Yahshi Chush Kurung ( Arman )

Share
avatar
Arman
Munber Mesuli
Munber Mesuli

Jinsi Jinsi : Male
Yeshi Yeshi : 29
Tughulghan Waqti Tughulghan Waqti : 1989-05-25
Orni Orni : گىرمانىيە
Yazma Sani Yazma Sani : 129
Shohriti Shohriti : 374
Tohpisi Tohpisi : 0
Hizmiti / Qiziqishi Hizmiti / Qiziqishi : ئۇقۇغۇچى
Tizimlatqan Waqti Tizimlatqan Waqti : 2010-02-08

Yahshi Chush Kurung ( Arman )

Yollash by Arman on Sun Feb 21, 2010 12:37 pm

ياخشى چۈش كۆرۈڭ
مەمتىمىن ھوشۇر


مەھەللىمىزنىڭ چېتىدە خېلىلا چوڭ بىر ئاممىۋى باغچا بار . پېنسىيىگە چىققانلار ئاخشىمى- ئەتىسى شۇ يەرگە يىغىلىپ قالىمىز . نېمە ئىش بار دەيسىلەر ؟ بەزىلىرىمىز شاھمات ئوينايمىز ، بەزىلىرىمىز كورت؛ بەزىلىرىمىز بايىلا يەپ چىققان تاماقنى سىڭدۈرۈ ش ئۈچۈن ئۇششاق چامداپ ئۇياق - بۇياققا ماڭىمىز ، ئوڭدا يېتىپ دۈم قوپۇپ ، ھەرخىل ھەرىكەتلەرنى قىلىپ بەدەن چېنىقتۇرىدىغانلارمۇ بار ؛ يەنە بەزىلىرىمىز ئولتۇرىۋىلىپ ، ھازىر بازاردا نېمە ئەرزان ، نېمە قىممەت ، قايسى ئاغرىققا قانداق دورا پايدا قىلىدۇ ، ئاخشام تېلىۋوزوردا قانداق يېڭى نۇمۇرلارنى قويدى ، كىمنىڭ ئېرى ئۆلۈپ كەتتى ، كىم ياش خوتۇن ئېلىۋالدى ؛ پېنسىيىگە چىقىپ دۇكان ئېچىپ كىم پايدا ئالدى ، كىم زىيان تارتتى ...دېگەندەك پاراڭلارغا چۈشۈپ كېتىمىز .
كەچكى تاماقتىن كېيىن ، ئازراق سالقىنداي دەپ باغچىغا چىقىۋىدىم ، كۆل بويىدا قولىنى ئارقىسىغا تۇتۇپ ، ئېڭىشىپ كېتىپ بارغان ئۇبۇل ئەپەندىگە كۆزۈم چۈشۈپ قالدى . ئۇ ، ياش ۋاقتلىرىدا باشلانغۇچ ، ئورتا مەكتەپلەرگە مۇئەللىم بولغان ، كېيىنكى ئۆمرى نەشرىياتتا ئوقۇغۇچىلارغا دەرسلىك كىتابلارنى تۈزۈش بىلەن ئۆتكەن كونا زىيالى ئىدى . مېنى كۆرسە دائىم :
- خوش ، شائىر ئەپەندىم ، دېھقان ئۇنداق ئۇلۇغ ، مۇنداق ئۇلۇغ ، دەپ شېئىر يازىسىلەر ، ھەربىرىڭلىنى دېھقان بول ، دەپ شۇ يېزىغا ئاپىرىپ قويسا زادى قانچە كۈن تۇرارسىلەر ؟... توۋا ، مۇشۇ كۈنلەردە ئانىسىنى ئۆمۈر بويى قاقشاتقان ئاغىنىلەر ۋاي ئانام دەپ شېئىر يېزىپ ھالى قالمايدىغان بولى - ھە؟ ... دېگەندەك گەپلەر بىلەن چېقىشىپ قوياتتى .ئۇبۇل ئەپەندىنى كۆرمىگىنىمگە ئۇزۇن بولغانىكەن . شۇ تاپتا بۇ ئۇرۇق ئادەم يەلكىسىنى بىر پاتمان غەم بېسىۋالغاندەك مۈكچىيىپ كېتىپ باراتتى .
- ھاي ئۇبۇل ئەپەندىم ، ئۇبۇل ئەپەندى ! - دەپ چاقىردىم .
