Hijran ( Arman )

Share
avatar
Arman
Munber Mesuli
Munber Mesuli

Jinsi Jinsi : Male
Yeshi Yeshi : 28
Tughulghan Waqti Tughulghan Waqti : 1989-05-25
Orni Orni : گىرمانىيە
Yazma Sani Yazma Sani : 129
Shohriti Shohriti : 374
Tohpisi Tohpisi : 0
Hizmiti / Qiziqishi Hizmiti / Qiziqishi : ئۇقۇغۇچى
Tizimlatqan Waqti Tizimlatqan Waqti : 2010-02-08

Hijran ( Arman )

Yollash by Arman on Sun Feb 21, 2010 1:25 pm

ھىجران


دەرىزىدىن چۈشۋاتىغان ئاينىڭ شولىسى ئۆي ئىچىنى سۇس يۇرۇتۇپ تۇراتتى . ئۇنىڭىغا گۈدەك ئاۋازى يەنىلا ئاڭلاندى .
- جېىنىم،ماڭا قاراپ ياتىقىىنە .
- بولدى قىلىڭە، بەك چارچاپ كەتتىم . ئەتە يەنە مەكتەپكە بارىمەن .
- سەن كەلگۈچە بەك سېغىنىپ كېتىدىكەنمەن ، شۇڭا ساڭا بەكىرەك قېنىۋالاي دەيمەنغۇ .
نائىلاج ئۇ تەرەپكە ئۆرۈلدۈم . ئۇنىڭ گۆش تاغىرىدەك سېمىز تەنلىرى مېنى مەھكەم قۇچاقلاپ ،سوغۇق ،ھارارەتىسىز لەۋلىرى لەۋلىرىمىنى يالىمىدى. يۈزلىرىمگە ، يويۇنلىرىمىغا ،ئىش قىلىپ تەنىلىرىمىنىڭ ھەممىلا يېرىگە ئۇرۇلغان تىنىقلار ،يىگىتىلىك غۇرۇرمنى، ۋىجدانىمىنى ،شۇنداقلا قەلبىمىنى ۋىژىلدىتىپ كۆيدۈرمەكتە......... ھەش -پەش دېگۈچە مەن خالىمايدىغان ئىش يەنە بىر قېتىم يۈز بەردى، ئېغىر ئەمگەك قىلىپ ھېرىپ كەتكەن دېھقان بالسىدەك سۇنايلىنىپ يېتىۋاتىمەن . مەن كىچىك چاغىلىرىمدا ئۇقۇغان <<چىن تۆمۈر باتۇر>>دېگەن چۆچەكىتىكى يەتتە باشلىق يالماۋۇز مەختۇمسىۇلانىڭ قانىلىرىنى شوراپ ، ئۇنى بىھوش قىلىغىنىدەك ، مېنىڭىمۇ قانىلىرىمىنى قانداقتۇر بىې نەرسە شوراپ مېنىمۇ بىھوش قىلغاندى . تەنىلىرىمدە مادار يوق ،شۇ تاپتا تاڭنىڭ كېچىكىپ يۇرۇشىنى ،كۈندە ئەسەبىي چىرقىراپ مېنى ئويغۇتىدىغان مۈشۈك يۈزلۈك سائەتىنىڭمۇ كېچىكىپ چىرقىرىشىنى تۇلمۇ ئارزۇ قىلىۋاتىمەن .<<ئاھ، تەڭىرىم ، بۇرۇن سەندىن رەنجىىيتتىم،نېمىشقىمۇ مېنى نامرات ئائىلىنىڭ پەرزەنتى قىلىپ يارتىپ قويغانسەن.مەنمۇ باشقا بالىلارغا ئوخشاش بەخىتلىك ياشاپ ھاياتىنىڭ پەيزىنى سۈرسەم بولمامدۇ>>دەپ ئۆكۈنەتتىم . ئاتا - ئانامدىن نارازى بۇلاتتىم . ئەمدى بولسا ماددى ئېھتىياجىم كاپالەتكە ئىگە بولۇپ ، مەنىۋىيتىم قۇرۇپ قاقشال بولغاندا مەنىۋىيەتىنىڭمۇ ئىنسان ھاياتنىڭ مۇھىم بىر قىسىمى ئىكەنىلىكىنى چۈشىنىپ يەتتىم. لىكىن ،نىمىشقىدۇر ھازىر ئۆزەمىنى تۇلىمۇ كېچىككەندەك ھېس قىلىپ قالىمەن . مورىدەك قارىداپ كەتكەن روھىمىنىڭ سىياقىنى كۆز ئالدىمغا كەلتۈرسەم دۇنيا مېنى ئۇنتۇپ كەتكەندەك ، مەن ئۆزەمىنى نەچچە يىل ئاۋۋال كىشلەر تەرپىدىن دەپنە قىلىۋېتىلگەندەك ھېس قىلمەن . گەپنىڭ قىسقىسى روھىم ئۆلدى. روھى ئۆلگەن ئادەمىنى ھاتات دېمسىمۇ بولىۋېرىدىغۇ ...............
كېچىچە خىيال سۈرۈپ كۆزلىرىم ئۇيقۇدىن بىدا بولدى ، مۈشۈك يۈزلۈك سائەتنىڭ چىرقىرشىنى كۈتمەيلا ئورنۇمدىن تۇردۇم . ئورنۇمدىن تۇرشۇمغا بېشىم پىررىدە قېيىپ يەنە ئولتۇرۇپ قالدىم . ئازراق ئولتۇرۋالغاندىن كېيىن ئورنۇمدىن تۇرۇپ مۇنچىغا كىرىم . توك مۇنچىسىدا ئىسىستىلغان سۇ شارقىراپ قۇيۇلماقتا . مەن ئاخشام بىر كېچە بۇلغانغان تەنىلىرىمىنى ئاشۇ مەرۋايىتتەك سۈزۈك سۇلار بىلەن يۇيىۋاتمەن . نېمىشقىكىن شۇنچە يۇيۇنساممۇ بىر يەرلىرىم مەرۋايىتتەك سو تامچىللىرى <<كەچۈرگىن،سېنى پاكىليالمايدىكەنمىز >>دەپ نىدا قىلىۋاتىقاندەك تۇيۇلدى. روھسىز ھالدا مۇنچىدىن چىقىپ ئۇ ئېلىپ بەرگەن قىممەت باھالىق كىيمىلەرنى كىيىپ مەكتەپكە ماڭاي دەپ تۇرۇشۇمغا ، ئۇ كۆزلىرىنى ئېچىپ ئورنىدىن تۇردى.
- سوبات ، مەكتەپكە ماڭدىڭىما ؟
- شۇنداق ، يىل ئاخىرى ئەمەسىمۇ ياخشىراق ئۈگىنىش قىلاي ، بولمسا ئىمتىھاندىن ئۆتەلىمىسەم خىزمەت تېپىشىم تەسكە توختايدۇ .
