♥ Arman Unwirsal Munbiri ♥

Would you like to react to this message? Create an account in a few clicks or log in to continue.

    Yumur Sanduqumdin Uzundiler ( Arman )

    Arman
    Arman
    Munber Mesuli
    Munber Mesuli


    Jinsi Jinsi : Male
    Yeshi Yeshi : 34
    Tughulghan Waqti Tughulghan Waqti : 1989-05-25
    Orni Orni : گىرمانىيە
    Yazma Sani Yazma Sani : 129
    Shohriti Shohriti : 374
    Tohpisi Tohpisi : 0
    Hizmiti / Qiziqishi Hizmiti / Qiziqishi : ئۇقۇغۇچى
    Tizimlatqan Waqti Tizimlatqan Waqti : 2010-02-08

    Yumur Sanduqumdin Uzundiler  ( Arman ) Empty Yumur Sanduqumdin Uzundiler ( Arman )

    Yollash by Arman Sat Feb 20, 2010 6:09 pm

    موگۇ
    - دادا ، موگۇ قانداق يەردە ئۆسىدۇ ؟
    - يامغۇر كۆپ ياغىدىغان رايۇنلاردا .
    - شۇڭا ، ئۇلارنىڭ شەكلى كۈنلۈكسىمان بولىدىكەندە .
    ------------------------------------------------------------------------------------------

    سەۋەب
    سوتچى : نېمىشقا ئايالىڭغا ئورۇندۇق ئاتتىڭ ؟
    جاۋابكار : ئۈستەلنى كۆتۈرەلمىسەم .
    ------------------------------------------------------------------------------------------

    چىۋىننىڭ غىزالىنىشى
    ئانا چىۋىن بالا چىۋىننى باشلاپ غىزالىنىش ئۈچۈن بىر دۆۋە كالا تېزىكىگە قونۇپتۇ .
    بالا چىۋىن نارازى بولغان ھالدا :
    - ئانا - بىز نېمىشقا ھەمىشە پوق يەيمىز ؟ - دەپتۇ .
    ئانا چىۋىن بالا چىۋىنغا كايىپ :
    - ماۋۇ بالىنىڭ دەۋاتقان گېپىنى ، تاماق يىگەندە كۆڭۈل ئېلىشتۇرىدىغان گەپلەرنى قىلما ، - دەپتۇ .
    ------------------------------------------------------------
    ئەقىللىق بۇلاڭچى
    بىر بۇلاڭچى يولۇچىدىن سوراپتۇ :
    - ئەپەندىم ، يېقىن ئەتراپتا ساقچىلارنى ئۇچراتتىڭىزمۇ ؟
    - ياق .
    - ئۇنداقتا ياخشى ، دەرھال ھەميىنىڭىز بىلەن سائىتىڭىزنى چىقىرىڭ .
    -----------------------------------------------------------
    بىخىل بوۋاي
    بوۋاي ئوغلىنى ئەمالار يېزىقىنى ئۈگۈنىشكە قىستاپتۇ .
    ئوغلى : مەن يا ئەما بولمىسام ، نېمىشقا ئەمالار يېزىقىنى ئۈگۈنىمەن ؟
    بوۋاي : ئەمالار يېزىقىنى ئۆگەنسەڭ ، كەچلىرى تاپشۇرۇق ئىشلىگەندە توكنى تېجەپ قالغىلى بولىدۇ ئەمەسمۇ ؟
    -----------------------------------------------------------
    بىر ھەسسە قوشۇپ بېرىمەن
    ئا : ئەگەر سەن ماڭا ۋاكالەتەن بېكەتكە قېينانامنى كۈتۈۋالغىلى بارساڭ ساڭا ئون ئامىرىكا دوللىرى بېرىمەن .
    ب : ئەگەر كەلگىلى ئۇنىمىسىچۇ؟
    ئا : ئۇنداقتا ، مەن ساڭا بىر ھەسسە قوشۇپ بېرىمەن .
    ------------------------------------------------------------
    ھاۋا رايى
    ئايالى : - ئەتە ھاۋا ئوچۇقمىدۇ ، بازارغا بېرىپ كىيىم ئالماقچى ئىدىم . تېلېۋىزوردا ھاۋا رايىدىن مەلۇمات بەرگەندە نېمە دېدى ؟ - دەپ سوراپتۇ يولدىشىدىن .
    ئېرى : - ئوتتۇراھال يامغۇر ياغىدۇ ، بوران چىقىدۇ ، يەنە يەر تەۋرەشمۇ ئېھتىمالغا يېقىن ، - دەپ ئۇختۇردى.
    ----------------------------------------------------------
    ھېكايە
    ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلارنى شىددەتلىك ئۇرۇش ھەققىدىكى ھېكايىلەرنى بايان قىلىشقا ئۇيۇشتۇرۇپتۇ .
    بىر ئوقۇغۇچى قولىنى ئاستا كۆتۈرۈپ :
    - مۇئەللىم ، ئاپام ئۆيدە بولغان ئىشلارنى باشقىلارغا ئېيتما دېگەن ، - دەپتۇ .
    -----------------------------------------------------------
    سازاڭ
    بىر ئائىلىلىك سازاڭلار بۈگۈن بەكلا ئىچى پۇشتى، شۇنىڭ بىلەن، كىچىك سازاڭ ئۆزىنى ئوتتۇرىدىن ئىككى قىلىپ پەي توپ ئوينىغىلى كەتتى؛ سازاڭ ئانا بۇ ئامال بولىدىكەن دەپ ئۆزىنى تۆتكە بۆلۈپ ماجاڭ ئوينىغىلى ماڭدى؛ سازاڭ دادا ئويلىنىپ كېتىپ ئۆزىنى ئۇششاق توغرىۋەتتى. سازاڭ ئانا بۇنى كۆرۈپ يىغلاپ كەتتى:
    ـــ سىز نېمانچە ئەخمەق؟ بۇنداق قىلسىڭىز ئۆلمەمسىز؟ ھۈ...ھۈ...ھۈ...
    سازاڭ دادا ئۈزۈپ-ئۈزۈپ قىينىلىپ تۇرۇپ مۇنداق دېدى:
    ـــ ...تۇرۇپلا...پۇتبول...ئوينىغۇم...كېلىپ...
    -------------------------------------------------------

