Sekrattiki Boway ( Arman )

Share
avatar
Arman
Munber Mesuli
Munber Mesuli

Jinsi Jinsi : Male
Yeshi Yeshi : 29
Tughulghan Waqti Tughulghan Waqti : 1989-05-25
Orni Orni : گىرمانىيە
Yazma Sani Yazma Sani : 129
Shohriti Shohriti : 374
Tohpisi Tohpisi : 0
Hizmiti / Qiziqishi Hizmiti / Qiziqishi : ئۇقۇغۇچى
Tizimlatqan Waqti Tizimlatqan Waqti : 2010-02-08

Sekrattiki Boway ( Arman )

Yollash by Arman on Sat Feb 20, 2010 6:03 pm

سەكراتتىكى بوۋاي

(ھېكايە)


تولا ئىسلىنىۋېرىپ،قارداپ كەتكەن ئۆينىڭ تورۇسىدىكى ئىنچىكە ،قوپال لىم-چەڭزىلەرنى ئۆمۈچۈك تورلىرى قاپلاپ كەتكەن،سامان لايدا سۇۋالغان تاملارنىڭ ئۇ يەر بۇيەردىكى سۇۋاقلىرى چۈشۈپ كېتىپ كىسەكلىرى كۆرۈنۈپ قالغان،سۇنۇپ ،دەز چىقىپ چۈشۈپ كېتەي دەپ قالغان يەرلىرىگە پىلاستىر <جىياۋبۇ>چاپلاپ تۇرغۇزۇپ قۇيۇلغان كۆزنەكلىرىنى ھېساپقا ئالمىغاندائاساسەن ئەينەكلىرى قالمىغان ،ئېچىلىپ باقمىغىنىغا ئۇزۇن بولغان دەرىزىدىن چۈشكەن نۇر ئۆينى غۇۋا يورۇتۇپ ،ئۆي ئىچىنى بىر ئالغان بەدبۇي پۇراق بىلەن بىرگە ئادەمگە بىر خىل غەشلىك تۇيغۇسى بېغىشلايتتى. ئۆينىڭ يېرىمىدىن كۆپرەگىنى ئىگىلىگەن كاڭ ،كاڭنىڭ ئۈستىگە سېلىنغان كونىراپ جۇلىقى چىقىپ كەتكەن،كۆيە يەپ ئۆتمە تۆشۈك قىلىۋەتكەن قارا(رەڭگىمۇ ئۆزگىرىپ كۈلرەڭ بۇلۇپ قالغان)ئىككى پارچە كېگىز،كېگىز ئۈستىدە تۆر تەرەپكە سېلىنغان كىرلىشىپ كاناپتەك قېتىپ كەتكەن ،ئەسلىدىكى قىزىل رەڭگى سۈسلىشىپ سۈس قىزىل رەڭگە كىرىپ قالغان كۆرپە ئۈستىدە ،قاسماقلىشىپ كەتكەن يېشىل دۇخاۋا ياستۇققا بېشىنى قويۇپ ،ماغدۇرسىز پۇتلىرىنى ئۇزۇن سوزغىنىچە ،ئېغىر -ئېغىر يۆتىلىپ ،قىينىلىپ تەستە نەپەسلىنىپ ،ئاجىز ئېڭراپ ،ياشاڭغۇراپ قالغان كۆزلىرىنى تورۇسقا تىككىنىچە بىر بوۋاي ياتاتتى.
بۇ بوۋاينىڭ كونىراپ تىۋىتلىرى چىقىپ كەتكەن ئاق (مايلىشىپ قارىداپ كەتكەن)شاپاق دوپپا كەيگەن ،سىقىپ تاشلىۋەتكەن دەسمالدەك پۈرلىشىپ كەتكەن يۈزلىرى ،تۈرمەلدەك تۈرىلىپ كەتكەن بويۇنلىرى ،چوڭقۇرلاپ ئىچىگە چۆكۈپ كېتىۋاتقان نۇرسىز كۆزلىرى ،ھەر بىر نەپەسلەنگەندە تۆشۈكلىرى كېڭىيىپ تارىيىپ تۇرىدىغان بۇرۇنلىرى ،ئاقارغان شالاڭ ئەمما ئۆسكىلەڭ بۇرۇت ساقاللىرى ئارسىدىكى ئېغىزى ،ھەر بىر سۆزلىگەندە پىس-پىس قىلىپ يەل قاچۇرۇپ تۇرىدىغان ،نەچچە تاللا قالغان سرغايغان چىشلىرى ،ئىككى مەڭزىدىن بورتۇپ چىققان ياڭاق سۆڭىكى تامدەك تاتىرىپ كەتكەن يۈزىنى كىچىكلەپ قالغاندەك،قۇلاقلىرىنى يوغىناپ كېتىۋاتقاندەك كۆرسىتىپ قويغانىدى.كېسەل سەۋەبىدىن ئاجىزلاپ بىر تېرە بىر ئۇستىخان بۇلۇپ قالغان تېنىنى تولىمۇ قورقۇنىچلىق تۈسكە كىرگۈزۈپ قويغانىدى.