ئۇبۇل ئەپەندى بېشىنى كۆتۈرۈپ مەن تەرەپكە قارىدى دە- مېنى كۆرۈپ خوشال بولۇپ قولىنى پۇلاڭلاتتى . ئوتتۇرىمىزنى ياپيېشىل سۇ ئوتلىرى بېسىپ كەتكەن كۆل ئايرىپ تۇراتتى . ئىككىمىز ئالدىراش بىر - بىرىمىزگە قاراپ مېڭىپ ، كۆلنىڭ بىر بۇرجىگىدە ئۇچراشتۇق . قىزغىن سالاملىشىپ ، شۇ ئەتراپتا تۇرغان بىر يۆلەنچۈكلۈك ئورۇندۇققا كېلىپ ئولتۇردۇق .
- خوش ، شائىر ئەپەندىم ، ئىلھام ئىزدەپ چىقتىڭىزمۇ نېمە ؟- دېدى ئۇبۇل ئەپەندىم چاقچىقىنى باشلاپ ، - سىلەرنىڭ ئىشىڭلار نېمدىگەن ئوڭاي ، مانا مۇشۇ لەش باسقان كۆلنى كۆرۈپ دېڭىزنى كۆردۈم ، دەپ شېئىر يېزىۋىرىسىلەر ، بۇ باغقا تولا چىقىدىغان بولىۋالدىڭىز ، ئاز كۈندىن كېيىن " جەننەتنى كۆردۈم " دەپ شېئىر يازىسىزغۇ دەيمەن ؟
- ئۆزىڭىزنىڭ ئەھۋالى قانداقراق ؟ - دېدىممەن كۈلۈپ .
-قەدىر ئەھۋال .
-قارىسام ، غەم باسقاندەك بولۇپ مۈكچىيىپلا قاپسىز .
- ھە ، خىيال ...
- نېمە خىيال ئۇ ئۇبۇل ئەپەندىم ؟
- قارىمامسىز ، خەق دېگەن پۇلنى شاراقشىتىپ غازاڭدەك خەجلەيدىغان بولۇپ كەتتى . بىز بولساق قېرىدۇق ، قولىمىزدىن باشقا ئىش كەلمەيدۇ ، شۇ ئازغىنە پىنسىيە پۇلىنى ئايدىن - ئايغا قانداق ئۇلاشتۇرارمەن ، دېگەن خىيال !
- يېقىندىن بېرى قىزىق گەپلەرنى ئاڭلايمەنغۇ ؟
- نېمە توغرىسىدا ؟ - دەپ ماڭا ئەجەپلىنىپ قارىدى ئۇبۇل ئەپەندى .
- ئاڭلىسام ، سىز كوچىدا قىپيالىڭاچلا يۈگۈرۈپ يۈرگىدەكسىز ؟
- كىمدىن ئاڭلىدىڭىز ؟
- ئاڭلىدىم ، بىر ئەمەس ، بىر - ئىككەيلەندىن .
- قىپقىزىل يالغان !
- توۋا ، ئۇلار قاراپ تۇرۇپ ئۈستىڭىزدىن مۇشۇنداق يالغاننى توقۇغانمىدۇ ؟!
- سىز شۇ گەپكە ئىشەندىڭىزما ؟ ... ھەرقانچە بولسىمۇ مەن مۇشۇ سالاپىتىم بىلەن كوچىدا قىپيالىڭاچ يۈگۈرۈپ يۈرەرمەنمۇ ؟!
ئوبۇل ئەپەندىم ئورۇق گەۋدىسىنى رۇسلاپ ، سوئال نەزىرى بىلەن ماڭا تىكىلدى .
- ئەمدى ، ئادەم دېگەن قېرىغاندا ھەر قىسما بولۇپ قالىدۇچۇ ، - دېدىممەن ، - پېنسىيىگە چىققاندىن بېرى ئۆيدىن چىقماي تېلېۋوزۇرلا كۆرىدىغان بولىۋالدىڭىز ، تېلىۋوزوردىكى يالىڭاچ خوتۇنلارنى تولا كۆرۈۋىرىپ : مەنمۇ بىر شۇنداق چىقىپ باقمايمەنمۇ ، دەپ قالدىڭىزمۇ دەيمىنا ؟
- توۋا دەڭا .