    سېنىڭ كاساپىتىڭ
    ئۈچىنچى يىللىقتا ئوقۇۋاتقان بىر بالىنىڭ ماتىماتكا نەتىجىسى بەك تۆۋەنكەن. ئۇ بالا بۇ قېتىممۇ ماتىماتىكا ئىمتىھانىدىن ئۆتەلمىگەچكە، ئاچچىقى يامان ئاپىسى، ئۇ بالىنى بىر ئۆيگە سولىۋېلىپ تازا تىللاپتۇ . يان ئۆيدە ئولتۇرۇپ ،بولىنۋاتقان گەپلەرنىڭ ھەممىسىنى ئاڭلاپ ئولتۇرغان دادىسى ،سەبى يۈرىكى ئازار يىگەن بالىسى چىققان ۋاقىتتا بالىسىغا تەسەللى بەرمەكچى بوپتۇ. ئاپىسىدىن بولۇشىغا دەشنەم يېگەن بالا سالپايغىنىچە چىقىپ كەپتۇ.
    دادىسى تەسەللىنى باشلاپ: بولدى بالام ئاپاڭنىڭ گىپىنى كۆڭلۈڭگە ئالما .- دىيىشىگە بالىسى ئاچچىقلانغان ھالدا :
    ھەي دادا! ئاشۇنداق خوتۇننىما ئالامسەن -دىگىدەك.
    ----------------------------------------------------------
    مۇنبەر مەسئۇلى << قىسمەت>> نىڭ ھەسرىتى
    بىر ﻛﯜﻧﻰ ، قىسمەت ﻳﯧﯖﻰ ﺳﯧﺘﯩﯟﺍﻟﻐﺎﻥ ﺋﯧﺴﯩﻞ ﭘﯩﻜﺎﭘﯩﻨﻰ ﻳﻮﻟﻨﯩﯔ ﺑﻮﻳﯩﻐﺎ ﺋﻪﻣﺪﯨﻼ ﺗﻮﺧﺘﯩﺘﯩﭗ ﺋﯩﺸﯩﻜﻨﻰ ﺋﯧﭽﯩﺸﯩﻐﯩﻼ ﻳﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﺑﯩﺮ ﭘﯩﻜﺎﭖ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﭘﯩﻜﺎﭘﯩﻨﯩﯔ ﺋﯩﺸﯩﻜﯩﻨﻰ ﺳﻮﻗﯘﯞﯨﺘﯩﭙﺘﯘ .
    ﺑﯩﺮ ﮬﺎﺯﺍﺩﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﻗﺎﺗﻨﺎﺵ ﺳﺎﻗﭽﯩﺴﻰ ﻳﯧﺘﯩﭗ ﻛﻪﭘﺘﯘ ، قىسمەت ﺋﯘﻧﻰ ﻛﯚﺭﯛﭖ ﺩﻩﺭﺩﯨﻨﻰ ﺗﯚﻛﯜﺷﻜﻪ ﺑﺎﺷﻼﭘﺘﯘ ؛
    __ﺳﺎﻗﭽﻰ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﻯ ،ﻗﺎرىمامسىز ،ﻳﯧﯖﯩﻼ ﺳﯩﺘﯩﯟﺍﻟﻐﺎﻥ ﺋﺎﻟﯩﻲ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﻠﯩﻚ ﭘﯩﻜﺎﭘﯩﻤﻨﯩﯔ ﺳﻮﻗﯘﻟﯘﭖ ﯞﻩﻳﺮﺍﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻛﻪﺗﻜﯩﻨﯩﻨﻰ.
    __ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﻯ ،ﺳﯩﺰﻣﯘ ﭘﯘﻟﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﻤﻪﻳﺪﯨﻜﻪﻧﺴﯩﺰ، ﺳﻮﻝ ﺑﯩﻠﻜﯩﯖﯩﺰﻣﯘ ﺋﯜﺯﻟﯜﭖ ﻛﯧﺘﯩﭙﺘﯘ،ﺑﯘﻧﻰ ﺗﯧﺨﯩﭽﻪ ﺳﻪﺯﻣﻪﻱ ﻳﯜﺭﺩﯨﯖﯩﺰﻣﯘ؟
    قىسمەت ﺋﯜﺯﻟﯜﭖ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ ﺳﻮﻝ ﺑﯩﻠﯩﻜﯩﮕﻪ ﻗﺎﺭﺍﭖ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﺋﻪﻧﺴﯩﺰ ﯞﺍﻗﯩﺮﺍﭖ ﻛﯧﺘﯩﭙﺘﯘ؛
    __ﯞﺍﻱ ﺧﯘﺩﺍﻳﯩﻢ ﻣﯧﻨﯩﯔ ﺷﯟﯦﻴﺘﺴﺎﺭﯨﻴﯩﺪﻩ ﺋﯩﺸﻠﻪﻧﮕﻪﻥ ﻗﯩﻤﻤﻪﺕ ﺑﺎﮬﺎﻟﯩﻖ ﺳﺎﺋﯩﺘﯩﻢ ﻳﻮﻕ ﺗﯘﺭﺩﯨﻐﯘ؟

      Hazirqi waqit: Fri Mar 29, 2024 2:07 am