<توۋا،-دېدى بوۋاي ئۆز-ئۆزىگە ئاستا پىچىرلاپ،-خۇدانىڭ قۇدرىتى بىلەن ياشاپ كېلىۋاتقىنىمغا ساپمۇ-ساق 70 يىل بۇلۇپتۇ.بۇ لەنىتى كېسەل چاپلاشقىلىمۇ ،بۇ لەنىتى كېسەل چاپلاشقىلىمۇ ئىككى ئايدىن ئاشتى.يا ساقىيىپ كېتەلمەي ،يا بۇ قېنىم ئەزرائىلغا يارىماي، بالىلارنىڭ كۆزىگە سەت كۆرۈنۈپ ،يۈك بۇلۇپ سۆرۈلۈپ يۈرىمەن.ھەي،ئىككى ئايدىن بېرى جامائەتتىنمۇ ئايرىلىپ قالدىم.تەڭرىم گۇناھلىرىمنى كەچۈرۋەتكەيسەن!...ئولتۇرسام قوپالمايمەن.ئۆرە تۇرسام پۇت -قۇلۇمدا ماغدۇر دەپ نەرسە يوق ،بېشىم قېيىپ پۇتلىرىمنى بىر قەدەممۇ يۆتكىيەلمەي جايىمغىلا يىقىلىمەن.سېزىپ تۇرۇپتىمەن،بۇدا قاتتىق يىقىلدىم،ساقىيىپ كېتەلمەيدىغانلىقىمغا ئىشىنىمەن.شۇڭىمۇ ئىگەمنىڭ ئەزرائىلنى قايسى ۋاقىتتا قېشىمغا ئەۋەتىدىغانلىقىنى بىلەلمەي تىت-تىت بۇلۇپ ،تۆت كۆزۈم بىلەن كۈتۈپ يېتىپتىمەن.ناۋادا شۇ تاپتا ئەزرائىل قېشىمدا بولغان بولسىدى،جېنىمنى خوشاللىق بىلەن قوش قوللاپ تۇتقۇزۇپ قويغان...>
<جالاققىدە>قىلغان ئاۋاز بىلەن بوۋاينىڭ پۈتكۈل خىياللىرى ئاللىقايالارغا توزۇپ كەتتى.چۆچۈپ كەتكەن بوۋاي <ئەزرايىل كەلدىمىكىن؟>دېگەن ئۈمىد بىلەن بېشىنى ئىشىك تەرەپكە بۇرىدى.ئەسلىدىكى يېشىل سىردا سىرلانغان رەڭلىرى ئۆچۈپ ،ئۆڭۈپ تونۇغۇسىز بىر خىل رەڭگە ئۆزگىرىپ قالغان،پەنلىرى ئاجراپ بېگىز قول پاتقۇدەك يېرىقچىلار ھاسىل بولغان،ھەر قېتىم ئېچىلىپ-يېپىلغاندا خۇددى ئۆرۈلۈپ چۈشىدىغاندەكلا ئەنسىز لەپەڭشىپ قويىدىغان ئىشىك زەرىپ بىلەن تامغا تىگىپ ،كەينىگە ئازراق يېنىپ لىڭشىپ توختاپ قالدى.ئۆيگە قاش-قاپاقلىرىنى سۈزگىنىچە بوۋاينىڭ چوڭ ئوغلىنىڭ كېلىنى قولىدا بىر قاچا ئاشنى كۆتۈرگىنىچە كىرىپ كەلدى ۋە تاماق قاچىسى بىلەن بىر جۈپ چوكىنى بوۋاينىڭ ئالدىغا <جاققىدە>قىلىپ تاشلاپ بوۋايغا قاراپ سەت بىرنى ئالىيىپ قويۇپ كەينىگە بۇرۇلدى.
