Teklimakanda Otken Bir Keche ( Arman )

Share
avatar
Arman
Munber Mesuli
Munber Mesuli

Jinsi Jinsi : Male
Yeshi Yeshi : 29
Tughulghan Waqti Tughulghan Waqti : 1989-05-25
Orni Orni : گىرمانىيە
Yazma Sani Yazma Sani : 129
Shohriti Shohriti : 374
Tohpisi Tohpisi : 0
Hizmiti / Qiziqishi Hizmiti / Qiziqishi : ئۇقۇغۇچى
Tizimlatqan Waqti Tizimlatqan Waqti : 2010-02-08

Teklimakanda Otken Bir Keche ( Arman )

Yollash by Arman on Sat Feb 20, 2010 5:54 pm

تەكلىماكاندا ئۆتكەن بىر كىچە

ھىكايە



1-سەپەر تەرەددۇتى
تىيەنجىن شەھرىدىن كەلگەن 3 نەپەر خەنزۇ ئوقۇتقۇچى بىلەن بىللە خىزمەت قىلىۋاتقىنىمغا بىر يىل بۇلاي دىدى،ئۇلار ئۆزلىرى تەلەپ قىلغانمۇ ياكى ھۆكىمەت ئۇرۇنلاشتۇرغانمۇ ياردەم قىلىمىز دەپ كىلىپ بىزگە نۇرغۇن ئاۋارىچىلىقنى تېپىپ بەردى،ئۇلارنىڭ تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرىدىن تارتىپ كۈندىلىك خىزمەتلىرىگە قەدەر ئۇرۇنلاشتۇرۇش ماڭا تاپشۇرۇلغان شەرەپلىك ۋەزىپە بۇلۇپ قالغان ئىدى،ئاسان دەرىسكەن دەپ ئەقلىنى جورۇپ ئۇچۇر تېخنىكا دەرسىنى ئۈتۈشنى تالىشىپ قېلىشىنى نىمە دەي.
مەنمۇ 80-يىللاردىكى چالا ساۋات زىيالى بولغاچقا ئاز تولا خەنزۇ تىلى ئۈگىنىۋېلىش مەخسىدىدە ئۇلار بىلەن كۆپرەك پىكىرلىشەتتىم،پىكىر تىمىلىرىمىز كۈپىنچە مەدىنىيەت ،تارىخ،جۇغراپىيە ۋە يەرلىك ئۆرىپ- ئادەت ئۈستىدە بۇلاتتى.
ئۇلارنىڭ ئارىسىدا لى جۇن ئىسىملىك بىرسى مەن بىلەن تەڭتۈش بولغاچقا دائىم مەندىن تىنىمسىز سۇئال سۇرايىتتى،سۇئاللىرىدىن ئادەمنىڭ غىدىقى كىلەتتى،سىلەردە خەتنە (بۇنى دىيەلمىگەچكە ئوڭ قۇلىنى قايچا قىلىپ سول قۇلىنىڭ بىگىز بارمىقىنى كەسكەننى دورايىتتى) ئادىتى باشلانغىلى قانچە يىللار بولغاندۇ؟نىمىشقا بىر ئەزان بىلەن ھەممە ئەرلەر قىلىۋاتقان ئىشىنى تاشلاپ مەسچىتكە ماڭىدۇ؟قەشقەر ،زەرەپشان ، تارىم، تەكلىماكاننىڭ خەنزۇچە ئىسمى يوقمۇ؟دىگەندەك تىنىمسىز سۇئاللار بىلەن قۇلاق مىڭەمنى يەپلا كىتەتتى،مەن بەزىدە ئالدىرىماي چۈشەندۈرسەممۇ بىلمىسە ئاچچىقىمدا بىرمۇنچە تىللاپ كىتەتتىم.
