♥ Arman Unwirsal Munbiri ♥

Would you like to react to this message? Create an account in a few clicks or log in to continue.

    Soy Namrat Bolsimu Usining Dadang

    Arman
    Arman
    Munber Mesuli
    Munber Mesuli


    Jinsi Jinsi : Male
    Yeshi Yeshi : 34
    Tughulghan Waqti Tughulghan Waqti : 1989-05-25
    Orni Orni : گىرمانىيە
    Yazma Sani Yazma Sani : 129
    Shohriti Shohriti : 374
    Tohpisi Tohpisi : 0
    Hizmiti / Qiziqishi Hizmiti / Qiziqishi : ئۇقۇغۇچى
    Tizimlatqan Waqti Tizimlatqan Waqti : 2010-02-08

    Soy Namrat Bolsimu Usining Dadang Empty Soy Namrat Bolsimu Usining Dadang

    Yollash by Arman Mon Feb 22, 2010 6:00 pm

    سۆي نامرات بولسىمۇ ئۇ سىنىڭ داداڭ


    ئىسىل زات بولسىمۇ ئۇ سىنىڭ داداڭ ،
    ئۇلۇغزات بولسىمۇ ئۇ سىنىڭ داداڭ ،
    سۇمباتلىق بولسىمۇئۇ سىنىڭ، داداڭ
    باياشات بولسىمۇ ئۇ سىنىڭ داداڭ ،
    سۆي نامرات بولسىمۇ ئۇ سىنىڭ داداڭ.


    ئۇ سىنى چوڭ قىلدى مىڭ تەستە بېقىپ ،
    جېنىم دەپ پەپىلەپ باغرىغا بېسىپ ،
    ئۇتۇڭدا كۈيۇپ سۈيۇڭدە ئېقىپ ،
    قاق سەنەم بپلسىمۇ بارىنى سېتىپ ،
    سۆي نامرات بولسىمۇ ئۇ سىنىڭ داداڭ .


    ساڭىلا تۇگۇنۇپ ئۈزى يىمەيدۇ ،
    سىنىلا كەيسۇن دەپ ئۈزى كەيمەيدۇ ،
    جاپا ھەم زەربىگە ۋايساپ كەتمەيدۇ،
    بەلكى كۆز يۇمغۇچە غېمىڭنى يەيدۇ ،
    سۆي نامرات بولسىمۇ ئۇ سىنىڭ داداڭ .


    پۇتلىرى مىڭ قاداق قوللىرى يېرىق ،
    يىل بۇيى ئىشلەپمۇ كىيىمى يىرتىق ،
    ئۈستىدە تۇرسىمۇ تۇمەن مىڭ سېلىق ،
    ئۇ شۇنچە مۇلايىم ئۇ شۇنچە سىلىق،
    سۆي نامرات بولسىمۇ ئۇ سىنىڭ داداڭ .


    ئۆتكۈزدى ئۆمرىنى بالام -بالام دەپ ،
    كۇندىزى ئېتىزدا كەچتە كالام دەپ ،
    [تېخى كۆپ بالامغا مىھرىم چالام دەپ ،
    ياشىدى ھەممىگە ئوخشاش سالام دەپ ،
    سۆي نامرات بولسىمۇ ئۇ سىنىڭ داداڭ .


    سەن ئۇنىڭ ھالىنى سوراپ باقتىڭمۇ
    بېشىغا بىر تەلپەك بىرىپ باقتىڭمۇ ،
    مۇكچەيگەن قەددىگە قاراپ باقتىڭمۇ ،
    ئاقاغان چېچېنى سىلاپ باقتىڭمۇ ،
    سۆي نامرات بولسىمۇ ئۇ سىنىڭ داداڭ .


    ئۇ سىنى مەكتەپتە ئۇقتۇپ قويدى ،
    شۇنداقلا دۇنيا نى تۇنۇتۇپ قويدى
    بەخىىتنىڭ تەمىنى تېتىتىپ قويدى ،
    سىنى ياشلىقىنى يۇقۇتۇپ قويدى ،
    سۆي نامرات بولسىمۇ ئۇ سىنىڭ داداڭ .