- مەن بار تۇرسام ،نېمىدىن ئەنسىرەيسەن ؟
- شۇنداقتىمۇ قورسقىمدا ئازراق ئۇماچ بولمىسا قانداق بولىدۇ؟
- ناشتا قىلدىڭىمۇ ؟
- ياق ، مەكتەپكە بېرىپ بىراقلا قىلاي .
- شوپۇرغا تېلېغۇن قىلاي ، سېنى ئاپىرىپ قويسۇن .
- بولىدىلا ، ماشنا توسوپلا كېتەي ، ئۇنى ئاۋارە قىلمايلى .
ئۇ كارۋاتتىن چۈشۈپ مېنى چىڭ قۇچاقلاپ بىرنى سۆيدى - دە ، قۇلۇمغا بىر تۇتام پۇلىنى تۇتقۇزدى.
- بۇنى ئېلىۋال، دوستلىرىڭ بىلەن سىرتلارغا چىقىپ قالساڭ خەجلەرسەن .
ئۇنىڭ بىلەن خوشلىشىپ ئۆيدىن چىقتىم . نېمىشقىكىن تاڭ ، ئۇنىڭ قىزىل رەڭىلىك كىچىك ماشىنىسىغا چىققۇم كەلمىدى . چوڭ يولغا چېقىپ ئېغىر چامداپ كېتىپ بارمەن . خىياللىرىم مېنى ئۈچ يىل بۇرۇنقى ئۆتمۈشۈم قوينىغا سۆرەپ ئەكىرىۋاتاتتى. مەن تەكلىماكاننىڭ جەنۇبىغا جايلاشقان ، كىچىك بىر ناھىيىدىكى بىر دېھقانىنىڭ بالىسى ئىدىم . ئائىلە شارائىتىمىنىڭ ناچارلىقى سەۋەبىدىن تولۇقسىز ئوتتۇرىنى پۈتتۈرۈپ ئۇقۇيالماي قالغان كۈنلەردە ، مەكتەپتىكى بىر قانچە مۇئەللىمىنىڭ غەمخۇرلۇقى ئاستىدا تولۇق ئوتتۇردا ئوقۇش شارائىتىگە ئېرشىتم . دادام : بالام ياخشى ئوقىغىن، يەنە ئۈچ يىلغىچە بىزمۇ باي بۇلۇپ قالارمىز ، سېنى چۇقۇم ئالى مەكتەپتە ئوقۇتىمەن ، دەپ ماڭا مەدەت بېرەتتى . مەن دادام ئۈچۈن ،ئاپام ئۈچۈن ، مېنىڭ نېشىمىنى سىلاپ ماڭا ئوقۇش شارائىتى ھازىرلاپ بەرگەن ئوقۇتقۇچىلىرىم ئۈچۈن ياخشى ئوقۇپ ، ئۇلارغا جاۋاپ قايتۇرمىسام بولمايتتى . شۇ ئىستىكىم بويىچە ئوقۇپ تولۇق ئوتتۇرىنىڭ ئىككىنچى يىللىقىغا چىققان ۋاقتىمدا ، دادام باشقلار بىلەن سۇ تالىشىپ ئۇرۇشۇپ قېلىپ ، ئۇلار دادامىنى كەتمەن بىلەن چاناپ ئۆلتۈرىۋەتتى . كېيىن قاتىل تۇتۇلغان بولسىمۇ ، دادام تىرلىمىدى. ئاپام دادامىنىڭ ئۆلۈمى كاللىسىغا قاتتىق تەسىر قىلىپ ، نېرۋىسدىن ئادىشىپ قالدى. كېيىن ئاپامىنىڭ سائادەت دېگەن ئىسمىنىڭ كەينىگە ساراڭ دېگەن ئىسىم قېتىلدى. دۇنيادا بىردنىبىر قېرىندشىم بولغان ھەدەم ئېرنىڭ ئۆيدە بولۇپ ، ئۇلارنىڭىمۇ ئائىلە شارئىتى ياخشى ئەمەس ئىدى. ئاپام ئېلىشىپ قالغاچقا ، ئۆيدە ئولتۇرماي بېشى قايغان ، پۇتى تايغان يەردە چاچىلىرىنى قۇيۇپ بېرىپ ، يىرتىلىپ ئۆتمە تۈشۈك بولۇپ كەتكەن كۆڭلىكىنى كىيىپ ، قولىدىكى كىچىك دومنىقىنى چېلىپ يۈرەتتى. ئاشۇ چاغىدىكى كۈنىلىرىمىنى ئەسلەشتىنمۇ يىرگىنىمەن . مەكتەپكە بارسام ساۋاقداشىلىرىم ئارىغا ئالمايدۇ . سىنىپنىڭ بۇلۇڭ - پۇچىقاقىلىرىدىكى ئاڭلىندىغان غەيۋەت - شىكايەتلەر ...... بىرى ، سۇباتىنىڭ ئاپىسى پالانىنىڭ بىرنىمىسنى ئوغۇرلارپتۇ دېسە، يەنە بىرى ، ئۇنىڭ ئاپىسى چوڭ يولنىڭ ئوتتۇرسىدا قولدىكى كىچىك دومبىقىنى چېلىپ ئۇسسۇل ئويناپ پۈتۈن خەلققە ئۇيۇن قويۇپ بېرپىتۇ دىگەن ، يەنە كىمدۇر بىرى ، ئاشۇنداق ساراڭ خوتۇندىن مۇشۇنداق كېلىشكەن بالىنىڭ توغۇلغىنىغا ھەيران بىز دېگەن، ئىش قىلىپ كۆڭلۈم بىر مىنىتىمۇ ئارامىدا تۇرمايتتى . ئۆيگە كەلسەم ئېتىز -ئېرقىنىڭ ئىشى ، كەچكىچە ئۇ يەر ، بۇ يەر دەپ يۈرۈپ قورسىقى ئاچقان بىچارە ئاچقان ئاپام بىچارىلەرچە ماڭا تەلمۈرۈپ تۇرغان ، ئاپامىنىڭ چاچىلىرىنى يۇيۇپ ، تاراپ قويۇپ ئۇنىغا تاماق ئېتىپ بېرەتتىم
ئاپام كۈنىدىزىلىرى ئۆيدە ئولتۇرىمىغىنى بىلەن كەچ بولسىلا ئۆيگە پەيدا بولاتتى . ئاخىرى چىشىمىنى چىشلەپ ، تولۇق ئوتتۇرىنى پۈتتۈرۈپ ئىتىھان بەردىم . لېكىن ، كۆڭلۈم يەنلا يېرىم ئىدى. ئىمتىھاندىن ئۆتكەن تەقدىردىمۇ مەندە ئالى مەكتەپكە بېرىپ ئوقۇيدىغان پۇل يوق ئىدى. يەر تېرىپ كىرىم قىلغان ئانام بىلەن مىنىڭ تورمۇشۇمغا ئاران يېتەتتى . ئىمتىھان بېرىپ بولغاندىن كىيىن ، قانداق قىلسام تۇرمۇشۇمىنى ياخشىلاپ ، ئاپامىنى ياخشى باقارمەن دەپ ئېزدىنىپ يۈرگەن كۈنلەرنىڭ بىردە دوستۇم ئەزىز چاقىرىق قەغىزىمىنى كۆتۈرۈپ كىرىپىتۇ، ئاھ - خۇدا چاقىرىقىنى كۆرۈپ ئۆزۈمىنى ۋارقىرىۋېتىشىتىن تۇتۇپ قالالىمىدىم . چاقىرىق مەن كېچە - كۈندۈز ئوقۇشىنى ئارزۇ قىلىدىغان شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تىل - ئەدەبىيات فاكۇلتېتىدىن كەلگەندى . لېكىن ، يانچۇقۇمىنىڭ قۇرۇقلۇقى كۆڭلۈمىنى ئىلگىرىدەكلا غەش قىلدى. كۈنىلەر بىر- بىرلەپ ئۆتۈپ مەكتەپكە باردىغان كۈنلەر يېقىنىلىشىپ قالغاندا ئەزىز بىلەن تورخانىغا كىرشىنى ئۆگىنۋالىدىم . بۇ يەر ھەققەتەن جەننەت ئىدى. تورغا چىقساڭ ، كىنو كۆرگىلى ، ناخشا ئاڭىلىغىلى ، تەڭىرتاغىنىڭ ھەر قايسى جايىلىردىكى دوسلار بىلەن پاراڭلاشىقىلى بولدىكەن . ئۇنىڭ ئۈستىگە نېرۋا كىسەللىكىلىرىنى نۇختىلىق داۋالايدىغان دوختۇرخانلارنىڭ تور بىكەتىلىرىمۇ بار بولۇپ ، مىنىڭ ئاپامنى قايسى ئوسۇلىدا داۋالاتسام ئۈنۈمى ياخشى بولىدىغانىلىقىنى بىلىۋالىغىلى بولدىكەن . (گەرچە ئاپامنى داۋالىتىدىغانغا پۇلۇم بولمىسىمۇ ، چوقۇم ئىشلەپ پۇل تېپىىپ ئاپامىنى داۋالىتىمەن دەيدىغان چوڭ ئارزۇيۇم بار ئىدى. شۇڭا ، نېرۋا كىسەللىكىلىرى دوختۇرخانىسىنىڭ ئېلان - تەشۋىقاتىلىرىنى كۆرسەملا ئۇنى تەپىسىلى كۈرۈشىنى ئۇنتۇپ قالمايتتىم ).
ئەزىزدىن باشقا دوسلۇرۇم مېنى ئارسىغا ئالمايتتى . شۇڭا، بەزى كۈنلىرى تۇرمۇشۇمدىن ئېشىنچا قىلغان ئارتۇق ئىككى يۈەن پۇلۇم بولسىلا تورغا چىققاتتىم . بىر كۈنى تورغا چىقىپ ئايگۈل ئىسىمىلىك 39-38ياشلار چامىسىدىكى بىر ئايال بىلەن تۇنۇشۇپ قالدىم . ئۇ ئايالىنىڭ سەمىمىيەتچانىلىقى ، مېھىربانىلىقى ، ئىشقىلىپ ھەممىلا تەرپى ماڭا يېقىپ قالدى. كېيىن ئۇ ئايالىنى ھەدەمنىڭ ئورنىدا كۆرۈپ كۆڭۈل خەزىنەمدىكى بارلىق دەرتىلىرىمىنى شۇ ئايالغا تۆكتۈم . كېيىن ئايگۈل بىر - بىرىمىزنى تېلېكامىرادا كۆرۈشتۇق . ئۇ قىرقىم چاچ ، ئاق پىشماق مېھرى ئىسسىق ئايال ئىدى. ئۇ ئەھۋالىمدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن ، ئۈزىنىڭ بۇ دۇنيادا يەككە يىگانە ئىكەنىلىكىنى ، خالسام ئۈرۈمچىگە چىقسام مېنى ئۆيىدە تۇرغۇزۇپ ھالىمىدىن خەۋەر ئالغاندىن سىرت، ئالى مەكتەپتە ئوقۇتىدىغانىلىقىنى ئېيتتى . مەن دەسلەپتە بۇ گەپلەرگە ئىشەنمىدىم . ئۇنىڭ ھېچقانداق بىر تۇغقانچىلىقى يوق ئادەمگە ئاشۇنداق چوڭ ياردەم قىلشىغا زادىلا ئىشەنگۈم كەلمەيتتى . كېيىن مەكتەپكە باردىغان ۋاقىت يېقىنلاشقانسېرى، بىر چاقىرىق قاراپ ، بىر ئۇنىڭ سۆزلىرىنى ئويلاپ تىپىرلاپ تۇرالماي قالدىم . ئاخىرى بىر سىناپ بېقىشىنى لايىق كۆرۈپ ئاپامنى ھەدەمىگە تاپشۇرۇپ قويۇپ ، ئۈرۈمچىگە يولغا چىقتىم . ساي يولدا ۋۇژۇلداپ كېتىۋاتقان ئاپتوبۇسىنىڭ ئەينىكىدىن بوشلۇققا قاراپ ، ئوقۇشۇم پۈتسە ، بىر ياخشى خىرمەت ئورنىغا چىقسام ئايگۈلىگە ھەسسىلەپ قايتۇرمەن . ئاپامنى داۋالىتىپ ھەدەمىنىمۇ قولۇلمدىن كىلىشچە يۈلىسەم ، دەپ تاتىللىق خىياللارنى سۈرۈتتىم . ئۈرۈمچىگە كىلىپ چوڭ بىكەتكە چۈشۈپ تورشۇمىغا ئايگۈل ئاسماندىن چۈشكەندەكلا ئالدىمىغا پەيدا بولدى . مەن تېخى ئونىڭىغا تېلېغۇن ئېلىپ خەۋەر قىلغاندىن كېيىن ئاندىن كېىلىدۇ، دەپ ئويلىغاندىم . لېكىن ئۇنىڭ كىلىشىمىدىن خەۋىرى بولغاچقا ، مېنى بىكەتتە ساقلاپ تورۇپىتۇ. كېيىن ئۇ مېنى ماشىنسىغا ئولتۇرغۇزۇپ ئۆيگە ئاپاردى. مەن ئۇنىڭ ئۆيىگە كىرىپ ھەيران قالدىم . پۈتۈنلەي ياۋرۇپا ئۇسلۇبىدا بېزەلگەن ئۆينىڭ رام پەردىسى ، ئۆي جاھازىللىرى ، چىنە - قاچا ، كومپىيۇتېر ، ئىشقىلىپ ھەممىسى شۇ قەدەر ئۆزگىچە بولۇپ ،بۇ ئۆي تولىمۇ چىرايلىق ئىدى. شۇ كۈندىن باشلاپ مىنىڭ يېڭى بىر ھاياتىم ، يېڭى بىر تۇرمۇشۇم باشلاندى . ئۇ مىنى بازارغا ئەپچىقىپ ئايلاندۇردى . ئۆمىرۈمدە كىيشئۇياقتا تۇرسۇن ،تۇتۇپىمۇ باقمىغان قىممەت باھالىق كىيمىلەر بىلەن مېنى بېزۋەتتى . مەكتەپكە بارساڭ ساۋاقداشلىرڭىنىڭ ئالدىدا چېنىپ قالما ، ئەڭ ياخشسىنى ئېلىپ بىرەي دەيتتى ئۇ . كېيىن مەن ئۇنىڭ چوڭ بىر زاۋۇتنىڭ دىرېكتورى ، نەچچە مىليۇن پۇلنىڭ ئىگىسى ئىكەنلىكىنى بىلگەندە ھەيران قالدىم . مەن بىر خىزىرغا يولۇقۇپتىمەن دەپ چەكسىز ھاياجانلاندىم . مەكتەپكە يىغدىغان كۈنى ئۇ مېنى قىزىل پىكاپقا چىقىرىپ مەكتەپكە ئاپىرىپ قويدى ۋە ئوقۇتقۇچىلىرىمىغا ئۈزىنى مېنىڭ ھەدەم دەپ تونۇشىتۇردى . شۇ چاغدا ئاھ .......