پىچاقچىلار باش كۆتۈرۈپ چىقىۋاتقاندەك قىلىدۇ.ئۇلارنى بىر پالاكەت تېرىمايدۇ،دەپ كىم ئېيتالايدۇ؟...قايتىپ بېرىپ،بۇرۇتىڭىزنى قاچان قويغانلىقىڭىزنى،نېمە سەۋەبتىن چۈشۈرۈۋەتكەنلىكىڭىزنى ،بۇرۇتلىرىڭىزنىڭ شەكلىنى...شەكلى دېگىنىم:توم بۇرۇتمۇ،بوم بۇرۇتمۇ،شاپ بۇرۇتمۇ،سىم بۇرۇتمۇ؟ھەممىنى ئېنىق يېزىپ،ئەتىدىن قالدۇرماي بىزگە تاپشۇرۇڭ!
* * * * *
بازارلىق ھۆكۈمەت ئىدارىسىدىن خۇددى بىرسى مېنى چۆرگىلىتىپ قويۇپ بەرگەندەك بېشىم گاڭگىراپ چىقتىم،ئۆيگە كېلىپ قولۇممۇ ئىشقا بارمىدى،راست دېگەندەك ھېلىقى بۇرۇتلۇق سومكىسىغا ئوتتۇز-قىرىق پىچاقنى سېلىۋېلىپ نېمىشقا ئادەم قوغلاپ يۈرگەن بولغىيدى؟...ئىسكەندەر،چىڭگىزخان دېگەنلەر توغرىسىدا ئانچە-مۇنچە ئاڭلىغان،نەچچە يۈزيىللارنىڭ ئالدىدا ئۆتكەن بۇ پادىشاھلار بىلەن بۈگۈنكى پىچاقچىنىڭ ئۇرۇق-تۇغقان چىقىپ قالغىنى قىزىق...ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ ئىشقا مېنىڭمۇ چېتىلىپ قالغىنىمچۇ!...
كەچتە قاغا پۇتى خەتلىرىم بىلەن بۇرۇتۇمنىڭ تۇغۇلغاندىن تارتىپ ئۆلگۈچە بولغان قىسقىچە تارىخىنى يېزىشقا ئولتۇردۇم.ئايالىم بېشىمغا كېلىپ قاراپ:
-بۇ بىر-ئىككى كۈندىن بۇيان سىزگە زادى نېمە بولدى؟-دېدى.
-نېمە بوپتۇ؟
-بىردەم بېرىپ بۇرۇتىڭىزنى چۈشۈرۈۋېتىپ كېلىسىز،بىردەم ھۆكۈمەت ئىدارىسىگە يۈگۈرەيسىز،بۈگۈن كەچكىچە قويغان-تۇتقىنىڭىزنى بىلمەي پىرقىراپ يۈردىڭىز،مانا ئەمدى تەكشۈرۈش يېزىشقا ئولتۇرۇپسىز...
-تەكشۈرۈش ئەمەس ،ھاڭىۋاقتى!بۇرۇتۇمنىڭ تارىخىنى يېزىۋاتىمەن.
-بۇرۇتۇمنىڭ تارىخنى؟!
ئايالىم ماڭا چەكچىيىپ قاراپلا قالدى.ئۇ چوقۇم مېنى ئالجىپ قاپتۇ،دەپ ئويلىدىغۇ دەيمەن.
-بۇ دېگەن سىياسەت ،خوتۇن خەق ئارىلىشىدىغان ئىش ئەمەس!-دەپ ۋارقىرىدىم ئۇنىڭغا،-ماڭ يۈگۈر،ئۆزۈڭنىڭ قازان-قومۇچۇڭنى بىل.
شۇ كېچە يەنە قورقۇنىچلىق بىر چۈش كۆرۈپ ئويغىنىپ كەتتىم،چىراغنى ياندۇرۇپ،كۆرگەن چۈشۈمنى ئەسلەشكە تىرىشىپ،يەنە بىرھازا ئولتۇرۇپ كەتتىم.ئايالىم ئويغىنىپ:
-يەنە نېمە بولدىڭىز؟-دېدى.
