Eski Boldum ( Arman )

Share
avatar
Arman
Munber Mesuli
Munber Mesuli

Jinsi Jinsi : Male
Yeshi Yeshi : 29
Tughulghan Waqti Tughulghan Waqti : 1989-05-25
Orni Orni : گىرمانىيە
Yazma Sani Yazma Sani : 129
Shohriti Shohriti : 374
Tohpisi Tohpisi : 0
Hizmiti / Qiziqishi Hizmiti / Qiziqishi : ئۇقۇغۇچى
Tizimlatqan Waqti Tizimlatqan Waqti : 2010-02-08

Eski Boldum ( Arman )

Yollash by Arman on Sat Feb 20, 2010 6:19 pm

ئەسكى بولدۇم


بۇغدىيىڭنى تېرىپ بېرىپ ئەسكى بولدۇم،
ئوتۇنۇڭنى يېرىپ بېرىپ ئەسكى بولدۇم.
ساغاي دېسەڭ سىيىر بولدۇم سېنىڭ ئۈچۈن،
پۇتلىرىمنى كېرىپ بېرىپ ئەسكى بولدۇم.

تاتلا دېسەڭ سىلاپ قويدۇم دۈمبەڭنىمۇ،
چېيىڭغا نان سېلىپ بېرىپ ئەسكى بولدۇم.
ئۆزۈمدە يوق ئۇننى ئەلدىن تىلەپ يۈرۈپ،
ساڭا بۇلماق چېلىپ بېرىپ ئەسكى بولدۇم.

ساغلىقلىرىڭ تۇغماي قالسا مەندىن كۆردۈڭ،
ساڭا قۇغۇن تىلىپ بېرىپ ئەسكى بولدۇم.
تومۇزلاردا سېنى يەلپۈپ قولۇم تالدى،
مۇزدەك دوغاپ قىلىپ بېرىپ ئەسكى بولدۇم.

كىم قويۇپ ماڭا بۇنداق مالايلىقنى،
ئىتلىرىڭنى بېقىپ بېرىپ ئەسكى بولدۇم.
كىرلىرىڭنى يۇيۇپ بەرسەم رەھمىتىڭ يوق،
كىگىزىڭنى قېقىپ بېرىپ ئەسكى بولدۇم.

<خوپ بولدى!> دەپ دۈشمەنلىرىم خوش بولۇشتى،
ساڭا ياڭاق چېقىپ بېرىپ ئەسكى بولدۇم.
تۆككەن تەرىم بېكار كەتتى ئەگىزلەردەك،
ساڭا ئابرۇي تېپىپ بېرىپ ئەسكى بولدۇم.





(مۇھەممەدجان راشىدىن شىئېرى)

    Hazirqi waqit: Wed Dec 19, 2018 7:21 pm