♥ Arman Unwirsal Munbiri ♥

Would you like to react to this message? Create an account in a few clicks or log in to continue.

    Chin Soygu ( Arman )

    Arman
    Arman
    Munber Mesuli
    Munber Mesuli


    Jinsi Jinsi : Male
    Yeshi Yeshi : 34
    Tughulghan Waqti Tughulghan Waqti : 1989-05-25
    Orni Orni : گىرمانىيە
    Yazma Sani Yazma Sani : 129
    Shohriti Shohriti : 374
    Tohpisi Tohpisi : 0
    Hizmiti / Qiziqishi Hizmiti / Qiziqishi : ئۇقۇغۇچى
    Tizimlatqan Waqti Tizimlatqan Waqti : 2010-02-08

    Chin Soygu ( Arman ) Empty Chin Soygu ( Arman )

    Yollash by Arman Sun Feb 21, 2010 1:06 pm

    چىن سۆيگۈ


    جانىم ~! نىمە بولىدۇ ؟ مىنى بىر قۇچاقلاپ قويغىنە ؟ قەلبىمدىكى لاۋىلداپ كۆيىۋاتقان ئىشقى ئوتى بىر ئاز بولسىمۇ پەسلىسۇن . ئۆزۇڭنى قاچۇرما ، قۇچاقلاپ قويغىنىڭغا سەندىن نىمە كىتىدۇ ؟
    قىز خىجىللىقتا بىشىنى يەردىن كۆتۇرەلمەيلا قالدى . ئۇ قىزارغان يۇزىنى يىگىتكە كۆرسىتىشنى خالىمىدى بولغاي ، بىشىنى تىخىمۇ تۆۋەن سالدى . ئۇ گەپ قىلشىقا تەمشىلگەن بولسىمۇ ، يەنىلا گەپ قىلالماي قالدى . ئەسلىدە ئۇ يىگىتكە بىرمۇنچە سۆزلەرنى دەيمەن دەپ زور تەييارلىق بىلەن كەلگەن ئىدى . بىراق يىگىتنىڭ ئالدىدا ھەممىنى ئۇنۇتتى . ئۇ مەن نىمانچە دۆت دىگەندەك قىلىپ، قولى بىلەن چىكىسىنى پاققىدە ئۇرۇپ قويدى . يىگىت سۆزىنى يەنە تەكرارلىدى . قىز لىۋىنى قاتتىق بىر چىشلىدىدە ، كۆزىنى يۇمۇپ تۇرۇپ ئېيتتى :
    - نىمە كىتەتتى ؟ بۇنى سىز ئوبدان بىلىسىز . بىز تىخى توي قىلمايلا بۇنداق قىلىپ يۇرسەك .......
    - مەن پەقەت قۇچاقلاپ قويۇڭلا دېدىم خالاس . يەنە بىر سائەتتىن كىيىن جەڭگاھقا ماڭىمەن .
    كىم بىلىدۇ ، بۇ تۇنجى ھەم ئەڭ ئاخىرىقى قۇچاقلىشىش بوپ قالامدۇ تىخى ؟ سىزنى دىسەم جەڭگاھقا زادىلا بارغۇم يوق . ئەمما نىمە ئامال دەيسىز ؟ جانىمز سىزدىن ........................
    - ئەزىز ، مۇبادا سىز مەن ئۈچۇن جەڭگاھقا بارمىسىڭىز ، مەن ئىككىلا دۇنيا يۇزىڭىزگە قارىمايمەن . ئانىڭىز سىزنى ئوغۇل بالا دەپ تۇققان . مەنمۇ سىزنى ئوغۇل بالا دەپ ياخشى كۆرگەن . ۋەتەننىڭ تىنىچلىقى ئالدىدا بىزنىڭ ئىشىمىز ئەرزىمەسلا بىر ئىش ھېسابلىنىدۇ .