-قا بېسىپتۇ،قارىمامسەن چىلىق-چىلىق تەرگە چۆمۈپ كەتكىنىمنى.
-يەنە غەلىتە بىرنېمىلەرنى چۈشىگەن ئوخشىمامسىز؟
-غەلىتە بولغاندا قانداق دېمەمسەن:چۈشۈمدە ئۇخلاۋاتقۇدەكمەن.قۇلىقىمغا بىرنېمىلەرنىڭ گۈلدۈرلىگەن،تاراقلىغان ئاۋازى ئاڭلانغۇدەك.《مېڭىپ كېتىۋاتقان ھارۋىنىڭ ئۈستىدە ئۇخلاپ قاپتۇدەكمەن》دەپتىمەن.گۈلدۈرلىگەن ئاۋاز بارغانىچە كۈچىيىپ،تۈگىمەننىڭ ئىچىگە شارقىراپ سۇ كىرگىلى تۇرۇپتۇ.بىرچاغدا قارىسام تۈگىمەننىڭ ئىچىدە ئەمەس كىرئالغۇنىڭ ئىچىدە پىرقىراۋاتقۇدەكمەن.شۇنچە ۋارقىرىساممۇ ئاۋازىمنى ھېچكىم ئاڭلىمىغۇدەك،تېپىچەكلىگەنسېرى ماغزاپنىڭ ئىچىگە چۆكۈپ كېتىپ بارغۇدەكمەن...مىڭ تەسلىكتە كۆزۈمنى ئاچسام ئۆينىڭ ئىچى قاپقاراڭغۇ تۇرۇپتۇ.قورققىنىمدىن چىراغنى ياندۇرۇۋالدىم،ھېلىقى كىرئالغۇنىڭ تاراق-تاراق ئاۋازى ھازرمۇ قۇلىقىمغا ئاڭلىنىپ تۇرىدۇ .
ئەتىسى ناھايىتى ھارغىن ھالدا ئورنۇمدىن تۇردۇم.بېشىم ھېلىمۇ پىرقىرىغاندەكلا بولۇپ قېيىپلا تۇراتتى.چۈشكە يېقىن بۇرۇتۇمنىڭ 《تارىخى》يېزىلغان قەغەزنى كۆتۈرۈپ بازارلىق ھۆكۈمەتكە باردىم،ئىدارىنىڭ ئىچىدە بۇرۇت ماجىراسى بىلەن چاقىرىتىلغان يەنە بىرقانچەيلەن سوراق قىلىنىۋاتقانىكەن،ئىچكىرىگە كىرىشكە پېتىنالماي،قولۇمدىكى قەغەزنى بوسۇغىدا تۇرۇپلا سۇنۇپ بەردىم .