ئۇلارنىڭ قايتىدىغان ۋاقتىنىڭ يېقىنلىشىشىغا ئەگىشىپ ئارىمىزدا ئانچە- مۇنچە چۈشۈنىش پەيدا بۇلۇشقا باشلىدى،ئۇلاردا بۇ مۇنبەت زىمىن، مىھماندوست خەلىق خېلى تەسىر قالدۇرغان بولسا كىرەك،قايتقۇسى يوقتەكلا قىلاتتى.
11-ئاينىڭ مەلۇم بىر كۈنى لى جۇن ماڭا مۇھىم گىپى بارلىقىنى،ئۇ بولسىمۇ قايتىدىغان ۋاقىتقا ئاز قالغاچقا شەرق تەرەپنى يەنى تەكلىماكاننى بىر كۈرۈپ كىتىش ئارزۇسىنىڭ بارلىقىنى باشقا ئىككى خەنزۇنىڭمۇ مۇشۇنى تەلەپ قىلىپ تۇرۇۋالغانلىقىنى دىدى،ئۇنۇڭ بۇ تەلىپى مىنىمۇ ئويلاندۇرۇپ قويغان ئىدى،تەكلىماكان ماڭا سىرلىق بىلىنمەيىتتى ،ئاتام زاماندىن تارتىپ ئۇتۇن ئەپكىلىپ قىشتىن ئۈتۈش،توشقان، قىرغاۋۇل، جەرەن ئوۋلاش مەھەللىمىز مۇيسىپىتلىرىنىڭ ئاغزىدىن چۈشۈرمەي ماختىنىدىغان كۈزۈرى ئىدى،ئەمما يېقىنقى بىرقانچە10~20 يىل مابەينىدە جاڭگالغا ئىگە چىقىپ بۇ ئىشلار تارىخقا ئايلانغاچقا خىنىيا،ئىسلىق، تۇز تاغ،قۇراللىق زەي دىگەن جاڭگاللار مىنىڭمۇ ئىسىمدىن كۈتىرىلىشكە باشلىغان ئىدى،يۇرتىمىزنىڭ جەنۇپ- شىمال كەڭلىكىدىن شەرىق- غەرىپ ئۇزۇنلۇقى ئشىپ چۈشسىمۇ زەرەپشان دەرياسىنى بويلاپ ئادەم ئولتۇراقلاشقان بولغاچقا شەرىق تەرەپ پايانسىز قۇملۇق ئىدى،مەن ئۇلارنىڭ تەلىپىنى خېلى ئۇرۇنلۇق ھىس قىلساممۇ يەنىلا قەتئى رەت قىلدىم ،چۈنكى بۇ ئىشنىڭ مەسئۇلىيىتى ئېغىر بۇلۇپلا قالماي چوڭ سىياسىغا تاقىشاتتى،بىرەر مەسىلە چىقىپ قالساجاۋاپكارلىقتىن ھېچكىم قېچىپ قۇتۇلالمايىتتى.
ئارىدىن بىرھەپتە ئۆتتى ، بۇ بىر ھەپتىدە ئۇلار ئىزچىل مۇشۇ تەلەپنى دەپ تۇرۇۋالدى،مىنىڭمۇ كۇڭىلچەكلىكىم ئاخىر مۇشۇ سەپەرنىڭ باشلىنىشىغا سەھنە ھازىرلىدى،مەنمۇ شەرت قۇيۇپ ئىككى كۈنلىك سەپەر تەييارلىقىنى ياخشى قىلىشنى،ھېچكىمگە دىمەسلىكنى كىلىشتۇق،بۇنداق بولغاندا مەنمۇ ئاۋارىچىلىقتىن قۇتۇلاتتىم،چۈنكى مەكتىپىمىزدا بىخەتەرلىكنى بىرىنچى ئۇرۇنغا قۇيۇپ تەنتەرنىيە پائالىيەتلىرىنىمۇ ئىھتىياتتا ئۆتكۈزەتتۇق.