- ئەمىسە بۇ گەپ نەدىن چىقتى ؟ ‑
- سىزگە راست گەپنى قىلسام ، چۈشۈمدە شۇنداق يالىڭاچ يۈگۈرۈپ يۈرۈپ چۈش كۆرۈپتىمەن . قىزىقچىلىق قىلىپ بىر - ئىككەيلەنگە سۆزلەپ بەرگەندەك قىلىۋىدىم .
- تازىمۇ غەلىتە ئىش بوپتۇ -ھە !...قىپيالىڭاچلا يۈگۈرۈپ يۈرگىدەكسىزما ؟
- يەنە كېلىپ نەدە دېمەمسىز ؟ كۈپكۈندۈزدە ، نەق قايناق بازارنىڭ ئىچىدە .
- ھېچ بولمىغاندا ئۈستىڭىزدە ئاسما مايكا بىلەن كالتە ئىشتانغۇ باردۇ ؟
-ھېچنىمە يوق ، ئانىدىن تۇغما پېتىم .
- يائاللا ، مۇشۇ ئورۇق بەستىڭىز بىلەن ھە !؟
...بازاردىكى ئادەملەرنىڭ كۆزىگە بىر قۇرۇق ئىسكىلىت مېڭىپ كېتىۋاتقاندەك كۆرۈنۈپ ، چۇرقىرىشىپ تەرەپ - تەرەپكە قاچقاندۇ ؟
- قىزىق يىرى شۇ ، ھېچكىم ماڭا قاراپ ھەيرانمۇ بولمىدى ، تەرەپ - تەرەپكىمۇ قاچمىدى ، كۆپىنچە ئادەملەر مېنى كۆرۈپ ، ئۆزلىرىنىڭ كىيىم - كچەك ، دەپ بىرمۇنچە نېمىلەرنى ئۈستىگە ئوشۇقچە يۈك قىلىپ ئارتىۋالغانلىقىغا خىجالەت بولۇشتىمۇ - قانداق ، ھەممىسلا قىزىرىپ يەرگە قاراشتى . تېخى بىر كوچا ساقچىسى يېنىمدىن چاس بېرىپ ئۆتۈپ كەتتى . بىر كىرا پىكاپى يانداپ كېلىپ : خىزمىتىڭىزدە بولايمۇ ؟ - دېۋىدى ، " كېرەك ئەمەس!" دەپ قولۇمنى سىلكىدىم .
- " ماقۇل " دەپ ، يالىڭاچ پېتى پىكاپقا كىرىپ ئولتۇرغان بولسىڭىز تېخىمۇ قىزىق بولاتتىغۇ ، دەيمەن ؟
- پىكاپقا ئولتۇرۇپ نېمە قىلاتتىم ؟ ... پىكاپقا ئولتۇرغاندىن كېيىن كىرا ھەققىنى تۆلىمىسىڭىز بولمايدۇ . يالىڭاچ ئادەمدە نەدە پۇل ، پۇل سالىدىغانغا يانچۇق ؟ ... ئاشۇنداق پىيادە ، بەھۇزۇر مېڭىپ كېتىۋىرىپتىمەن . كۆرگەنلەر : چىرايىڭىز ناھايىتى جىددىي ، قەددىڭىزنى تىك تۇتۇپ ، بەك سالماق مېڭىپسىز ...- دېيىشتى .
-نېمە دەيدىغانسىز ؟ - دەپ ھەيران بولدۇممەن ، - چۈشىڭىزدە يالىڭاچ كېتىۋاتقانلىقىڭىزنى كۆرگەنلەرمۇ بارمىكەن ؟
- نېمە بولىۋاتىسىز ؟ - دەپ مەندىن بەتتەررەك ھەيران بولدى ئوبۇل ئەپەندىم ، - مەن دېگەن بازاردا كېتىۋاتقان تۇرسام ، ھەممە ئادەم كۆرمەيتىمۇ ؟
- ھە بوپتۇ ، سۆزلەۋېرىڭ!