    مىنىڭ دۇئايىم سىز بىلەن بىللە . جەڭگاھتا ئۆلۇم - يىتىم ئىشلىرى بولۇپ تۇرىدۇ . ناۋادا شەھىت بولسىڭىز ياكى تىرىك قايتىپ كەلسڭىز ئوخشاشلا مەن ئۈچۇن ئۆمۇرلۇك شەرەپ .
    قىز يىگىتنىڭ ئىككى مەڭزىدىن تۇتۇپ بىرنى سۆيۇپ قويدىدە ، ئۇنى مەھكەم قۇچاغلىدى .
    - ئەزىز ، ۋاقىت توشتى . تىزرەك قايتىڭ . مىنىڭ دۇئايىم سىز بىلەن بىرگە . خەيىر ، ئاللاھ سىزنى ئۆز پاناھىدا ساقلىغاي .
    يىگىت خۇشال ھالدا قىزدىن ئايرىلدى . ئۇ باشقىچە روھلىنىپ قالغان ئىدى . 3 ئايدىن كىيىن غەلبە خەۋىرى يىتىپ كەلدى . ئەسكەرلەرنىڭ ھەممىسى تۇركۇملەپ قايتىپ كىلىشكە باشلىدى .
    قىز ھەركۈنى دىگۇدەك ئوتقاشتەك قىپقىزىل كۆينىكىنى كىيىپ ، بىرىنجى بولۇپ ۋوگىزالغا يىتىپ كىلەتتى . ئەمما نائۈمۇدتە قايتىپ كىتەتتى . ئەڭ ئاخىرقى بىر تۇركۇم ئەسكەرلەر قايتىپ كەلدى . ئەمما يىگىت يەنىلا كۆرۇنمەيتتى . شۇندىن باشلاپ قىز ھەركۈنى ۋوگىزالدا يىگىتنى ساقلىدى . بىرى كەم 9 يىل ساقلىدى . قىزنىڭ بۇ ئىشى پۇتكۇل يۇرتقا پۇر كەتتى . تۇمەنلىگەن قىز -يىگىتلەر قىزنىڭ چىن مۇھەببىتىگە ئاپىرىن ئېيتىشتى . كۈزنىڭ ئاخىرقى بىركۈنى ئىدى . قىز ئادىتى بويىنچە تۇرۇككە يۆلەنگەن پىتى مۇڭلۇنۇپ ئولتۇراتتى . بىر چاغدا بىرسى ئۇنىڭ ئۇچىسىغا ئەدىيال يىپىپ قويدى . قىز بىشىنى ئاستا كۆتۇرۇپ كەينىگە قارىدى . ئەدىيال يىپىپ قويغان ئۇ كىشى دەل ھىلىقى يىگىت ئىدى . قىز يىگىتكە قارىغان پىتى يىغلاپ كەتتى .
    يىگىت قىزنى قۇچاغلاپ كۆزىگە ياش ئىلىپ تۇرۇپ :
    - مەن قايتىپ كەلدىم . ئاخىرى قايتىپ كەلدىم .-دېدى .
    قىز بىشىنى لىڭشىتقىنىچە يىغلا ۋەردى .
    - يۇرۇڭ جانىم ، ئۆيگە قايتايلى . ئۆيىمىزگە قايتىپ كىتەيلى .-دېدى يىگىت قىزنى ئاستا يولەپ تۇرۇپ .
    - ھە ، بولىدۇ . ئۆيگە قايتايلى ، ئۆيىمىزگە قايتايلى . قورسىقىڭىز ئاچقاندۇ ؟ مەن سىزگە ئوخشۇتۇپ تاماق ئىتىپ بىرەي ھە ~~؟! -دېدى قىز يىگىتنىڭ چىرايىغا بىر قۇر سەپ سالغاچ .
    ئىككىسى قولتۇقلاشقىنىچە مەھەللىگە قايتىپ كەلدى . ئۇلارنىڭ جەم بولغىنىنى كۆرگەن خەلىق ئالقىش سادالىرىنى ياڭراتتى . ئۇلار خۇشاللىق ئىلكىدە ئۆز ئائىلىسىنى قۇرۇپ ، خاتىرجەم ، بەخىتلىك تۇرمىشىنى باشلىۋەتتى....

      Hazirqi waqit: Thu Mar 28, 2024 3:23 pm