2- سەپەر ئۈستىدە
كىيىنكى شەنبە ئەتتىگەندە بىر كىراچى شىيالىنى 300يۇەنگە كىلىشىپ بازاردىن نان،گۆش،سۇ ۋە ئۇششاق يىمەكلىك سېتىۋېلىپ يولغا چىقتۇق ،ئاۋال 45- پولىك يۇلىنى بويلاپ شىمالغا قاراپ 160كىلومىتىر يول يۈرۈپ چوڭ قۇمغا كەلگەندە كۆز ئالدىمىزدا ئالتۇنرەڭ توغراقلىق بىلەن قۇملۇق بىر گەۋدىلەشكەن مەنزىرە پەيدا بولدى، يۈك-تاقلىرىمىزنى ئېپقېلىپ ماشىنىنى ئەتە چۈشتىن كىيىن سائەت 5تە كىلىشنى تاپىلاپ قايتۇرۇۋەتتۇق، ھەمدە يىمەكلىك قاتارلىق لازىمەتلىكلەرنى ھەر بىرىمىز ئازراقتىن بۈلۈشىپ كۈتىرىشىپ شەرىققە يەنى قۇم بارخانلىرى بىلەن توغراقلارگىرەلىشىپ كەتكەن تەكلىماكاننىڭ ئىچكىرىسىگە قاراپ ماڭدۇق،بۇ قۇملۇقتا يالاڭغىياق كىتىۋاتقان ھەممىمىزنىڭ چىرايىدا خۇشاللىق ئەكىس ئىتەتتى،تۇيۇقسىز قامغاق تۈۋىدىن ئوقتەك چىققان ياۋا توشقان ئالتۇنرەڭ قۇمۇشلۇق ئارىسىدا غايىپ بۇلاتتى،دورۇكلاپ ئۈركىگەن قىرغاۋۇللار قەستەن ئۇچماي يۈگرىپ ھالىمىزدىن كەتكۈدەك قوغلىغىلى سالاتتى،ئالاھەزەل بىر يېرىم سائەت ماڭغاندىن كىيىن ئىگىز قۇم ئۈستىدىكى چوڭ توغراق تۈۋىدە ئارام ئالدۇق.
3-زەھەرلەنگەن قەلەندەر زەي
ئازراق نان يەپ قۇرساقنى ئەستەرلەپ يەنە يولغا چىقتۇق،ھۈكۈمەت قوي بېقىشنى چەكلىگەچكىمىكىن ياكى دەريادا سۇ تارتىلىپ ئوت-چۆپلەر موللاشقانغىمىكىن بىرەر مالچىنىڭ ئىزىمۇ كۈرۈنمەيتتى،بىز ئامالسىز شەرىقنى نىشانلاپلا كىتىۋاتاتتۇق،ئالاھەزەل بىر ئاش پىشىم ۋاقىت ئۆتكەندە كۆز ئالدىمىزدا پايانسىز سازلىق ئايان بولدى،بۇ دەل خانكۆلدىن باشلىنىپ پۈتۈن ناھىيە تەۋەسىدىن ئېقىپ ناھىيە بازىرىنىڭ چىقىرىندىلىرىنى ئېقىتىپ 150 كىلومىتىردىن ئارتۇقراق ئاققاندىن كىيىن چوڭ ساسلىق بۇلۇپ شەكىللەنگەن قەلەندەر زەي ئىدى ،بۇ زەيكەشنى راۋانلاشتۇرۇش ئۈچۈن گومىنداڭ ھۈكۈمىتى ئەر-ئايال ھەتتا قۇرساقتىكى بالىغىمۇ ھاشار قوزغىغان بۇلۇپ نۇرغۇن زۇلۇم بەدىلىگە بارلىققا كەلگگن سۇ ئىنشائاتى ھىساپلىناتتى،بۇ زەيكەش پۈتكەندىن كىيىن 53مىڭ مۇ يەر شورلىشىپ كىتىشتىن ساقلىنىپ ئىكىنلەشتۈرۈلگەن بۇلۇپ يەر ئاستى سۈيىنىڭ كۆپلەپ تارتىلىشى نەتىجىسىدە يەر ئاستى سۇ ئورنى تېز تۈۋەنلەپ ئاقتۇرۇدىغان زەي قالمىغاچقا دەم ئېلىشقا تەرەددۇتلەنگەن قەلەندەر زەي يەنە بىر يېڭى تارىخى ۋەزىپىنى يەنى ناھىيە بازىرىنىڭ چىقىرىندىلىرىنى (كىرەكسىز سۈيىنى)ئاققۇزۇش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان ئىدى.