دۇنيا دەپ ھاياجانلانغىنىم ئېنىق ئىسمىدە . قارا ،مېنىڭ باي ھەدەم بار ، مېنىڭ ئۇخلايدىغان ئېسىل ئۆيۈم ، ئوقۇيدىغان مەكتىپىم ، تېخى سىمىز خاتىرە كومپىيۇتېرىم بار . يانچۇقۇمغا قاچانلا قارساڭ لىققىدە پۇللارنى كۆرسەن . كۆردىڭمۇ دۇنيا ، مېنى خار قىلغان ، يوقسۇزچىلىقىنىڭ دەردىنى ئوغۇتسىز قالغان مايسىىدەك سارغايتقان دۇنيا سەن ئەمەسمىدىڭ ، كۆرە مانا بۇ مەن جۇمۇ . نېمە ، تۇنۇيالماي قېلىۋاتامسەن. شۇنداق سەن تۇنۇيالمايۋاتسەن . سېنىڭ ئالدىڭىدا ھازىر كاللىسغا شاپاق دوپپا ، ئۇچىسغا كۆڭۈپ كەتكەن خەسە كۆڭلەك ، ئۆز بويىغا ماس كەلمىگەن كالتە ئىشتان كىيۋالىغان سۇبات ئەمەس ، بەلىكى كىنو - تېلېۋىزىيە تىياتىردىكى بايۋاتچىلەردەك كىينىگەن ، قاپقارا چاچىلىرى تورغۇپ تۇردىغان سۇبات تۇرىدۇ . نىمىگە قاراپ تۇرسەن دۇنيا ، پۈتكۈل جاھانغا جاكارلا ، سۇبات ئەسىلى بىر باي ئايالىنىڭ ئۇكىسى ئىكەن. بىز ئۇنى خاتا تۇنۇپ قاپتىمىز دەپ جاكارلا ، مېنى خارلىغان ، كۆزگە ئىلماي ساراڭ خوتۇننىڭ بالسى دەپ ھاقاراتلىگەنلەر مەندىن كەچۈرۈم سورسۇن . مېنىمۇ ئادەم قاتارىدا ھۆرمەتلىسۇن ..........
ئالى مەكتەپ دىگەندە ھەر خىل ئوقۇغۇچىلار ئوقۇيدىكەن . بىر قىسمىلىرى كېچىلىرى دېسكوخانلارغا بېرىپ چىرقىرشىپ ئوينىغان ئويۇنىلىرى ھايانىڭ پەيىزى دەپ بىلىدىكەن . بەزىلىرى بولسا كېچىلىرى ياتاقىنىڭ توكى ئۆچكەن ۋاقىتتىمۇ ، شام يۇرتۇپ ئۆگىنىش قىلىپ كەلگۈسى تۇرمۇشىغا ئۇل سېلىش ئۈچۈن ئېزدىندىكەن . مېنىڭ ئالىي مەكتەپ ھاياتىىممۇ ئاشۇلارنىڭ تۇپىغا قوشۇلۇپ ، بىر خىل رېتىمىدا كېتىپ باراتتى . توققۇزۇم تەل ، ئەتىگىنى ئايگۈلنىڭ كىچىك ماشىنسى مېنى مەكتەپكە ئەكىرىپ قويۇپ ، كەچتە ئەكىتىدۇ . يەيدىغىنىم ، كىيدىغنىمدىن تارتىپ ھەممسى ئالىي ،ھېچىنىمدىن غېمىم يوق ، تېخى ئاپام بىلەن ھەدەمگە پات - پات پۇل ئەۋەرتىپ تۇرمەن . بۇلارنىڭ ھەممسى ئايگۈلىنىڭ شاپائىتى . ياق ...... تېنىمىڭ ، ئۆزەمدىن يىگىرمە نەچچە ياش چوڭ ئايالىنىڭ ئاشىنسى بولۇپ چىرىگەن تېنىمىنىڭ پارچىلىنىپ ، روھىلىرىمنىڭ سەرسان بولغىننى ئويلسام ئۆكۈنىمەن . مەن ئويلىمغان ، بۇنداق بولۇشنى راستىلا ئويلىمىغان، بۇ ئىشلاردا زادى كىم سەۋەپچى ؟ شۇ كۈندىن باشلانغان ئىش تېخىچە ئاخىرلاشىقىنى يوق . شۇ كۈنى ئايگۈل مېنى ياخشى كۈردىغانلىقىنى ، بورۇن مېنى توردا كورگەندىن باشلاپ ياخشى كۈرۈپ قالغانلىقىنى ، ئۆزىنىڭ ھاياتىدا ھېچقانداق بىر ئەر زاتىنى مېنى ياخشى كۆرگەندەك ياخشى كۈرۈپ باقمىغانىلىقىنى ، لەۋلىرىمگە سۆيگۈسى تەنىلىرىمىنى قۇچاقىلىغۇسى ، بولجۇڭ گۆشىلىرى بۆرتۈپ تۇرغان يوتامغا بېشىنى قويۇپ ياتقۇسى بارلىقىنى ئېيتقاندا ، بۇنىڭ بىر چۈش بولۇپ قېىلىشنى تۇلىمۇ ئارزۇ قىلغانتىم . ئەپسۇس بۇ بىر رېئاللىق ، مەن قوبۇل قىلغان ئاچچىق رىئاللىق ئىدى . شۇ كۈنى مەن ئايگۈلىگە جاۋابەت ھېچقانداق گەپ قىلمىدىم . كېيىن تۈگىمىلىرى رەتىلىك ئېتىلىگەن ئاق كۆڭلىكىمنىڭ تۈگىمىلىرى بىر - بىرلەپ يېشىلگەندە، پادىچىلار ئىشتىىمغا باغلانغان تېمساھ تېرىسىدىن تىكىلگەن كەمىرىمىنىڭ تاراسىدە ئېچىلىپ كارۋاتىغا يىقىلغىنىم ، تەنىلىرىمگە ئۇرۇلغان نەپەسىنىڭ ، لەۋلىرىمگە يېقىلغان لەۋلىرىنىڭ ئسكەنجىسىدە ئېھ!.........دەپ ئىڭىرىغنىم ھېلىمۇ ئېسىمدە ،
شۇ كۈندىن باشلاپ كوڭلۈكىمىنىڭ تۈگىمىسنىڭ قانچە قېتىم يېشىلىگىنىنى ،كەمىرىمىنىڭ قانچە قېتىم ئېچىلىپ ، تەنىلىرىمىنىڭ ، لەۋىلىرىمىنىڭ قانچە قېتىم سۆيۈلۈپ ، قانچە قېتىم پارچىلانىغانىلىقىنى بىلمەيمەن . تۇلىمۇ ئاچچىق ھاياجان ماڭا بىر دەمدىن كېيىنىلا شۇنچە كۈڭۈلىىسز ھىسلارنى ئاتا قىلىدىغان سوغۇق تۇيغۇ ..... خىيال سۈرۈپ ئۈزەمىنڭ مەكىتەپكە قانداق كىلىپ قالىغىنىمىنىمۇ بىلمەي قاپىتىمەن . كىچىك كىرا ماشىنىسدا ئولتۇرۇپ بارسام 15يۈەن چىقىدىغان يولىنى بۈگۈن خىيالىم بىلەن مۇڭىدىشىپ بېسىپ بوپتىمەن . دەرسىكە ئاللىبۇرۇن كېچىككەندىم . سىنىپىقا كىرەلمەي تۇرغۇنۇمدا سىنىپ مەسئۇلىمىز ئامانگۈل مۇئەللىم ئۇچىراپ قالىدى .