ئىدارىدىن چىقىپ ئۇدۇل بازار تەرەپكە كېتىپ قاپتىمەن.بازارنى ئارىلاپ ماڭدىم.كۆزۈمگە ھەممىلا يەردە پىچاق بىلەن بۇرۇت كۆرۈنگەندەك قىلاتتى.مۇنۇ بۇرۇتلۇق قاسساپنىڭ قولىدىكى پىچاقنىڭ ھەيۋەتلىكىگە قارىمامدىغان.ھېلىقى بۇرۇتلۇقنىڭ سومكىسىدىن چقققان پىچاقلارمۇ مۇشۇنداق تىرىك جاننىڭ قېنىنى ئېقىتىدىغان نېمىلەر بولسا كېرەك...ئاۋۇ تاۋۇزچىنىڭ قىلىچتەك ئۇزۇن،ئەگرى پىچىقىچۇ؟ھەرقانداق بولسىمۇ ئۇنداق ئۇزۇن پىچاقلاردىن ئوتتۇز – قىرىقنى بىر سومكىغا سىغدۇرغىلى بولماس...ماۋۇ يايمىچىلارنىڭ ئالدىدا تۇرغان پىچاقلارچۇ؟بۇ يەردىن داڭلىق يېڭىسار پىچاقلىرىدىن تارتىپ سېپىغا ھەرخىل كۆزلەرنى قۇيۇپ نەقىشلىۋەتكەن قەشقەر پىچاقلىرى،ئىككى بىسلىق خەنجەرلەر،تۆمۈر غىلاپلىق موڭغۇل پىچاقلىرى،ئىچكى ئۆلكىلەرنىڭ تۈرلۈك قىڭراقلىرى،يەرلىك ئۇستىلار سوققان خىلمۇخىل قەلەمتۇراچلارغىچە بولغان تىغلىق ئەسۋابلارنىڭ ھەممە تۈرىنى تاپقىلى بولاتتى،ئېلىم –بېرىم قىلىشىۋاتقانلارنىڭ كۆپىنچىسى بۇرۇتسىز ئىدى(ھەرقاچان ئۇلارنىڭ ئىچىدە چاندۇرماي بۇرۇتىنى قىردۇرۇۋەتكەنلەردىن خېلى بار.)ئەگەر بۇ بۇرۇتسىز پىچاقچىلارغا بازار باشلىقى ئېيتقان ھېلىقى بۇرۇتلۇق پىچاقچىلارنى قوشساق،ھەقىقەتەنمۇ بىر چوڭ خەۋىپكە ئايلىناتتى.
كۆزۈمگە ئالارمەن-ساتارمەنلەرنىڭ ۋاراڭ-چۇرۇڭى بىلەن گۈلدۈرلەپ تۇرغان بۇ بازارمۇ يوغان كىرئالغۇنىڭ ئىچىدە توختىماي پىرقىراۋاتقاندەك كۆرۈندى.《ھەرقاچان،بازار باشلىقى ئۇزاق ئۆتمەي بۇ بازارنى چۇۋۇپ باشقىدىن توقۇيدىغۇ،دەيمەن!》دەپ ئويلاپ قالدىم .
شۇنىڭدىن باشلاپ دەككە-دۈككە ئىچىدە تالا-تۈزگىمۇ چىقمىدىم،بىرەرسىنىڭ بازارنى چۇۋۇپ توقۇۋاتقانلىقى توغرىسىدىكى خەۋەرمۇ ئاڭلىمىدىم.ئارىدىن ئىككى ئايچە ۋاقىت ئۆتتىمىكىن،بىركۈنى غەيرەت قىلىپ كوچىغا چىقىپ،سودىلىقىمنى پۈتتۈرۈپ ئۆيگە قايتىپ كېلىۋاتسام،ئالدىمغا بازار باشلىقى چىقىپ قالدى.ئۆز كۆزۈمگە ئىشەنمەي قالدىم،ئۆردەكتەك ئىغاڭلاپ كېلىۋاتقان بۇ كېلەڭسىز ئادەم قاملاشتۇرۇپ بۇرۇت قويۇۋالغانىدى،يېقىنلاپ كېلىپ قارىسام،خاتاسىز بىزنىڭ بازار باشلىقى!
-ئەسسالامۇئەلەيكۇم!-دېدىممەن ئۇنىڭ ئالدىنى بۇراپ،بازار باشلىقى توختاپ ماڭا قارىدى-دە:
-سىز كىم بولىسىز؟-دېدى.
-ئىككى ئاينىڭ ئالدىدا سىزگە بۇرۇتۇمنىڭ تارىخىنى يېزىپ ئاپىرىپ بەرگەن كىشى بولىمەن .
-ھە،ھە.شۇ چاغدامېڭىمىز قىزىپ كېتىپ بىرمۇنچە ئادەملەرنى ئاۋارىچىلىككە ساپتىمىز.شۇلارنىڭ ئىچىدە سىزمۇ باركەنسىز-دە؟...قارىمامسىز،ھېلىقى كېكەچ ھەممىمىزنى تەڭ پاراكەندە قىلىپتۇ.