كۈلىمى بىرقانچە 10كۋادىرات كىلومىتىر كىلىدىغان بۇ چۇڭ ساسلىقنى كۈرۈپ سەپەردېشىمىزنىڭ ئاغزى قۇلۇقىغا يەتتى،چۈنكى ئۇلار مەخسۇس بېلىق تۇتىدىغان قارماقلىرىنى يېنىدىن ئايرىمايدىغان ھەۋەسكارلار ئىدى، يۈگۈرىشىپ ساسلىق بۇيىغا كىلىپلا يۈك تاقلىرىمىزنى تاشلاپ قارماقنى تەييالاپ نانى مىجىپ خېمىر قىلىپ ئىلدۇرۇپلا ئالدىراپ قۇمۇشلۇققا ئورالغان ساسلىقنىڭ ئوتتۇرىغا قارماقنى تاشلىدى،ساقلا-ساقلا خېلى بولغاندىمۇ قارماق لىك قىلىپمۇ قويمىدى،ئەسلى يۇرتىمىزنىڭ ئېرىق ئۆستەڭ،كۆللىرىدە بېلىقلار ئويناپ يۇرگەچكە بۇ ئىش سەل غەلىتە بىلىندى ،كەچ پىشىمدىن ئۆتكەندە ياشتا چوڭراق سەپەردېشىمىز كۆلنى ئايلىنىپ كىلىپلا توختىماي قايناشقا باشلىدى،ئۇنىڭ ئەلپازىدىن ئىنتايىن خاپا بولغانلىقى چىقىپلا تۇراتتى،ئۇ تۇلۇق شاڭگاڭ تەلەپپۇزىدا سۈزلىگگچكە مەن چۈشىنەلمەي لى جۇندىن سورىدىم،ئۇمۇ غەزەپ بىلەن قارماقنى چۈرۈپ تاشلاپ مىنى باشلاپ كۆلنىڭ يىراقراق قىرغىقىغا باشلاپ باردى،بۇ يەردە سېسىق بېلىق پۇرىقى ئەتراپنى بىر ئالغان بۇلۇپ شامالدا بىر يەرگە توپلىنىپ قالغان ئۈلۈك بېلىقلار كۆل يۈزىنى تامامەن قاپلاپ كەتكەن ئىدى ،كىچىكلىرى بارماقتەڭ، چوڭلىرى يۇتىدەك،بىلەكتەك ئوتخور بېلىق ،قىپقىزىل قۇيرۇقلۇق تاپان بېلىقلارنىڭ بېشى يەرگە،قۇيرۇقى ئاسمانغا قاراپ مىلىچلاپ ياتاتتى،ئەسلىدە تەكلىماكاننىڭ ئۆپكىسى بولغان بۇ ساسلىق ،چىقىرىندىلار ۋە سانائەت بولغانمىلىرى بىلەن ياكى بولمىسا نامەلۇم بېلىقچىلارنىڭ زەھەرلىك قۇلى بىلەن ئىغىر زەھەرلەنگن بۇلۇپ بۇ سۇغا تاينىپ ياشايدىغان سۇ جانلىقلىرى،قۇشلار ،ياۋايى ھايۋانلارمۇ ئۈلۈم ئازاۋىدا ئىڭراۋاتقان ئىكەن،شاڭگاڭ تەلەپپۇزىدا سۈزلەيدىغان چىڭلۇڭسىمان مۇئەللىم كىچىككىنە فوتۇ ئاپراتىدا سۈرەتكە تارتىشقا باشلىدى،ئۇنۇڭ قاخشاشلىرى كەچ چۈشكىچە بېسىلمىدى.