- ۋوي سۇبات ، سىنىپقا كىرمەي تۇرۇپىسزغۇ - دىدى ئۇ .
- كىچىكىپ قاپىتىمەن ، شۇڭا ..............
- چىرايىڭىز نىمانداق تاتىراڭىغۇ ، مىجەزىڭىز يوقما ؟
- ياق ، باشقا ئىش يوق . تېخىچە ناشتا قىلىمىغان مۇئەللىم ، شۇڭا شۇنداق بولدىمىكىن .
- يۈرۈڭ بىللە ناشتا قىلايلى . سالامەتىلىك ھەممىدىن مۇھىم ، - مۇئەللىمىگە ئۈنسىز ئەگەشىتىم . ئامانىگۈل مۇئەللىم 35ياشىلار چامىسىدىكى ، كۆزىلىرىدىن ئوقۇغۇچىللىرىغا بولغان مىھىر -مۇھەببىتى تۆكۈلۈپ تۇردىغان ئېغىر بېسىق ، كەم سۆز مۇئەللىم ئىدى. نېمىشقىكىن ئامانگۈل مۇئەللىمىنى كۆرسەملا ئۇ كۆزلىرىمىگە قاراپ ھەممە ئشىمىنى بىلىۋالىدىغاندەك ، كۆزىلىرسىن ئېتىلغان نۇر قارچۇقىلىرىمغا سوقۇلىۇپ ، قەلىبىمىنى تىڭشاپ ، ئىچىكى سىرلىرىمىنى بۈلۈپ قېلىپ ، مېنى رەسۋا قىلىۋىتىدىغاندەك تۇيغۇغا كىلىپ قالاتتىم . شۇڭلاشىقىمىكىن تاڭ شۇڭا ئۇنىڭ كۆزىلىرگە قاراشىتىن تۇلىمۇ قورقاتتىم . ئامانگۈل مۇئەللىم تاماقىتىن كېيىن :
- قاچانلا قارسام روھسىز كۈرنىسز ،قانداق قىينچىلىققا يولۇقىسىڭىز ماڭا ئېيتىڭ .مەن قۇلۇمىدىن كېلىشىچە ياردەم بېرىمەن .- دەپ چتقىپ كەتتى . مەن كېينىكى سائەتىلىك دەرسىكە ئۈلگۈرۈپ سىنىپقا كىرىدىم . مەن بۈگۈننىڭ كەچ بولماسىلىقىنى شۇنچە تىلەۋاتاتتىم . كەچ بۇلۇپ قىزىل رەڭىلىك پىكاپنىڭ مېنى ئېلىپ كەتمەسلىكىنى شۇنچە ئارزۇ قىلساممۇ ، كەچ بولىۋەردى. قۇياش ئۇپۇققا يېتىپ يانغۇنۇم چىقىرغاندا سىرتقا چىقىپ قىزىل رەڭىلىك پىكاپىنى كوردۈم . لېكىن نېمىشقىكىن ئىچىدە ئايگۈل يوق ئىدى. شۇنداقتىمۇ مېىنىڭ كەچىنىڭ كەلمەسلىكىنى تىلىگەن تىلەكىلىرىم ئايىغى چىقىمىغان كۆلچەكىتەك بىر جايدا لېيىپ قالدى . پىكاپ مېنى ئايگۈلىنىڭ يېنىغا ئەكىتىۋاتاتتى ....... پىكاپنىڭ ئىچىدە ئۈنسىز ئۆلتۇراتتىم . شوپۇر خۇددى كۆڭلۈمدىكىنى بولىۋالىغاندەك ماڭا بىر تال تاماكا سۇندى . مەنمۇ ئاشۇ تاماكىنى كۈتۈپ تۇرغاندەك تېزلا ئوت يېقىپ كۈچەپ شوراشقا باشىلىدىم . پىكاپ مېنى ئۇدۇل <<لالە>>رېستوراننىڭ ئالدىغا ئەكىلىپ توختىدى.
- كىرىڭ ، - دىدى شوپۇر ، - ئايگۈل دىرېكتۇر سىزنىڭ 8- ئايرىمخاندا ساقلاپ ئولتۇردۇ، - مەن شوپۇرنغا بېشىمىنى ئەلەم بىلەن لىڭىشىتتىم . ئايرىمخانىغا كىرىشمىگە ئايگۈل يۈگۈرۈپ كىلىپ مېنى سۆيۈشىنى ئۇنتۇپ قالىمدى. ھەر ئەتىگىنى ،ھەم كەچىتە مېنى سۆيۈش ئۇنىڭ كۈندىلىك ئادىتىگە ئايلانغاندى .
- كېلە سۇباتىم ئولتۇر، - دېدى ئۇ مېنى جوزغا تەكىلىپ قىلىپ ، - كۆڭلۈڭ نېمە تارتىدۇ .
- نېمە بولسا بولىۋېرىدۇ ، - دېدىم مەن .
- بۈگۈن سېنى بۇ يەرگە نېمىگە چاقىرتىقىنىمىنى بىلەمسەن ؟ - دېدى ئۇ يەنە .
- ياق .
