♥ Arman Unwirsal Munbiri ♥

Would you like to react to this message? Create an account in a few clicks or log in to continue.

    ئاخىرقى دىئالوگ

    Arman
    Arman
    Munber Mesuli
    Munber Mesuli


    Jinsi Jinsi : Male
    Yeshi Yeshi : 34
    Tughulghan Waqti Tughulghan Waqti : 1989-05-25
    Orni Orni : گىرمانىيە
    Yazma Sani Yazma Sani : 129
    Shohriti Shohriti : 374
    Tohpisi Tohpisi : 0
    Hizmiti / Qiziqishi Hizmiti / Qiziqishi : ئۇقۇغۇچى
    Tizimlatqan Waqti Tizimlatqan Waqti : 2010-02-08

    ئاخىرقى دىئالوگ Empty ئاخىرقى دىئالوگ

    Yollash by Arman Mon Mar 22, 2010 5:06 pm


    ھىچنىمە يوق، يوللار قۇپقۇرۇق،
    ئاياق ئىزى ئۆچكەن قارلاردا.
    ئەسلىمىلار، خىياللار، چۈشلەر،
    كۆپۈكسىمان يوقار تاڭلاردا.
    بۇ ئاخىرقى دىئالوگ بەلكىم،
    ئىككىمىزنىڭ ھاياتلىقىدا.

    سەنئەتسىمان ئەمەس مۇھەببەت،
    سۆيۈشلەرمۇ بەزەن بەك ئاچچىق.
    تەنلەردە ھەم راھەت يوق قىلچە،
    چۈنكى روھلار پاسىق بەك پاسىق.
    بۇ ئاخىرقى دىئالوگ بەلكىم،
    ئايان بولدى ئۆلۈممۇ ئېنىق.

    ئۆكۈنمىگىن شېئىرلار ئۈچۈن،
    مىسرالاردا يوقتۇر ئېچىنىش.
    ئويلانمىغىن ئارتۇق ئادەمنى،
    سەندە بولماس ۋىسالغا قېنىش.
    بۇ ئاخىرقى دىئالوگ بەلكىم،
    گۈزەل بەلكى تۈندە ۋاز كېچىش.

    بۇ ئاخىرقى دىئالوگ بەلكىم،
    .....قايتا كەلمەس مەڭگۈگە يېنىپ


      Hazirqi waqit: Thu Mar 28, 2024 10:20 pm