-خېنىم ...بالام؟...-بوۋاينىڭ ئاۋازى ئېڭرىغاندەك چىقىپ كەتتى.كېلىن بۇلسا كەينىگىمۈ بۇرۇلماستىن <نېمە ئىش؟>دېگەندەك جايىدا توختىدى.
-تاماققا ...تازا...كۆڭلۈم... تارتمايۋاتىدۇ...ئىسسىق چاي...دەملەپ...ئەكىرىپ بېرەملا ...سىلىدىن ...خۇش بۇلۇپ...
كېلىن بوۋاينىڭ ئۈزۈپ -ئۈزۈپ تەستە ئېيتقان سۆزلىرى ئاخىرلاشمايلا:
-قېرىغانچە جىددىلى تۇلىراپ كەتتىغۇ،ئۆلمەيدىغان قېرىنىڭ!...-دەپ غودرىغىنىچە چىقىپ كەتتى.
بوۋاينىڭ كۆزلىرى مۆللىدە ياشقا تولدى.كۆز-چاناقلىرىدىن چىققان ياش ئىككى چېكىسىنى بويلاپ قۇلاقلىرىنىڭ ئىچىگە كىرىپ كەتتى.بىر ھازادىن كېيىن كېلىن بىر قۇلىدا چايدان،يەنە بىر قۇلىدا كىچىك مىس چۆگۈننى كۆتۈرگىنىچە كىرىپ ،چايدەن بىلەن چۆگۈننى كاڭنىڭ ئۈستىگە زەرىپ بىلەن قويدى ۋە:
-قايناقسۇ چايداندا ،چۆگۈنگە قۇيسىلا چاي بۇلىدۇ،-دەپ قويۇپ كەينىگە ئۆرۈلۈپلا غودىرغىنىچە ئىشىكنى جالاقلىتىپ يېپىپ چىقىپ كەتتى.
بوۋاي مىشىلداپ يىغلىغىنىچە ئالدىدىكى نەرسىلەرگە قارىدى.جانان چىنىدا سوۋۇپ قالغان شوۋاگۈرۈچ،بىر تېلى چىنىنىڭ ئۈستىدە يەنە بىر تېلى كىگىزنىڭ ئۈستىدە تۇرغان قومۇشتىن ياسالغان چوكا،يان تەرىپىدە مىس چۆگۈن بىلەن قىزىل رەڭلىك سۇلياۋ چايدان تۇراتتى.
<توۋا،مۇسۇلمانچىلىقتا بىرەر پارچە لاتىنى بولسىمۇ ئەكىرىپ داستىخان قىلىپ سېلىپ بەرمىدى-ھە؟...ھەي بوپتۇلا بۇلادىنمۇ ئاغرىنغىلى بولمايدۇ.بالا ئەمەسمۇ؟ھېلىمۇ مۇشۇ ھالغا چۈشۈپ قالغىنىمدا مېنى يەنە بېقىپ كېلىۋاتىدۇ.ئۇزۇن ئۆمرىنى،بەختىنى بېرەر...>
بوۋاي چىنىنى ئېلىشقا قۇلىنى سوزماقچى بولدىيۇ،بىراق ماغدۇرسىز ئېغىر قۇلىنى قىمىرلىتالمىدى.
ئىككى كۈندىن بېرى پۇت-قۇلىنى مىدىرلىتالمىغۇدەك ھالغا چۈشۈپ قالغان ئىدى.شۇڭىمۇ ئالدىدىكى تەييار تاماقنىمۇ يىيەلمەي ئاچلىق ئازابىدا قىينىلۋاتاتتى.
<توۋا،ئالدىمدىكى نېمەتنىمۇ يىيىشكە قادىر بولالمىغانمەن بىچارىنىڭ مۇردىدىن نېمە پەرقىم بولسۇن؟...>دەپ ئويلىغىنىچە ئېغىر ئۇھسىنىپ قويۇپ بېشىنى تەستە يانغا بۇرىدى.