- مەن كاناداغا بارماقىچى ، شۇڭا سەن بىلەن مۇڭىدىشۋالاي دەپ بۇ يەرگە چاقىرتتىم . ئالدى بىلەن قورساقىنى تۇلىۋالايىلى ، - ئۇ كۈتكۈچىنى چاقىرىپ قورۇمىلارنى يۇيرۇتقاندىن كېيىن ، سۆزىنى داۋام قىلىدى ، - سۇبات ، مېنى ياخشى كۆرەمسەن ؟
- ھەئە، - دەپ جاۋاپ بەردىم . گەرچە سىزنى ھەدەم ئورنىدا ياخشى كۈرمەن ، لېكىن سىزگە مۇھەببىتىم يوق دىمەكىچى بولغان بولساممۇ ، بۇ گەپلەرنى ئاغىزىمدىن چىقىرشىقا پېتىنالىمىدىم . بەلكى سەپەرگە چىقىدىغان ۋاقىتتا كۆڭلىنى يېرىم قىلماي دەپ ياكى ئۇنىڭ خاپا بولۇپ قېلىشىدىن ئەنسىرەپ شۇنداق دىگەندىمەن . ئىشقىلىپ بەرگەن جاۋابىمىنىڭ سەۋەبىنى ئېنىق بىلمەيمەن .
- بەلكى ياخشى كۆرەرسەن ياكى ياخشى كۆرمەسسەن ،- دېدى ئۇ بىردەم تۇرۇپ كېتىپ ، - لېكىن ساڭا كۆپ رەھمەت ، ھاياتىمىدا ھېچىكىمىدىن ئالالمىغان مەنىۋى شادلىقىنى ، ھېچكىم ماڭا ئاتا قىلالمىغان خۇشاللىقىنى سەن ماڭا بەردىڭ . مەن بۇ بەخىتىنى ئۇزۇن يىللاردىن بېرى تاپالماي كەلگەندىم . بىلمەن ، سەن مەندىن نارازى ، سەن مېنى ھەدەڭ ئورنىدا كۆرۈپ ، ماڭا ئىشەنگەن. لېكىن ، مەن سېنىڭ خىيالىنىڭ ئەكسىچە ئىش قىلدىم . سەندىن سۆيگۈ -مۇھەببەت تەلەپ قىلدىم . مەيلى ساختا بولسۇن ياكى راس بولسۇن ، سەن شۇلارنى ماڭا بەردىڭ ، گاھىدا ئۆزۈمدىن قاتتىق يېرگىنىمەن . سېنى نارازى قىلىپ قىلغان ئىشىمغا ئۆكۈنىمەن . ئادەم دىگەن شۇنداق بولسا كىرەك ئۆزى ياخشى كۆرگەن ئادەم بىلەن بىللە بولۇش ئىستىكىنى ، ئۇنىڭىغا تەلپۈنگەن ھېسياتىنى ھېچىنىمە بېرەلمەيدىكەن ، شۇڭلاشىقىمىكىن تاڭ ، مېنىڭ ساڭا بولغان مۇھەببتىمىدىكى ئېچىرقىغان روھلار ، ھېسسياتلار مېنىڭ پۇشايمانلىرىمىنى روياپغا چىقارمايدۇ . گاھىدا مەنمۇ سۇباتقا ئوخشاش 22ياشلىق ۋاختىمىغا قايتالىغان بولسام نېمە دىگەن ياخشى بولاتتى ھە دەپ خىيال سۈرۈپ كېتىمەن . لېكىن ، بۇ دېگەن بىر خىيال ، بۇ قانداقمۇ مومكىن بولسۇن ؟ ھەر قېتىم ئەينەك ئالدىغا كەلسەم ۋۇجۇدۇمىنى ئاچچىق بىر تۇيغۇ تاسقاپ ئۆتىدۇ . ھايات دېگەن شۇنداق بولدىكەن ، ھەر كىمىنىڭ تەلپۈنىگىنى ، ئارزۇ قىلغىنى ئوخشاش بولمايدىكەن . بەزىلەر ماددى جەھەتتىن گاداي بولسا ، بەزىلەر مەنىۋى جەھەتتىن گاداي ئىكەن ، ئىش قىلىپ بۇ جاھاندا بايلاردىن نامراتلار جىق ئىكەن .
ئىشىڭتىن قورما كۆتۈرگەن كۈتكۈچى كىرشى بىلەن تەڭ ئۇنىڭ گېپى ئۈزلۈپ قالدى . كۆتكۈچى قىز قورمىلارنى تىزىپ قويۇپ چىقىپ كەتتى . ئۇ ئالدىدىكى قورمىدىن بىر تىكە ئېلىپ ئاغىزىمغا ئۇزاتتى . مەن چايناپ - چايناپ يۈتىۋاتىتىم . ئۇ ئېغىر خورسىنىپ قويۇپ سۆزىنى داۋام قىلدى :
- ئىلىگىرى ئۆزىدىن چوڭ كىشلەر بىلەن يۈرگەن قىزلارنى كۆرگىنىمىدە ،ۋۇ بۇزۇقلار، كەينىدە پوق بارمۇ ئالدامچىلار ، دەپ ئۇلارنى تىللايتىم . بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە ئاشۇ ئىش مېنىڭمۇ بېشىمىغا كەلگەندىلا ئاندىن ئۇلارنىمۇ چۈشەندىم . بەلىكى ئۇلارنىڭ ئارسىدا پۇل ئۈچۈن مۇھەببەت باغلىغانلارمۇ باردۇ ، لېكىن مۇھەببەت ئۈچۈن ، چىن مۇھەببەت ئۈچۈن ئۆزدىن چوڭلار بىلەن ئارلاشىقانلارمۇ يوق ئەمەس . مەنمۇ ئۈزۈمدىن 20ياش كىچىك بولغان سېنى ياخشى كۆرۈپ قالىدىمغۇ .......... بەزىدە مۇھەببەت ئادەمىنى ئۆزىنى تونىيالماس قىلىپ قويدىكەن . بەزىدە شۇ مۇھەببەت ۋىجدان ، غۇرۇر دېگەنلەر بىلەن ھېساپلاشمايدىكەن. بۇنىڭ قىممتىنى، لەزىزتىنى ئاشۇ مۇھەببەتىنى تاللىغانلار ئۆزى بىلشىدىكەن . دۇنيا رەزىلىشىپ كەتكەن مۇشۇ كۈنلەردە ئادەملەرمۇ ساختىلىشىپ كەتتى . لېكىن دۇنيادا ياخشى ئادەملەر ھېلىمۇ كۆپ. مەنمۇ ئۈزەمىنى ياخشى ئايال دىيەلمەيمەن . سېىنى ھېچ بىر جاۋاپىڭىنى كۈتمەيلا قارتىۋالىدىم .