4-ئاچ بۈرە ۋەھىمىسى
كەچ كۈز بولغاچقا بىردەمدىلا كەچ كىردى،مەن ئەسلى بىرەر مالچىنىڭ قۇنالغۇسىنى تېپىپ شۇ يەردە تۈنەشنى ئويلىغان بولغاچقا كەچ كىرىشىگە ساراسىمىگە چۈشتىم،مۇشۇ كەمگىچە قۇغۇن بېقىپمۇ سىرىتا قۇنۇپ باقمىغاچقا مىنى سۇر بېسىۋاتاتتى،ئامالسىز ئارقىمىزغا يېنىپ ئىگىز قۇم ئۈستىدىكى چۇڭ توغراق تۈۋىگە كەلدۇق،مىڭ تەستە بىر ئاز قۇرۇق توغراق ياغاچلىرىنى تىرىپ كىلىپ ئوت ياقتۇق،نانلىرىمىزدا قۇرساقنى توقلىغاچ ئېلىۋالغان خام گۆشنى پارچىلاپ يۇلغۇن تايىقىغا ئۆتكۈزۈپ كاۋاپقا تۇتۇندۇق،چالا پىشقان كاۋاپنى يىگەچ كىچىچە ئۇخلىمايدىغان بۇلۇپ كىلىشتۇق،لىكىن قىززىق پاراڭلار بىلەن بۇلۇپ ئوتنىڭ ئىسسىقىدا ھەممىمىزنى غەپلەت بېسىپتۇ،قانچىلىك ئوخلىدۇق بىر ۋاقىتتا ئىتنىڭ غىڭشىغان ئاۋازىدا چۈچۈپ ئويغاندىم،ئەتراپقا قاراپ قورۇققىنىمدىن ۋارقىراپ تاشلىدىم ،تۈت-بەش قەدەم يىراقلىقتا بىرقانچە جۈپ يىشىل نۇر چاقناپ تۇراتتى:بۆرە ...
ۋارقىرىغان ئاۋازىمدىن باشقىلارمۇ چۈچۈپ ئويغۇنۇپ سەكرەپ تۇرغىنىچە پىتراپ كەتتى،ئوت ئۈچەيلا دەپ قالغاچقا قاراڭغۇدا ھېچنىمىنى ئېىق كۈرگىلى بولمايىتتى ،ئەتراپىمىزدا يىشىل نۇرلار تېخىمۇ كۆپەيدى،ھۇۋلاپ ھازىرلا ئېتىلىپ كىلىدىغاندەكلا قىلاتتى،تۇيۇقسىز شاڭگاڭ تەلەپپۇزىدا سۈزلەيدىغان مۇئەللىم يېنىدىن ئايرىمايدىغان كىچىك قۇتۇلىق ھارىقىنى ئوتقا تۆكتى،لاپ قىلىپ كۈتىرىلگەن يالقۇندا بەش-ئالتە قەدەم نېرىدىكى بۆرىلەر بەدەر قاچتى،قاچتىيۇ ئوت ئۈچۈشىگە يەنىمۇ يېقىنلاپ خىرىلداشقا باشلىدى ،قۇلىغا رامبۇ پىچىقىنى ئېلىپ سەل يۈرەك پەيدا بولغان لى جۇن ۋارقىراپ پىچاقنى قالايمىقان شىلتىدى،لىكىن بۇ تەكلىماكاننىڭ ئاچ بۆرىلىرى رامبۇ پىچاقتىن قۇرۇقسۇنمۇ؟ مىت قىلىپمۇ قويمىدى،شۇئان توغراق يادىمغا كەلدى دەرھال ۋارقىرىدىم : تېزتوغراققا چىقىۋالايلى!