ئۆينىڭ بىردىنبىر زىننىتى بۇلۇپ تامغا تارتىلغان ،ئۇيەر-بۇيەرلىرىدىككى مىخلىرى چۈشۈپ كېتىپ ساڭگىلاپ قالغان سېرىق گۈللۈك زەدىۋال بوۋاينى يەنە خىيال قاينىمىغا سۆرەپ كىردى:
<رەھمەتلىك مومىيىم(ئىلاھىم ياتقان يېرى جەننەتتە بولغاي!)بولغان بولسىمۇ،بۇنچىلىك بۇلۇپ كەتمەس بولغىيتتىم.قەدىردان مومىيىم تولىمۇ ئاقكۆڭۈل،كۆيۈمچان،ئىشچان تېپىلغۇسىز ئايال ئىدى.بىچارە توققۇز بالىنى تۇغۇپ ،قاتارغا قوشقىچە نى جاپا -مۇشەققەتلەرنى تارتمىدى-ھە؟...بالىلار بىرنىڭ كەينىدىن بىرى ئۆي-ئوچاقلىق بۇلىۋېدى،نەۋرە خۇشاللىقى بىلەن نەۋرىلەرنى باقتى.ئېتىزدا مەن بىلەن تەڭ كەتمەن چاپتى،ئۆيگە كەلسە پۇت-قۇلىنى يەرگە تەگكۈزمەي ،تۈگىمەس ئۆي ئىشلىرى بىلەن ھەلەك بولدى. بىرەر قېتىممۇ ۋايساپ قويمىدى.بالىلىرىم ،بالىلىرىم دەپ كېچە -كۈدۈز غېمىنى يىدى ،شۇڭىمۇ ناھايىتى تېزلا يىللار ئۇنىڭ بەللىرىنى مۈكچەيتتى،يىقىتتى.مانا ھازىر ئۇنى ئىگەم ئۆز دەرگاھىغا ئېلىپ كەتكىلى توپتوغرا بەش يىل بولدى.مەن بولسام تېخىچە سۆرۈلۈپ...>
بوۋاي ئۆزىنى باسالماي بۇقۇلداپ يىغلاپ كەتتى.يىغا بىلەن تەڭ قىينىلىپ،ئۈزۈپ يۆتىلىپ ،دېمىنى ئالالماي ،ھاسىراپ ئاستا-ئاستا خىرقىرغىنىچە جىمىقتى.ئاچلىق ئۇسسۇزلۇق سەۋەبىدىن گەز باغلاپ كەتكەن لەۋلىرىنى بىلىنەر-بىلىنمەس قىمىرلىتىپ ،تامىقىغا كېلىپ قالغان تۈكۈرۈكىنى تەستە يۇتىۋەتتى.
<ئۆمرۈمدە توققۇز بالا تېپىپتىمەن ،نەۋرە-چەۋرىلىرىمنى ھېساپلىسام ئوتتۇزدىن ئاشىدۇ...چوڭ ئوغلۇم ئەبەيدۇللا كىچىكىدىنلا تولىمۇ تېمەن،قاۋۇل چوڭ بولغانىدى.ئىش ئوقىتى خېلى راۋاج تېپىپ ،مانا ھازىر راۋرۇس ئۆيلەرنى سېلىپ ،يېزىمىزنىڭ كاتتا بايلىرىنىڭ بىرى بۇلۇپ قالدى.بىراق يېزىمىزدىكى بېزى كىشىلەر ئۇنى (خەققە يىڭنە چاغلىق نەرسىسىنى بەرمەيدىغان پىخسىق،مال-دۇنيانى ئاتا-ئانىسىدىن ئەزىز كۆرىدىغان ۋاپاسىز!...)دىيىشۋېتىپتۇمىش.بەلكىم ئۇنچىلىكمۇ ئەمەستۇ.بۇ ئۇنى كۆرەلمەسلەرنىڭ گېپى بۇلىشىمۇ مۇمكىن.مانا ھازىر ئۇ كېلىنىگە مېنىڭ ئۈچ ۋاق تامىقىمنى ئەتكۈزۈپ بېرىۋاتمامدۇ؟...ئۆزىگە پۇختا بولغان ياخشى،ئۇنچىلىك پىششىق بولمىسا ،شۇنچىۋالا كۆپ پۇلنى قانداق تاپىدۇ؟...