ئەخلاق ،ۋىجدان دىگەنلەر بىلەن ھېساپلاشمىدىم. بۇ نىمە ئۈچۈن ؟ ھەممسى مېنى ئەسىر قىلغان ، ساڭا كۆيدۈرگەن ئاشۇ تەلىۋە مۇھەببەتىنىڭ كاساپىتى . سەندىكى سەممىيەت ، ئەرلەرگە خاس جەلىپكارلىق ، ئاق قۇنىڭ پېيىدەك ئاپپاق كۆڭلۈڭ ، ھەممسى قوشۇلۇپ مېنى ساڭا رام قىلدى . مېنىڭ سېنى قانچىلىك ياخىشى كۆردىغىنىم ساڭا ئايان . سەن مېنىڭ ساڭا بولغان مۇھەببتىمىدىن پايدىلىنىپ نىمە قىلساڭ قىلۋېتەلەيتتىڭ ، بايلىقىمىغا قول ئۇزارتساڭمۇ قۇدىرتىڭ يېتەتتى . لېكىن ، سەن ئۇنداق قىلمىدىڭ مەن بەرسەم ئالدىڭ ، بولمىسا تا بۇ كەمگە كەلگۈچە مەندىن بىر پۇڭمۇ سورىمىدىڭ . ئاجىز ئاناڭ بىلەن ھەدەڭگە مەن پۇل ئەۋەتەيىلى دېمسەم، چىش يېرىپ گەپ قىلمىدىڭ . دۇنيادا ساڭا ئوخشاش ئەركەكلەردىن يەنە قانىچىسى باردۇ؟ ئۆزۈمىگە ئايان ، كەن بىر قېرى تۇمۇچۇق ، سېنىڭ گۈلشىنىڭدە سايراشقا لايىق ئەمەسمەن . سۇبات ، قېنى دېگىنە ، سەن نېمىشقا مەندەك بىر قېرى تۇمۇچۇققا سۆيگۈڭىنى بېرسەن؟
- ..... ...... نىمە بولدۇڭ ، گەپ قىلمايسەنغۇ .
- بىلمەيمەن ، مېنى قىستىماڭ بولامىدۇ .
- نېمىشقا بىلمەيسەن ؟
- مەن بۇ سوئالىنى ئۈزۈمدىنىمۇ سورغىلى ئۇزۇن بولدى . لېكىن ، قانائەتىلىنەرلىك جاۋاپ تاپالمىدىم . سىزدىن گاھىدا نەپرەتىلىنمەن ، ئىچىمىدە سىزنى مىڭىنى تىللايمەن ، قارغايمەن ، بەزىدە بۇ ئۆيگە دەسىسگىممۇ كەلمەيدۇ . لېكىن ، يەنلا كېلىپ قالمەن .
ئۇ جىمىپ كەتتى . .... ئارىدىكى جىمجىتىلىق خېلى ئۇزۇن داۋاملاشىتى .
سۇبات ،- دېدى ئۇ بىر چاغىدا ، - توغرا دېدىڭ ،مەندىن نەپىرەتىلىنشىڭ ، مېنى قارغىشىڭ بەرھەق. مەن سېنىڭ ئەڭ قىممەتىلىك نەرسەڭنى ، بىر ئەركەك پەقەت ئۆزى ياخشى كۆرگەن ئادىمىگىلا بېرىشنى خالايدىغان نەرسەڭىنى رەھىمسىزلەرچە تارتىۋالىدىم . مەن بىر ئەسىكى جادىگەر ، لېكىن ئەمدى سەن مېنى تىللىمايسەن . تىلىلاي دىسەڭمۇ يېنىڭىدا مەن يوق ، مەن ئەتە كاناداغا كەتسەم ، ئىككىنىچى قايىتىپ كەلمەيمەن ، - ئۇنىڭ بۇ سۆزىدىن ھەيرانلا قالدىم .
- نېمىشقا ئەمدى ؟ - ئۇ ئېغىر خۇرسنىپ قويۇپ ئېغىز ئاچىتى .
- مەن بۇرۇن توي قىلىپ ، بىر يىلىدىن كېيىن ئاجىرشىپ كەتكەنچە تا بۇ كەمگە كەلگۈچە توي قىلماي 22يىللىق ياشىلىق باھارىمىنى تۇل ئۆتكۈزدۈم . نېمىشقا ئاجىرشىپ كەتىكىنىمىنى بىلەمسەن ، تەگكەن ئېرىمگە كۆڭلۈمىنى بېرەلىمىدىم . ئۇمۇ ماڭا كۆڭلىنى بىرەلمىگەنىلىكىنى ، بىزنىڭ خاتا توي قىلىپ سالغانلىقىمىزنى ، ماڭا ئاجىرشش تەلىپىنى قويدى . مەن ئۇنىڭ بۇ تەكىلىپىنى شەرتىسىز قوبۇل قىلىدىم . كېيىن ئۇ ئۆزنىڭ شەخسى ئىگىلىكىدىكى كالا - قوي تېرىلىرىنى پىششقلاپ ئىشلەش زاۋۇتىنى ماڭا قالدۇرۇپ ، دادىسى بىلەن كاناداغا كەتتى . ئۇنىڭ ئاتا - ئانىسى شۇ يەردە مۇھاجىر بولۇپ ، چوڭ سودا قىلاتتى . كېيىن مەن يالغۇز قالدىم . ماڭا قانات سۆرەپ چالما ئاتىدىغانلار جىق چىقىتى . لېكىن ، مەن بىرنىمۇ قوبۇل قىلمىدىم . قەلبىم كىمىدۇر كۈتىۋاتقاندەك ، كۈتكەن ئادىمىم ھامان مېنى ئىزدەپ كېلىپ ۋىسالىمغا يېتىدىغاندەك يۇيغۇ ماڭا ئۈمىد ۋە ئىشەنچ ئاتا قىلىپ ، قەلىبىمىنى گۈزەل ئارمانلارغا پۈركەيتتى . كېيىنكى كۈنلىرىم زاۋۇتىنى تەرەققى قىلىدۇرۇش ، پۇل تېپىش بىلەن ئالدىراش ئۆتتى . زاۋۇتىمۇ تەرەققى قىلىدى . مەنمۇ پۇل تاپتىم . ئاخىرى ۋىسال پەيتى يېتىپ كېلىپ سەن بىلەن تۇنۇشتۇم . سېنى سۆيدۈم ، ياخشى كۆردۈم ، قەلىبىمىدىكى كۈتكەن ئادىمىم ئەسىلى سەن ئىكەنسەن . ئەپسۇس ، مەن ئېرىشكەن بۇ بەخىت ماڭا ئۇزۇن نىسىپ بولمىدى . ئەمدى ھەممسسى تۈگىدى. مەن سەن بىلەن بىر ئۈمۈر بىللە ياشيالمايمەن . سەن بىلەن توي قىلشىممۇ مومكىن ئەمەس . بۇ ئەخلاق تېمىسىغىمۇ ئۇيغۇن كەلمەيدىغان ئىش . بەلكىم سەنىمۇ مەندىن قۇتۇلغانلىقىڭىنى بىلىپ ئىچڭىدە خوش بولۇۋاتقانسەن . بەلكى سىېنىڭمۇ گۈزەل ئارزۇ - ئارمانلىرىڭمۇ باردۇ . بىر كۈنى ئۇچۇرۇم بولغان قۇش بالسىدەك يېنىمىدىن كەتكۈڭ كىلىدىغاندۇ ، سېنىڭ كۆز ئالدىمىدىن كەتكىنىڭىنى كۆرگۈم يوق . سەن كەتكۈچە مەن كېتەي . شۇندىلا ئازراق بولسىمۇ ئازبىلىرىم يىنىكلەر ، كىممۇ ياخشى كورگەن ئادىمىدىن ئايرىلسا ھەسرەت چەكمەيدۇ دەيسەن . ئايرىلغانغا ھېچىكىم ئۆلمەيدۇ . بۇ راس . لېكىن ،ئايىرلىشنىڭ ئاچچىق ئازابى يۈرەكىنى ياغاچ قۇرتىدەك غاجىلغان چاغدا ھىجراننىڭ قانداق يامانلىقىنى بىلىپ قالىسەن . ئۆتكەندە بۇرۇن ئاجىرشىپ كەتكەن يولدىشىم بىلەن ئۇچىرشىپ قالدۇق . ئۇ مېنى ئىزدەپ كەپتىكەن . ئۇمۇ تا ھازىرغىچە توي قىلماپتۇ . ئويلاپ باقسام ئۇ مېنى ياخشى كۆرەرمىش . ئەينى چاغدا يېنىكىلىك بىلەن چىقارغان قارارغا پۇشايمان قىپتۇدەك ، نۇرغۇن ئاياللار بىلەن توي قىلىپتۇ ، لېكىن يەنىلا مېنى كۆرگەن كۆزىدە كۈرەلمەي ئاجىرشىپ كېتىپىتۇ . ياش بىر يەرگە بارغاندا يارشىپ قالساق ياخشى بۇلاتتى ،ياخشى ئويلۇنۇپ تەلپىمىنى توغىرا دەپ قارسىڭىز ماڭا ئۇچۇرنى بىرىڭ ، دەپ كېتىپ قالدى . ئۇ مېنىڭ پۇلۇمىنى كۆزلەمدىكىن دىسەم ، ئۇ مەندىن نەچچە ھەسسە باي . مېنى ياخشى كۆرەمىدىكىن دىسەم تېخى 22يىلىدىن كېيىن پولۇككىدە پەيدا بولۇپ بۇ گەپىنى دېدى. ئىش قىلىپ بۇلارنى بىلمەيمەن . دۇنيادا نۇرغۇن ئىشلارنى چۈشۈنۈپ بولغىلى بولمايدىكەن . دېمسىمۇ راست ، مەيلى ياخشى كۆرەي ياخشى كۆرمەي ئۇنى تاللىغىنىم سەل ئۇرۇنىلۇقىمىكىن دەيمەن . مەنمۇ ۋاقتىدا توي قىلىپ بالا - چاقىلىق بولمسام كۈنلەرنىڭ بىر كۈنى سەكىراتىقا چۈشۈپ قالسام بېشىمىغا ياستۇق قويدىغان ئادىمىم بولمسا بولماس ، ئۇمۇ ھەم شۇنداق ، تەقىدىر پېشانەم شۇنداق پۈتۈلىگەن بولسا كىرەك ، ئاناممۇ دادامىنى ياخشى كورمەيتىكەنتۇق ، شۇنداقتىمۇ دادامىغا تېگىپ مېنى تۇغۇپتىكەن . ئامال يوق . ۋىسال دىگەن سۆز تۇلمۇ تاتلىق بولسىمۇ ، ئۇنىڭ مەنزىلى ئاچىچىق بولىدىغان ئشىلار جىقكەن . بوپتۇ سەنمۇ ھايات قوينىدا ياشاۋاتىسەن ، مەنمۇ ھەم شۇنداق ، دۇنياغا تۇغۇلدۇقىمۇ بەدەل تۆلىمەي بولمايدۇ . ھەر كىمىنىڭ ئويلىغنىدەك ئىش نەدە ، تەقىدىرگە تەن بەرمەي ئامال يوق ،- ئۇ جىمىپ كەتتى ...........
- يەنچۇ ؟ - دېدىم مەن ئۇنىڭ ياشلانغا كۆزىگە قاراپ .
- ئالە ، بۇ ساڭا ئاتاپ قويغىنىم . مەكتەپىنى پۈتتۈرۈپ بۇلاي دېدىڭ ، كېينىكى تۇرمۇشڭغا پۇل كېتىدۇ . ئاپاڭنى ياخشى باقىمساڭ تېخى ، ئالدىڭىدا داۋانلار كۆپ ، يانچۇقۇڭىدا پۇلۇڭ بولمسا غېرىپسىنىپ قالسەن . زاۋۇتىنى سېتىۋەتتىم . ماشنام بىلەن ئۆيۈمىنى ساڭا قالدۇردۇم . مېنى سېغىنغان كۈنلەردە شۇلارغا قاراپ مېنى ئەسلەرسەن ، مانا ئاچقۇچ . ئەتە مېنى ئۇزتىپ قويغىلى چىق ، قايتا كۆرۈشۈش بىزگە نېسىپ بۇلامىدۇ -يۇق ، بۇنى بىلىگىلى بولمايدۇ . سېنىڭ كەينىمىدىن قاراپ تەلمۈرۈپ تۇرغۇنىڭىنى كۆرگۈم بار ، ناۋادا خالساڭ مۇئەللىمىڭىدىن رۇخسەت سورا ، - مەن ئىختىيارسىز يانغۇنۇمىنى چىقىرىپ مۇئەللىمىگە تېلېغۇن قىلدىم . ئايگۈل بىلەن بولغان سۆھبىتىمىز ئەنە شۇنداق ئاياغلاشىتى .
تاڭ ئاتتى ئۇنىڭ ئېغىر چامدانلىرنى كۆتۈرۈپ پەسكە چۈشۋاتىمىز . ئۇ پەلەمپەيدىن چۈشۋاتقاندا ، كەينىگە تەكرار قارايتتى . ئۇنىڭ كەينىگە قاراپ ئېغىر ئۇھ تارتىشلىرىدىن ماڭا قىيمىغانلىقى ، بۇ يەردىن كەتكۈسى يوقلۇقى چىقىپ تۇراتتى .
ئايرۇپىلان كۆككە كۆتۈرۈلگەندە كۆزلىرىمىگە ئىسىسق ياش كەلدى . مەن ئۇنسىز ئەمەس ، ھۆڭىرەپ يىغلاۋاتقىنىمىنى سەزدىم .
avatar
Arman
Munber Mesuli
Munber Mesuli

Jinsi Jinsi : Male
Yeshi Yeshi : 28
Tughulghan Waqti Tughulghan Waqti : 1989-05-25
Orni Orni : گىرمانىيە
Yazma Sani Yazma Sani : 129
Shohriti Shohriti : 374
Tohpisi Tohpisi : 0
Hizmiti / Qiziqishi Hizmiti / Qiziqishi : ئۇقۇغۇچى
Tizimlatqan Waqti Tizimlatqan Waqti : 2010-02-08

Re: Hijran ( Arman )

Yollash by Arman on Sun Mar 21, 2010 12:43 am

ياخشىمىكەن

    Hazirqi waqit: Tue May 22, 2018 3:48 am