قانداق ياماشتۇق،بىر بىرىمىزنىڭ باش- كۈزلىرىگە،قوللىرىغا دەسسەپ چاقماق تىزلىكىدە توغراقنىڭ ئۆگزە بۇيى يىرىگە چىقىۋالدۇق،شۇنى كۈتۈپ تۇرغاندەك 4-5 بۆرە يۈگۈرىشىپ كىلىپ توغراققا بىرقانچىسى ئېسىلدى،تاس قالدۇق پۇت –قۇلىمىزدا جان قالماي موللاقلاپ چۈشكىلى.
بۆرىلەر بىرقانچىنى ھۇۋلاپ قۇيۇپلا ئاشقان گۆش،نانلىرىمىزنى يالماشقا باشلىدى،قۇرسىقى تويمىغاچقىمىكىن سومكىلىرىمىزنى ئاياقلىرىمىزنى يىرتىشقا باشلىدى،تۇرۇپ- تۇرۇپ بىزگە قاراپ سەكرەپ ھۇۋلاپ قۇياتتى،ئۇلار شۇنچىلىك غالجىرلاشتىكى ئاياق،سومكىلىرىمىزنى تالاپ سومكا ئىچىدىكى بىرقانچە بۇتۇلكا سۇنىمۇ چىشلەپ ئۆتمە –تۈشۈك قىلىۋەتتى،قانچىلىك ۋاقىت ئۆتتىكىن ئۇلارنىڭ قۇرسىقى تويمىسا سەكرەپ چىقىپ بىزنىمۇ يىۋىتىدىغاندەك قىلاتتى.
توغراققا قانچىلىك چاپلىشىپ تۇردۇق بىلمىدۇق،ۋاقىت ئىنتايىن ئاستا ئۈتۈپ پۇت قۇلىمىز دىرىلدەپ تىترەپ ھازىرلا يىقىلىپ چۈشۈدىغاندەك قىلاتتۇق،بۆرىلەرنىڭ ئاغزىغا چۈشۈشنىڭ قورقۇنچىسىدا توغراققا تېخىمۇ چىڭ چاپلىشاتتۇق...
بىر ئاي، ياكى بىر يىلچە ۋاقىت ئۆتتىمىكىن تاڭ سۈزىلەي دىگەندە بۆرىلەرمۇ غايىپ بولدى،تاڭ سۈزىلىپ خېلى ئۇزۇنغىچە توغراقتىن چۈشۈشكە جۈرئەت قىلالمىدۇق،پۇت قۇلىمىز ئۇيۇشۇپ ئاغرىيتتى،قۇياش خېلى كۈتىرىلگەندىلا ئەتراپنى كۈزىتىپ ئاران چۈشۈۋالدۇق،ئەمما ماڭغۇدەك جان يوق ئۇزاق ئولتۇرۇپ قالدۇق،ئەتراپتىن بىرقانچە تال ئۇتۇن تىرىپ كىلىپ شۇنى تاينىپ غەرىپنى نىشانلاپ يولغا چىقتۇق،سومكا ،ئاياقلىرىمىزنى بۆرىلەر خام- تاراج قىلغاچقا ئەسكى لاتا-پىتىگە ئوخشاپ قالغان ئىدى،ھەممىسىنى تاشلىۋىتىشكە مەجبۇر بولدۇق.
