♥ Arman Unwirsal Munbiri ♥

Would you like to react to this message? Create an account in a few clicks or log in to continue.

    بىز مۇشۇنداق ئۇيغۇر بىز

    Arman
    Arman
    Munber Mesuli
    Munber Mesuli


    Jinsi Jinsi : Male
    Yeshi Yeshi : 34
    Tughulghan Waqti Tughulghan Waqti : 1989-05-25
    Orni Orni : گىرمانىيە
    Yazma Sani Yazma Sani : 129
    Shohriti Shohriti : 374
    Tohpisi Tohpisi : 0
    Hizmiti / Qiziqishi Hizmiti / Qiziqishi : ئۇقۇغۇچى
    Tizimlatqan Waqti Tizimlatqan Waqti : 2010-02-08

    بىز مۇشۇنداق ئۇيغۇر بىز Empty بىز مۇشۇنداق ئۇيغۇر بىز

    Yollash by Arman Fri Apr 01, 2011 7:27 pm

    بىز مۇشۇنداق ئۇيغۇر بىز




    ئۇزاق يىللىق تارىخنى ، بېسىپ ئۆتكەن ئۇيغۇر بىز ،
    ئەجىرلەردىن گۈل كۆرۈپ ، شەرەپ قۇچقان ئۇيغۇر بىز .
    كۆز يەتمىگەن تاغلارغا ، ئىزلار سالغان ئۇيغۇر بىز ،
    تەن - تېنىدە ئۇيغۇرنىڭ ،قېنى ئاققان ئۇيغۇر بىز ،
    سادىر ھەمدە لۇتپۇلنىڭ، ئەۋلادى شۇ ئۇيغۇر بىز .

    يەلكىمىزنى تال كەبى ، ئەگسىمۇ جۇت – بورانلار ،
    مەنزىللەرنى ھەر ۋاقىت ،توسسىمۇ تاش – قىيانلار ،
    ئەجىرىمىزنى شام كەبى ، ئۆچۈرۈپ ئۆتسە شاماللار ،
    ياخشى ئىشنى يوق قىلىپ ،دوق قىلسىمۇ يامانلار .
    كۈلكە بىلەن ئاچچىقنى ، تېتىپ ئۆتكەن ئۇيغۇر بىز .

    ياشاپ كەلدۇق بىرىمىز ، يېڭىپ ئاچچىق كۈلكىنى ،
    يەنە بىرىمىز ئوۋلىدۇق ، ئارىدىن چىققان تۈلكىنى ،
    تاللاش – شاللاش بولسىمۇ ، تالاشمىدۇق مۈلۈكنى
    ئەگرى – توقاي يوللاردا ، ئۇنتۇپ قالماي ئۆزلۈكنى ،
    ھەقنى كۆزلەپ يىراقنى ، ياشاپ كەلگەن ئۇيغۇر بىز .

    بولسا بىراۋ ھازىدار ، كۆزنى ھەممە ياشلايمىز ،
    يىتىم – يىسىر، ئاجىزغا ، ئاتىغاننى تاشلايمىز ،
    چىقسا بىزدىن بىر ئالىم ، چاۋاكلارنى باشلايمىز ،
    ئىللەت بولسا ئارىدا ، ھەممە تەڭلا قاقشايمىز ،
    گاھى ماتەم،خۇشاللىق ،كۆرۈپ ئۆتكەن ئۇيغۇر بىز .

    بىرلىرىمىز دىھقان بوپ ، تىنىپ تاپماي ئىشلەيمىز ،
    بىرلىرىمىز كادىر بوپ ، يۇمشاق گۆشنى چىشلەيمىز ،
    بىرلىرىمىز كۆچمەن بوپ ، ئانا يۇرۇتنى ئەسلەيمىز ،
    بىرلىرىمىز ياش غۇنچە ، ئۇلۇغ غايە ، ئىستەيمىز ،
    تەڭشەلمىگەن جاھاندا ، ياشاپ كەلگەن ئۇيغۇر بىز .

    ئەجىر قىلىپ چۆللەرنى ، ئايلاندۇرۇپ باغلارغا ،
    مىللى ئۆرۈپ ئادەتنى ، باغلاپ مۇقام سازلارغا ،
    تەبىي گۈزەل چىنلىقنى ،سىموۋۇل قىپ ئايلارغا ،
    ساپ ئەقىدە - ۋاپانى ، ئاتاپ مەڭگۈ يارلارغا ،
    قىزىل گۈلدەك خۇشپۇراق چېچىپ ئۆتكەن ئۇيغۇر بىز .

    چىقسىمۇ گەر ئارىمىزدىن،بىرەر ئازغۇن، نۇمۇسسىز ،
    سېتىپ مىللەت يۈزىنى ، ئىللەت سۈيەر ئۇياتسىز ،
    دوس- يارەننى يىغلىتىپ ، قان قىلسىمۇ ۋاپاسىز،
    ئاقنى سېتىپ بەزىلەر ، لەيلەپ يۈرسە ئىمانسىز ،
    ئاشۇ ھەممە پۇشتىمىز ، تانالمايمىز ئۇيغۇر بىز .

    قۇياش بۇلۇپ پارلىدۇق ، تەپتىمىزدىن نۇر تۆكۈپ ،
    كىلەچەك دەپ ۋەتەن دەپ ، ئېقىنلارغا تەڭ چۆكۈپ ،
    خەلىق ئۈچۈن ئەل ئۈچۈن ، دىلغا ئارمان لىق پۈكۈپ
    يۈلتۇز بۇلۇپ چاقنىدۇق ، كۈندۈزلىرى ھەم مۆكۈپ ،
    توغراق كەبى ئۆكۈنمەي، ياشاپ كەلگەن ئۇيغۇر بىز .

      Hazirqi waqit: Thu Mar 28, 2024 10:50 pm