شۇنداق قىلىپ ، يالىڭاچ كېتىۋىرىپتىمەن . شەھىرىمىزنىڭ چېتىدىكى ھېلىقى چوڭ مەيداننى بىلىسىزغۇ؟
- قايسى مەيداننى دەيسىز ؟... يۈك ماشىنا ، پىكاپلارنىڭ سودىسى بولىدىغان مەيداننى دەمسىز ؟
-ۋاي خۇدايىمەي ، سىز نېمانداق ھە دېسە ماشىنىنىڭلا گېپىنى قىلىسىز ، پىكاپ ساتىدىغان يەردە مەن نېمە قىلاي ! ھېلىقى شەنبە - يەكشەنبە كۈنلىرى تازا قىزىق بازار بولىدىغان مەيدانچۇ ؟ توپتوغرا شۇ يەرگە بېرىپلا توختاپتىمەن . نەدىن كەلگەن قەھرىمانلىقكىن بىلمىدىم ، مەيداننىڭ ئوتتۇرىسىدىكى بىر ئېگىز يەرگە چىقىپ ،: " خالايىق ! " دەپ نۇتۇقنى باشلاپتىمەن .
- يالىڭاچ پېتىڭىز ؟
- يالىڭاچ پېتىم .
ھەممە خەق كۈلۈپ دومىلاپ كېتىشكەندۇ ؟
- كۈلسىمۇ ئىچىدە كۈلدىمۇ ، بىلمىدىم . قارىسام ، ھەممەيلەن نېمە دەركىن ، دەپ ئاغزىمغا قاراپ تۇرۇپتۇ . " خالايىق ، ھازىر جاھان ئىلگىرلەپ نەگە كەتتى ؟ ۋاقتنىڭ قەدىمى قايسى ئەسىرگە يەتتى ؟ بىز قاچانغىچە ئىپتىدائىي ئادەملەردەك زىبۇ - زىننەت دەپ رەڭلىق تاش - مېتاللارنى ئېسىۋىلىپ ، يۈز - كۆزلىرىمىزگە ھەرخىل بوياقلارنى سۈركەپ ، ئەخمەقلەرچە كۆرەڭلەپ يۈرىمىز ؟ لاتا - پىتىلەرگە يۆگىلىۋىلىپ ، ئەيىبلىرىمىزنى بىر - بىرىمىزدىن يوشۇرۇشقا نەھاجەت !؟ ... ئىنسان بۇ دۇنياغا يالىڭاچ تۆرەلگەن ، يەنە ياپيالىڭاچ كېتىدىغۇ . ماڭا قاراڭلار ، مانا مەن ئەلگە قىرىق يىل ئىشلەپتىمەن ، كۆپچىلىكتىن يوشۇرغىدەك ھېچنىمەم يوق . تېرىلىرىمنىڭ ئاستىدىكى قوۋۇرغىلىرىممۇ ئېنىق كۆرۈنۈپ تۇرۇپتۇ . تۇغۇلۇپ قانداق يۆگەككە يۆگەلگىنىمىزدىن باشلاپلا پىشانىمىزگە باي - كەمبەغەللىك ، تەلەيلىك - تەلەيسىزلىكنىڭ تامغىسى بېسىلىشقا باشلاپتۇ . ئادەمنىڭ قانداقلىقىنى ئۇنىڭ ئۈستىدىكى يۆگىكى ئەمەس ، يۆگەك ئىچىدىكى ۋۇجۇدى بەلگىلەيدىغۇ ؟!... كىمىكى كۆپنىڭ ئالدىدا قورقۇنچى بولمىسا يالىڭاچ بولالايدۇ . قېنى ، كيىم - كېچىكىمىزنى سېلىپ تاشلاپ ، ئوچۇق - ئاشكارا بولايلى !....دەپتىمەن . يەنە نېمىلەنرى دېگىنىم ئېسىمدە يوق . ئەيتاۋۇر بىرمۇنچە ۋالاقلىغان ئوخشايمەن . شۇنىڭ بىلەن ، قانداق بولدى دېمەمسىز ؟ پۈتكۈل بازار ئۆپۈر - تۆپۈر بولۇپ ، ھەممە بەس - بەستە كىيىم -كېچەكلىرىنى سېلىپ تاشلىغىلى تۇردى .
- پەرۋەردىگار ، نېمە دەيدىغانسىز ؟ ئۇ يەردە ئاياللارمۇ بولغىيتتى ؟
- ھازىرقى كۈندە بازاردىكى ئادەمنىڭ تەڭدىن تولىسى ئايال دەڭا !