ماڭغۇدەك جان قالمىغان بولسىمۇ جان دىگەن ئەجەپ تاتلىققەن ،بۆرە ۋەھىمىسىدە ئىككى سائەتلىك يولنى بىر سائەتتە بېسىپ چوڭ يولغا ئۇلاشتۇق،چوڭ يولغا چىقىپمۇ قۇمۇشلۇق ئارىسىدىن بۆرىلەر ئىتىلىپ چىقىدىغاندەك ۋەھىمە ئىچىدە قالدۇق،ئىلاجىسىز يولنى بويلاپ كەلگەن يۇنۇلىشكە قاراپ ماڭدۇق،تەخمىنەن بىر سائەتلەردىن كىيىن بىر مالچىنىڭ ساتمىسى كۈرۈندى،ساتمىغا چىقىۋالغاندىن كىيىنلا بىخەتەرلىكىمىزنى ھىس قىلىپ بىر- بىرمىزگە قاراشتۇق،
شۇ كۈنى يىمەي-ئىچمەي مىڭ تەستە سائەتنى 5 قىلدۇق،بۇ جەرياندا بىر ئېغىزمۇ گەپ قىلىشمىدۇق،ماشىنىغا چىقىپ بۇلۇپ ئەجەپلىنىپ باش –ئايىقىمىزغا قاراۋاتقان شوپۇر ئىلىپ كەلگەن بىر بۇتۇلكا سۇنى تالىشىپ ئىچىپ بۇلۇپ بىر بىرىمىزگە قارىغۇدەك سۆزلىگىدەك ھالىمىز يوق ئۇدۇللا مەكتەپكە قايتىپ كەلدۇق،
5-خاتىمە
ئەتىسى دۈشەنبە ئۇلارنىڭ بىرسىمۇ كۈرۈنمىدى،ئەنسىرەپ سۈرۈشتۈرسەم ھەممىسى دوختۇرخانىدا ئىكەن،دەرھال تېز قۇتقۇزۇشقا چاپتىم،كۈزىتىش ئۈيىدىن ئۇلارنى تاپقىنىمدا لى جۇن پەقەت بىرلا سۆزنى تەكرارلايىتتى:لاڭ،لاڭ لاڭ...
چىڭلۇڭسىمان مۇئەللىم بولسا ئاغزى، بۇرنى، تىلىغا چىققان قورقاقنىڭ دەستىدىن تىلى سۆزگە كەلمەىيتتى،سەل ساق تۇرغىنى يەنە باشقا بىرسى بۇلۇپ ئۇمۇ كىچىك تەرىتىنى تۇتالمايدىغان بۇلۇپ قالغانلىقىنى، ئەتىسىلا تىيەنجىنگە قايتىپ داۋالىنىدىغانلىقىنى ئېيىتتى،مەنمۇ تەكلىماكاننىڭ تەسىراتىنى كۆپ سورىمايلا خوشلاشتىم،تۇرمىغان مىھماننىڭ كەتكىنى ياخشى، ھېلىمۇ مەكتەپ بىلمەي قالدى،بولمىسا مەنمۇ خىزمىتىمدىن قۇرۇق قالاتتىممۇ تېخى.
مىنىڭمۇ ھازىرغىچە بۆرىنىڭ خىقىراشلىرى يادىمدا تۇرۇدۇ،بۆرىنىڭ قورقۇنچىسىدىن بىر كۈن ئاچ قالغىنىم بەكرەك ئېشىپ چۈشسە كىرەك،مۇشۇنىڭدىن بېرى تاماق تاللىمايدىغان بولدۇم،ئەگەر شۇ كۈندىكى قورقۇنچىلىقتا چىڭلۇڭسىمان مۇئەللىم فۇتو ئاپراتىنى چۈشۈرۈپ قويمىغان ، زەھەرلەنگەن قەلەندەر زەينىڭ سۈرىتىنى مەتبۇئاتقا بەرگەن بولسا كىشىلەرنىڭ مۇھىت ئاسراش ئاڭلىقلىقىنى يەنىمۇ يۇقۇرى كۈتىرگىلى بۇلاتتى،ئۈزىمۇ خېلى چوڭ شەرەپكە نائىل بولغان بۇلاتتى،ئەڭ مۇھىمى ئەگەر ئەشۇ بۆرىلەرنىڭ ياۋۇز قىياپىتىنى سۈرەتكە ئېلىۋالالىغان بولسا ھېچقانداق بايقۇش تەكلىماكانغا ئاياغ بېسىشقا جۈرئەت قىلالمىغان بۇلاتتى


ئاپتۇر : ئەسقەر قادىر

    Hazirqi waqit: Sat Jul 21, 2018 6:03 pm