ئىككىنچى ئوغلۇم ئەنەيتۇللانىڭ ھالى ئانچە ياخشى ئەمەس.ھېچبىر قىلغان ئىش-ئوقىتىنى ئاقۇزالماي ئاۋارە.كىچىكىدە موزدوزلۇققا ھۆنەرگە بەرسەم(خەقنىڭ ئايىقىنى ياماپمۇ ئىشمۇ؟ئۇنىڭ ئۈستىگە تاپقان پۇلى ئاۋۇمايدىغان زېرىكىشلىك كەسىپكەن بۇ...)دەپ ياراتماي قىلغىلى ئۇنىمىدى.مال ئېلىپ-سېتىپ يۈرۈپ باقتى،ئازراق زىيان تارتىپ (جاپاسى تولا ئىشكەن ...)دەپ ئۇنىڭدىنمۇ سوۋىدى.يەرگە ئىشلەپ جېنىڭنى باققىن دەپ يەر ئايرىپ بەرسەم(كەتمەن تۇتسام قۇلۇم قاپىرىدىكەن...)دەپ
يەرنى سېتىۋېتىپ ...ھەي،ھازىر نېمە ئىش قىلىۋاتىدىكىن؟...بالىلارنىڭ ئۈچىنچىسى قىزىم بۇزۆھرە...ۋاھ،راسا ئانىسىنىلا تارتقان كۆيۈمچان قىز ئىدى.يىراق بىر تۇغقىنىمىزغا ئەرگە بېرىۋەتكەندىن كېيىن ،پەسىلدە بىر دېگۈدەك مىنى يوقلاپ كېتىدۇ.كەلگەندۇمۇ يېنىمدا ئۇزاق تۇرلمايدۇ.بىر ئىككى كۈن تۇرۇپلا قايتىپ كېتىدۇ...كېيىنچە ئاڭلىسام ئېرى ناھايىتى ئاچچىقى يامان،جىدەلخور كىشىمىش...بوپتۇ...قىز بالا دېگەن ھامان تالا ئادىمى ئەمەسمۇ؟ئۇنىڭمۇ ئۆيى بالا-چاقىسى بار،ئېرىنىڭ خىزمىتىنى ياخشى قىلىپ،ئەر-خوتۇن ئىناق ئۆتسىلا بولدى.ئۇزۇنغىچە يوخلاپ كىلەلمىسىمۇ ئاغرىنىپ كەتمەيمەن...تۆتىنچى ئوغلۇم ئەسەيدۇللا ...ھەي،بۇ بالىنى -زە،
كىچىكىدىنلا ناھايىتى ئىش خۇشياقمايدىغان،ھورۇن بالىتى...مانا چوڭ بۇلىۋېدى،ئۈچ قېتىم ئۆيلىدىم ،ئوڭشىلىپ قالار دەپ.ھەر قېتىمقى خوتۇنلىرى(ئەر كىشى دېگەن مۇنداقمۇ تەييارتاپ،ھورۇن بولامدىغان...بىكار ياتقانغا بىرى <بۇنى ئال!> دەپ تاشلاپ بېرەمتى؟يا بىر گەپ يېمىسە،يا خۇيىنى ئۆزگەرتمىسە...بۇنداق ئادەم بىلەن قانداقمۇ ئۆي تۇتقىلى بولسۇن؟... ) دىيىشىپ خېتىنى ئېلىشتى...ئاڭلىسام ئۇنىڭ نەششە خۇمارى بارمىش،كۈندە ناسىۋال تارتمىسا چىدىيالماسمىش...ئۇنىڭغا مەنمۇ،ئەل-جامائەتمۇ كۆپ نەسىھەت قىلدۇق.<جان بىلەن كىرگەن خۇي،قان بىلەن چىقىدۇ>دەپ زىنھار ئۆزگەرتمىدى.مانا ئەمدى كۈندە دېگۈدەك مەھەللىدىكى نەشىخور ،گەپساتتىلار بىلەن دوخمۇشتا پېشىنى بىر قىلىۋېلىپ لاغايلاپ ئولتۇرغىنى ئولتۇرغان...