-قايسى كېكەچنى دەيسىز؟
-ئاڭلىمىدىڭىزمۇ؟ ھېلىقى بازاردا پىچاق كۆتۈرۈپ ئادەم قوغلىغان بۇرۇتچۇ...ئەسلىدە ئۇ قۇشخانىنىڭ خىزمەتچىسى ئىكەن،قۇشخانىنىڭ توك چاقى بۇزۇلۇپ قېلىپ،شۇ كۈنى ئۇقاسساپلارنىڭ مال سويىدىغان پىچاقلىرىنى يىغىپ بازارغا چاقىلاتقىلى ئەكىرگەنىكەن.ئاپتوبۇستا ئۈچ يانچۇقچى ئۇنى ئارىغا ئېلىۋېلىپ،قىستىغان بولۇپ يانچۇقىدىكى پۇللىرىنى سوقۇۋاپتۇ،كېكەچ پۇلنىڭ يېتكەنلىكىنى سېزىپ قېلىپ،ئاپتوبۇستىن چۈشۈپلا ھېلىقىلارغا ئېسىلىۋاپتۇ.يا ئولاشقان خەققە گېپىنى ئۇقتۇرالماي،يا ھېلىقىلارنى قويۇۋەتمەي چىڭ تۇرۇۋالغاندىن كېيىن،يانچۇقچىلار ئۇنى ئۇرۇپ قۇتۇلۇپ قاچماقچى بولۇپتۇ.تاياق ئۆتكەندىن كېيىن كېكەچمۇ پىچاق چىقىرىپتۇ.بولغان ئىش شۇ.
-شۇنچىلىك ئىشكەن دەڭ!
-شۇنداق،شۇنچىلىكلا ئىش ئىكەن.مەن ئۇنى ئاغىنەمدىن چالا-پۇچۇق ئاڭلىۋالغان تارىخقا باغلاپ چوڭقۇر ئويلىنىپ كېتىپتىمەن.دوختۇرلار بۇنى 《سېزىمى ئېشىپ كېتىش كېسىلى》دەيدىكەن،يۇقىرى رەھبەرلىكمۇ مېنى چاقىرتىپ:《بىر بۇرۇتنىڭ ئىشىنى دەپ جىمى بۇرۇتنى پاراكەندە قىلىدىغان قانداق باشلىقسەن!》دەپ قاتتىق تەنقىدلىدى،خاپا بولمايسىز...بۇرۇتۇمغا قاراپ ھەيران بولۇۋاتامسىز؟ئاڭلىسام بەزى رەھبەرلەر مېنى 《بازار باشلىقى ئەزەلدىن بۇرۇتقا ئۆچ ئادەمتى》دەپ يۈرگۈدەك.رەھبەرلەرنىڭ پىكرىگە دىققەت قىلمىسا بولمايدۇ،مانا ئەمسە دەپ مەنمۇ بۇرۇت قويۇۋالدىم،يارىشىپتىمۇ؟
بازار باشلىقى قېلىنلىق بىلەن ھىجايدى،مەنمۇ دەردىمنى ئىچىمگە يۇتۇپ جىلمايدىم-دە :
-يارىشىپتۇ،بەستىڭىزگە قارىغاندا بۇرۇتىڭىز سەل كىچىك بولۇپ قاپتۇ،بولسا ئوبدانراق ئۆستۈرۈپ قۇلىقىڭىزغا يۆگىۋالسىڭىز بولغۇدەك،-دېدىم.
-پاھ،پاھ...بۇ چاقچىقىڭىز قالتىس كەلدى-دە!-دەپ دىقماق قوللىرى بىلەن مۆرەمگە ئۇرۇپ قويۇپ ئۆتۈپ كەتتى ئۇ .