- ئاياللارمۇ كىيم - كېچەكلىرىنى سېلىپ تاشلىدىما ؟
-سالدى ! ... سىزنىڭ ئادەم بەدىنىنىڭ گۈزەللىكى توغرىسىدا چۈشەنچىڭىز قانچىلىككىن ، بىلمىدىم . ئايھاي ، خۇدا ياراتقان ئىنساننىڭ مۇكەممەللىكىنى كۆرەي دېسىڭىز ، ئۇنى يالىڭاچ ھالەتتە تاماشا قىلىڭ ! ئاياللارنىڭ نۇرلىنىپ تۇرغان قامىتى ، ئىشلەمچىلەرنىڭ بۆرتۈپ چىققان بۇلجۇڭ گۆشلىرى ، كاسىپلارنىڭ چىڭقالغان كۆپكۆك تومۇرلىرى ، دېھقانلارنىڭ كۈن نۇرىدا تاۋلىنىپ تۇرغان مىسرەڭ تېرىلىرى ... بۇلارنىڭ ھەربىرى ئىنسان پورتېرىتىنى سىزىدىغان رەسسام ئۈچۈن بىر ئۆمۈر ماتېرىيال بولۇپ ئاشىدۇ. بايا ئۇلارنى كۆرۈمسىز قىلىپ تۇرغان ئۈستىدىكى كونا - يىرتىق لاتا - پىتىلەر ئىكەن ... ھەممەيلەن كىيىملىرىنى سېلىپ تاشلىۋىدى ، تېخىچە خۇدۇكسىنىپ كىيمىنى سالالماي مەھكەم ئورۇنىۋالغانلار باشقىلارنىڭ كۆزىگە باشقىچە كۆرۈنۈشكە باشلىدى . يەنە كېلىپ ئۇلار كىملەر دېمەمسىز ؟ تازا پوزۇر كېيىنىپ ، يۈز - كۆزىنى ئالا - يېشىل بويىۋالغان خېنىملار ، شەھەرنىڭ ھارامدىن بېيىغان بايلىرى ، جانى جىڭ دەپ ساتىدىغان كاززاپلار ، زادى قانداق پۇل تېپىپ ھوزۇر - ھالاۋەت سۈرۈۋاتقنىنىنى بىلىپ بولمايدىغان سىرلىق مەخلۇقلار ، " خوش غوجاملار ، قېنى ھەرقايسىلىرىمۇ ماۋۇ ئۈستىلىرىدىكى جەندازلىرىنى سېلىشىپ باقماملا ، زادى قانداق ئادەملىكلىرىنى بىر كۆرۈپ باقايلى ! " دەپ بەزىلەر ئۇلارغا ھۈرپەيدى . ئۇلارنىڭ كېيىملىرىنى تەرەپ - تەرەپتىن تارتقۇشلاپ سالدۇرۇشقا باشلىۋىدى ، ئەپت- بەشىرسى ئاشكارىلا بولدى . كېلەڭسىز يوغىرىغان قوساقلار ، كۈن نۇرىنى كۆرمەي لەشتەك ساڭگىلاپ كەتكەن تېرىلەر ، ئەيش - ئىشرەت ، قىمار سورۇنلىرىدا خۇنىنى يوقىتىپ كۆكەيگەن بەدەنلەر ، قان - يىرىڭ ئېقىپ تۇرغان نۇمۇسلۇق جايلار ..ۋاي قويۇڭ ، بولارنىڭ بەزىلىرىگە ئالمان - تالمان كىيىملىرىنى باشقىدىن كىيگۈزۈپ قويمايمۇ بولمىدى . مانا ، بەزىلەرنىڭ ئۈستىدىكى چۈمبەردىسىنى قايرىۋەتسىڭىز كارامىتى شۇنچىلىكلا ئىكەن ...نېمە ساراڭلىقىم تۇتتى ، ھېلىقى يالىڭاچ ئاغىنىلەرنى ئەگەشتۈرۈپ مەيداننىڭ بىر تەرىپىدە تۇرغان ئېگىز بىناغا قاراپلا مېڭىپتىمەن . ئىشىكنىڭ ئالدىدا پىكاپقا چۈشۈپ قاچماقچى بولغا بىرسىنى تۇتىۋالدۇق . بۇكىم دېمەمسىز ؟ ھېلىقى شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ بىناسىنى سېلىشقا مەسئۇل بولغان پالانچى . ئىككى يىلدا پۈتىدۇ دېگەن بىنا تۆت يىلدىمۇ پۈتمەي ، ئاخىرىدا نېمە ئىشلار بولۇپ كەتكىنىنى ھەممە ئادەم بىلىدۇ . ھۆكۈمەتنىڭ بىناسى پۈتمىگىنى بىلەن بىر قانچە ئەمەلدارنىڭ شەخسى داچىسى ئاللىبۇرۇن پۈتۈپ بولدى . ھە -ھۇ بىلەن ئۇنىڭ كىيىملىرىنى سالدۇرۇپ ھەيران قالدۇق .ئىككى قولى نەق جەينىكىدىن ئەگرى ئىكەن . پۈتكۈل شەھەرنى يالماپ يۈتۈۋىلىپ ، ھېچكىمگە قۇيرۇق تۇتقۇزماي يۈرۈدىغان يەنە بىرى نەق پەلەمپەينىڭ ئۈستىدىلا ئۇچراپ قالدى . " ئاللا - توۋا " دېگىنىگە قويماي ئۇنىمۇ يالىڭاچلىۋىدۇق ، قورسىقى تۆت ، ئاشقازىنى سەككىز بولۇپ چىقتى . ئىش بىلەنكىرگەن ھەربىر ئادەمدىن مىڭلاپ سوم پارا يېمەي قويمايدىغان يەنە بىرىنى زالنىڭ ئىچىدە قوغلاپ يۈرۈپ تۇتىۋالدۇق .