بالىلارنىڭ بەشىنچىسى جامالىدىن كىچىكىدە مەكتەپكە بەرسەم بەڭۋاشلىق قىلىپ ،قېچىپ ئارام بەرمىدى.موللىغا بېرىپ باقاي بىر ئاز ئىلىم ئۆگەنسە ،دىلى يورۇپ قالسا ئەجەپ ئەمەس دەپ ئىمامغا شاگىرتلىققا ئاكىرىپ بەرسەم ،ئۇ يەردىمۇ ھەپتىيەكتىن چىقالمىدى...كېيىن بىر ئاز چوڭ بۇلىۋېدى مەھەللىمىزدىكى تەڭ-تۇشلىرى بىلەن بىرلىشىپ ناھىيەگە بېرىپ،ئانچە-مۇنچە ئۇششاق تىجارەت بىلەن شۇغۇللىنىپ يۈرىۋېدى.خوشلۇقۇمدا بىر ئاز دەسمايە سېلىپ بېرىۋىدىم،شەھەرمۇ-شەھەر تىجارەت قىلدى...بىرنەچچە ۋاق ھېچقانداق خەۋىرىنى ئالالمىدىم.يېقىندا يېزىمىزدىكى ئىچكىردىن قايتىپ چىققان بالىلارنىڭ دىيىشىچە ئۇ ئىچكىردە بىر <لاۋبەن>گە ئىشلەۋېتىپتۇمىش،يەنە تېخى بىر <تەتەي>بىلەن ئۆي تۇتىۋاپتۇ دەمدۇ... خۇدايىم ،ئامان ئېسەنلىك بەرسۇن...ئالتىنچى قىزىم ئايشەمگۈل بىلەن يەتتىنچى ئوغلۇم مەخمۇت مەكتەپتە ناھايىتى ئوبدان ئوقىدى.شۇڭا مەنمۇ ئازراق قەرزگە بۇغۇلساممۇ مەيلى ،چوڭ بولغاندا <كادىر >بۇلۇپ ،كۈننىڭ سېرىقىنى كۆرەر دەپ مەركىزىي شەھەرگە ئوقۇشقا ئەۋەتتىم...بىراق قىزىم ئايشەمگۈل مەكتەپنى پۈتتۈرۈپلا ،ئوقۇغان مەكتىپىدىكى بىر مۇئەللىم بىلەن توي قىلىپ شۇ يەردە تۇرۇپ قالدى...ئوغلۇم مەخمۇت بولسا مەكتىپىنى پۈتتۈرۈپ قايتىپ كېلىپ ،ھازىر ناھىيىمىزدىكى ئوتتۇرا مەكتەپتە مۇئەللىملىك قىلىۋاتىدۇ...بالىلارنىڭ سەككىزىنچىسى ئوغلۇم ئەكپەر كىچىكىدىغۇ مەكتەپتە تۈزۈك ئوقىمىدى،يېشى يىگىرمىدىن ئاشتى يابىر ھۈنەر ئۆگەنمىدى،يا بىر ئوقەت قىلمىدى.ھە دېسىلا ھېلىقى <ھاراق>دىگەن نىجىسنى ئىچىۋېلىپ،جىدەل ماجرا چىقىرىپ،ھېچبىر كۆڭلۈمنى ئارامىدا قويمىدى.نەچچە قېتىم ساخچىخانىلارنى يوقلاپ چىقتى.كېيىن <مەنمۇ جامال ئاكامدەك سودىگەر بولىمەن>دەپ بىر نەچچە لۈكچەكلەر بىلەن ئىچكىرسىگە كېتىۋىدى.مانا ئىككى يىل بولدى.ھېچقانداق ئىز دېرىگى يوق.ھەي بىچارە بالام ،نېمە كۈنلەرنى كۆرىۋاتقان بولغىيتتىڭ؟!...بالىلارنىڭ ئەڭ كىچىكى قىزىم سانىيە كىچىكىدىنلا خېلى ئەقىللىق بالا بولغانىدى،مەكتەپتىمۇ خېلى ياخشى ئوقىغان ئىدى.شۇڭا تېىىمۇ ياخشى ئوقىسۇن دەپ،شەھەردىكى تۇلۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپكە ئاپىرىپ قويسام،ئىككى يىلدىلا باشقىچىلا ئادەم بۇلۇپ قالدى.نېمە سەۋەپ بولدى بىلمىدىم،تۇرۇپلا ئوقۇمايمەن دەپ توختىۋالدى.بىر نەچچە ۋاق يۈرگەندىن كېيىن،تۇيۇقسىزلا يوقاپ كەتتى.<نەگە كەتكەندۇ؟>دەپ سۈرۈشتۈرسەك،ياقا يۇرتلۇق بىر شوپۇر بىلەن قىچىپ كېتىپتۇ...بىچارە قىزىم ھازىر قانداق تۇرىۋاتىدىكىن تاڭ؟...>