تۇرغان ئورنۇمدا تۇرۇپ قالدىم،《بۇ بازار باشلىقىمۇ كىرئالغۇغا چۈشۈپ كېتىپ چۆرگىلەۋاتقىنىغا خېلى بولغان بىر نېمە ئىكەن-دە!مۇنداق كېلەڭسىز ئادەملەرنى سۈزۈۋېلىپ،ئاپتاپقا سېلىپ قۇرۇتۇپ،ئاندىن چۇۋۇپ باشقىدىن توقۇسا خېلى ئىخچاملىشىپ قالاتتىمىكىن...》دېگەنلەر خىيالىمدىن كەچتى.
ئۆيگە يېقىنلاپ قالغىنىمدا قوغداش ھەيئىتى ئۆمەرجان ئۇچراپ قالدى.
-ھەي ئۆمەرجان!-دەپ ۋارقىراپ توختىتىۋالدىم،-بولغان يېڭىلىقلاردىن خەۋەرلەندۈرۈپمۇ قويمايسىلە.
-نېمە يېڭىلىقلاردىن؟
-بۇرۇت تىزىملايدىغان ئش ئەمەلدىن قاپتۇ،بازار باشلىقىنىڭمۇ ئۆزى بۇرۇت قويۇۋاپتۇ...
-كىمدىن ئاڭلىدىڭلار؟
-مانا ھازىر،كوچىنىڭ دوقمۇشىدا بازار باشلىقىنىڭ ئۆزىنى كۆردۈم .
-نېمە دېدى؟
-《بۇرۇتۇم يارىشىپتىمۇ ؟》دېدى .《 يارىشىپتۇ،بەستىڭىزگە قارىغاندا سەل كىچىك بولۇپ قاپتۇ، ئوبدانراق ئۆستۈرۈپ قۇلىقىڭىزغا يۆگىۋالسىڭىز بولغۇدەك》دېدىم.
ئۆمەرجان قاقاقلاپ كۈلۈپ كەتتى-دە:
-بازار باشلىقنىڭ بۇرۇتى ئۆسمەيدىغان بۇرۇتلاردىن-دە!-دېدى .
-نېمە دەيدىغانسىلە،ئۆسمەيدىغان قانداق بۇرۇت ئۇ؟
--سىلە بىلمەمسىلە؟بىزنىڭ بازار باشلىقىمىز تۇغما كوسا.بۇ قېتىم ھەممىسى ئۇنىڭ كۆزىگە قولىنى جۇنۇپ:《زادى بۇرۇتى بارلار ساڭا نېمە قىلغان؟》دەپ ئارامىنى قويمىغاچقا،سەنئەت ئۆمىكىدىن ئاشۇ بۇرۇتنى تېپىپ ئەكېلىپ تاقىۋالدى .
ئۆمەرجان كەتتى.بولغان ئىشلارنى باشتىن-ئاياغ كۆزئالدىمدىن ئۆتكۈزۈپ يەنە بىرھازا تۇرۇپ كەتتىم،شۇنچە ياشقا كىرىپمۇ دۇنيانىڭ قىززىقلىقىنى چۈشەنمەپتىكەنمەن...
مانا شۇ ۋەقەلەر بولۇپ ئۆتكەنگە يېرىم يىلچە بولۇپ قالدى،ئوغلۇم كالپۇكىنىڭ ئۈستىگە ئۆتكەنكىسىدىنمۇ يوغانراق بىر ياقىلىقنى بېكىتىۋالدى،لېكىن،مەن بۇرۇت قويۇشقا ھازىرغىچە پېتىنالماي يۈرىمەن.يەنە بىرەر كېلىشمەسلىك يۈز بېرىپ،بازار باشلىقنىڭ 《سېزىمى ئېشىپ كېتىش كېسىلى》ئەدەپ قالسا،ئۇنى جا بۇرۇتىنى شاققىدە ئېلىپ يانچۇقىغا سېلىۋېلىپ،خىيالىغا كەلگەننى قىلمايدۇ،دەپ كىم ھۆددە قىلالايدۇ؟!...



ئاپتورى :مەمىتىمىن ھوشۇر
1990-يىلى غۇلجىدا يېزىلغان .

    Hazirqi waqit: Tue May 22, 2018 3:48 am