ئۇ ئەبلەخ نېمىشقا كېچىسى يوتقانغا كىرگەندىمۇ گالستۇكنى يەشمەي ياتىدىكىن دېسەك ، ئۇنىڭ گېلىنىڭ ساق يىرى يوق ئىكەن . ھەممە تەرىپى تۆشۈك ئىكەن . بۇ بالا - قازاغا دەسلەپتىلا ئۇچرىغان ھېلىقى ئۈچى : مۇنداق يالىڭاچلىغىلى تۇرساڭلار بۇ بىنادا بىجىرىم ئادەم چىقامدۇ ؟ يالڭاچلايدىغان گەپ بولسا ھەممىنىلا يالىڭاچلاڭلار ، بىزدىنمۇ غەلىتە ئىنسانلارنى كۆرۈسىلەر ، دەپ ئالدىمىزغا چۈشۈپ ، بىزنى بۆلۈممۇ بۆلۈم باشلاپ كىرگىلى تۇردى .قاراڭ بۇلاردا ۋىجدان دېگەن نەرسە بارمۇ ؟ ئىش تەتۈرىگە ئايلانسا مۇشۇنداق بىر بىرىنى ساتقىلى تۇرىدۇ . قېنى قىزىپ كەتكەن ئاغىنىلەر ئۇچرىغاننى يالىڭاچلاۋەردى . ئۆزلىرىگە ئىشەنچىسى بارلىرى ئۈن -تىنسىز كىيىملىرىنى سالدى . خۇدىكى بارلىرى " ۋاي دات!" سېلىپ تەرەپ تەرەپكە قېچىشقا باشلىدى . قاچقانغا قويماي تۇتۇپ كىيىمىنى يەشتۇق . بۇ يەردىكى يالاقچى ، خۇشامەتچىلەرنىڭ ئەپتىنىڭ سەتلىكىنى دېمەمسىز ، خوش ، خوش ، دەپ ئېگىلىۋىرىپ دۈمبىللىرىنىڭ ئۇستىخىنى قايناپ دوكقا ئايلىنىپ كەتكىلى تۇرۇپتۇ ... مانا شۇ چاغدا ، بىزنىڭ تېخى چىقىشقا ئۈلگۈرمىگەن يۇقىرى قەۋەتتىن شەھەر باشلىقى چۈشۈپ كەلدى .