بوۋاينىڭ تېنى مۇزلىغاندەك بۇلۇپ،جالاقلاپ تىترەپ كەتتى.بۇغۇزىغا كەپلەشكەن يۆتەلنى ناھايىتى تەستە سىرتقا چىقاردى.ئۈچەيلىرى تارتىشىپ،ئىككى چېكىسى لوقۇلداپ ئاغرىپ كەتتى.مانا بوۋاينىڭ كېسىلى رەسمىي ئېغىرلاپ يىقىلغان بىر ھەپتىدىن بېرى بالىلارنىڭ بىرەرىمۇ كېلىپ <دادا،كېسەل بۇلۇپ قاپسەن سېنى دوختۇرغا ئاپىراي.>دىيىشقۇ ئۇياقتا تۇرسۇن،<دادا،قانداق ئەھۋالىڭ؟>دەپ ئەھۋال سورىشىپمۇ قويمىدى.بۇ دۇنيادا خۇددى ئەزەلدىن دادىسى يوقتەكلا!...دادىسى ساق تېمەن چاغدا ئەتراپىدىن پەرۋانىدەك كېتەلمەي،ھېلى بىرى پۇل،ھېلى بىر مال -جابدۇق سوراپ خالىغىنىچە ئېلىشىپ،ئەمدى دادىسى قېرىپ،قۇرۇق قاخشال بۇلۇپ، كېسەلنىڭ دەردىدە ماغدۇرسىزلىنىپ،ئورۇن تۇتۇپ يېتىپ قالغاندا بىرىمۇ يوق.دادىسىنى بېقىشنى بىر -بىرىگە دۆڭگىشىپ <ھەممىمىزدىن باي ھەم ئۆينىڭ چوڭى بولغاندىن كېيىن سەن باق >دەپ چوڭ ئاكىسىغا دۆڭگەپ قويىۋېدى،چوڭ ئوغلىمۇ كېلىنىگە دادىسىنىڭ ئۈچ ۋاق تامىقىنى ئېتىپ،كېر قاتلىرىنى يۇيۇپ بېرىشكە بويرۇپ قويۇپ كارى بولماي يۈرىۋەدى .ئەنە كېلىنلىرى بولسا بۇ بوۋايغا بىر ئىتقا مۇئامىلە قىلغاندەك مۇئامىلە قىلىدۇ...كېلىنلەردىن ئاغرىنغىلى بۇلاتتىمۇ؟...مىڭبىر جاپادا بېقىپ چوڭ قىلىپ قويغان بالىلىرىدىن كەلمىگەن ۋاپا ،كېلىنىدىن قانچىلىك كەلمەكچىدى؟!...
توۋا!...ئۆز ۋاقتىدا بۇ بوۋاي توققۇز بالىنى ۋايسىماي تۇرۇپ،كىيمىنى پۈتۈن ،قۇرسىقىنى توق،غېمىنى يوق قىلىپ ،ساق-سالامەت چوڭ قىلىپ ،قاتارغا قوشۇپ قويدىيۇ...ئەمدىلىكتە توققۇز بالا بىر ئاتىنى باقالمىسا ،باقمىسا -ھە؟!...بۇ زادى قانداق جاھان بۇلۇپ كەتتى؟بۇ ئىشلارغا ئەمدى نېمە دېگۈلۈك؟...
بوۋاي تېنىدىكى ئەڭ ئاىىرقى ماغدۇرىنى تىلىغا يىغىپ ،ئاغزىنى ئۆمەللىدى:
-ئىگەم...بالىلىرىمنىڭ...ئىنسابىنى...بەرگەيسەن!...
بوۋاينىڭ ئاۋازى ئىنتايىن تۆۋەن چىقتى.سۆزلىرىنى ھەتتا ئۆزىمۇ ئاڭلىيالمىدى.بوۋاينىڭ كۆز قارچۈغى ئاستا- ئاستا يۇقىرىغا تارتىلىپ ،كۆزلىرى ئاستا ئاستا يۇمۇلدى.ئېڭىكى بارا-بارا تۈۋەنلەپ،تۈۋەنگە چۈشۈپ كەتتى!...


ئاپتۇر : غۇپۇرجان پەتتار

    Hazirqi waqit: Thu Sep 20, 2018 2:26 pm