- بىزنىڭ مۇشۇ شەھەرنىڭ باشلىقىنى دەمسىز ؟
- نەق ئۆزى ، بولۇۋاتقان بۇ قالايمىقانچىلىقنى كۆرۈپ تاتىرىپ ، پەلەمپەينىڭ ئوتتۇرىدا توختاپ قالدى . بىزمۇ بىر دەقىقە تېڭىرقاپ قالدۇق . نېمىلا بولمىسۇن ، ئۇ دېگەن بىر پۈتۈنسۈرۈك شەھەرنى باشقۇرۇۋاتقان ئادەمدە! ھەممىمىزنى سۈر باستى . " بۇ-بۇ - بۇ ...نې ..نې...نې..گى..گى..گى .." دېدى ئۇ . ئەسلىدە شەھەر باشلىقى " بۇ نېمە گەپ ؟ " دېمەكچى بولسا كېرەك . ئۆمرى كاتىبلىرى يېزىپ بەرگەن سۆز تېكىستلىرىنى ئوقۇپ ئۆتكەن بۇ ئادەمنىڭ قولىدا كاتىبى يازغان بىرەر ۋاراق قەغەز بولمىسا نەق كېكەچنىڭ ئۆزى ئىكەنلىكىنى نەدىن بىلەيلى ، ئۇنىڭ زادى نېمىلەرنى دەۋاتقانلىقىنى پەقەتلا چۈشىنەلمىدۇق . " قېنى ھە ، نېمىگە قاراپ تۇرىمىز ؟ جانابى شەھەر باشلىقىنىمۇ بىر يالىڭاچلاپ باقمايلىمۇ ؟! " دەپ ۋاقىرىدى ئارىمىزدىن بىرەيلەن . دۈررىدە ئورنىمىزدىن قوزغىلىشىمىزغا قاتتىق بىر پۈشتەك چېلىنماسمۇ ، چۆچۈپ ئويغىنىپ كەتتىم . كۆزۈمنى ئېچىپ قارىسام ، خۇداغا شۈكرى ، ئۆيدە كارىۋىتىمدا يېتىپتىمەن . سەھەر ۋاقتى سائەت ئالتە بولغان چېغى ، باش تەرىپىمدىكى ئۈستەل سائىتى قاتتىق جىرىڭلاپتۇ .
- ئاپلا ، ئۈستەل سائىتىڭىز تازىمۇ بىر چاغدا جىرىڭلاپتۇ - ھە ! دېدىممەن قىزىق گەپنىڭ ئۈزۈلۈپ قالغىنىغا ئەپسۇسلىنىپ .
- شۇنى دېمەمسىز ، دېدى ئۇبۇل ئەپەندى ، - شەھەر باشلىقىنى يالىڭاچلاپ باققان بولساق ، يەنە نېمە قىزىقچىلىقلارنى كۆرەتتۇقكىن؟
گەپ بىلەن بولۇپ كۈننىڭ ئولتۇرۇپ كەتكىنىنى تۇيماي قاپتۇق . ئوبۇل ئەپەندى قايتماقچى بولۇپ ئورنىدىن تۇردى -دە ، ماڭا قاراپ كۈلۈپ :
- قانداق ، شائىر ئەپەندىم ، ئەگەر ئاشۇنداق ئىش يۈز بېرىدىغان بولسا ، كۆپنىڭ ئالدىدا يالىڭاچلىنىشقا جۈرئىتىڭىز يېتەمدۇ ؟- دەپ سورىدى .
- سىز يالىڭاچلىنالىغان يەردە مەن نېمىشقا يالىڭاچلىنالمىغۇدەكمەن ؟! - دېدىممەن .
- ناتايىن ! - دېدى ئوبۇل ئەپەندىم ، - ھەرھالدا ، كېيىم - كېچەك دەپ ئۈستىمىزگە ئارتىۋالغان بۇ لاتا - پىتىلەر ىېلى كۆپ ئەيبلىرىمىزنى يېپىپ تۇرۇپتۇ . ئەگەر بىر ئادەمنىڭ قىلغان - ئەتكىنى تېشىدىنلا ئوچۇق كۆرۈنۈپ تۇرىدىغان ئىش بولسا ، ئۇ چاغدا ، خېلى - خېلى يوغان گەپ قىلغانلارمۇ تالاغا چىقالماي قالىدىغۇ ، دەيمەن!؟
ئۇبۇل ئەپەندى شۇ گەپلەرنى قىلىپ خوشلىشىپ ماڭدى .
- ياخشى چۈش كۆرۈڭ ئۇبۇل ئەپەندىم ! - دېدىممەن .
avatar
ilak
Munber Mesuli
Munber Mesuli

Jinsi Jinsi : Female
Yazma Sani Yazma Sani : 1
Shohriti Shohriti : 2
Tohpisi Tohpisi : 3
Tizimlatqan Waqti Tizimlatqan Waqti : 2011-08-17

Re: Yahshi Chush Kurung ( Arman )

Yollash by ilak on Wed Aug 17, 2011 1:37 pm

hi

    Hazirqi waqit: Sat Nov 17, 2018 6:03 pm