    شۇ گۇزەل ھۆسنىڭگە كۆچكەن ياشلىقى ،
    سەن ئۈچۇن كەتمەسكە كەتكەن شاشلىقى ،
    سىنى دەپ يۇقالغان ھەم ئوت شاشلىقى ،
    سىنى دەپ ئاقارغا بېشىنىڭ چاشلىقى ،
    سۆي نامرات بولسىمۇ ئۇ سىنىڭ داداڭ


    ئەۋەتىپ تۇرىدۇ ساڭا ئايدا ئاش ،
    نەۋرىلەر يىسۇن دەپ چامغۇر ھەم كۆك باش ،
    ھېچ يەردىن ئالمايدۇ بىر تىيىن مائاش ،
    ئۇ شۇنچە چىداملىق ئۇ شۇنچە يوۋاش ،
    سۆي نامرات بولسىمۇ ئۇ سىنىڭ داداڭ .


    كۆمۈرگە پۇلى كەم قالايدۇ مەدەك ،
    پۇل ئۈچۈن ئېتىزدا تېرىدۇ غوزەك ،
    ئەمما سەن قەھرىڭنى چاچىسەن تۇزدەك ،
    ئېيتقىنا سەندىكى ئۇ قانداق يۇرەك ،
    سۆي نامرات بولسىمۇ ئۇ سىنىڭ داداڭ .


    كوچىدا كۆرسەڭ قاچىسەن تېخى ،
    كەمسىتىپ ئەيپىنى ئاچىسەن تېخى
    ئاچچىقلاپ زەھرىڭنى چاچىسەن تېخى ،
    شۇندىمۇ بالام دەپ كۆيەر ئۇ تېخى ،
    سۆي نامرات بولسىمۇ ئۇ سىنىڭ داداڭ .


    تۇرقىغا قاراپ باق كىيىمى جۇل - جۇل ،
    ھەممىدىن ئايرىلىپ بۇلۇپ قالدى تۇل ،
    تۇرمۇشنىڭ يۇلىدا يۇرۇكى چۇل - چۇل ،
    پۇرىۋال ئۇ دىگەن خۇش پۇراقلىك گۈل ،
    سۆي نامرات بولسىمۇ ئۇ سىنىڭ داداڭ .


    قاراپ باق بەستىگە مۇكچىيىپ كەتتى ،
    ئىش ئەمگەك دەستىدىن چەينىلىپ كەتتى ،
    ئۈشىگەن گۈل كەبى شۇمشىيىپ كەتتى ،
    دەدىنى ئېيتالماي ئۆڭچۇيۇپ كەتتى ،
    سۆي نامرات بولسىمۇ ئۇ سىنىڭ داداڭ .


    ئۇنىڭدا يوق قىلچە كېبىر تەمەننا ،
    ھەر باسقان ئىزىدا تۇمەن مىڭ مەنا ،
    ئەپسۇسكى ياشىنىپ قالدى ئۇ ئەمما ،
    لىكىن سەن قەرزىڭنى قىلدىڭمۇ ئادا ،
    سۆي نامرات بولسىمۇ ئۇ سىنىڭ داداڭ .


    بىلەمسەن سەن ئۇنىڭ نامىراتلىقىنى ،
    نامىراتلىق تەختىگە سۇلتانلىقىنى ،
    بىلسەڭمۇ ئەڭ ئاددىي پاك زاتلىقىنى ،
    بىلمەيسەن قەرزىڭنىڭ قات-قاتلىقىنى ،
    سۆي نامرات بولسىمۇ ئۇ سىنىڭ داداڭ .


    كىيىشىڭ ئېسىل تون ساڭا كۇندە توي ،
    ئىچىشىڭ مەي- شاراپ يىيىشيڭ قوي ،
    سەن گويا بىر ئەنبەك ئۇ بولسا بەت بوي ،
    شۇ سەۋەپ داداڭنىڭ بېشىدا مىڭ ئوي ،
    سۆي نامرات بولسىمۇ ئۇ سىنىڭ داداڭ .


    ئۇ بەرگەن پاختا رەخ ئۇستىخانلاردا ،
    ئۇ بەرگەن ئاش- غىغا دەستىخانلاردا ،
    ئۇ تەرگەن سەي كۆكتات شو قازانلاردا ،
    ئۇ يەنە ئۈتەلمەس ئىمتاھانلاردا ،
    سۆي نامرات بولسىمۇ ئۇ سىنىڭ داداڭ .


    سەن ئۇنى بىر قېتىم يوقلاپ باقتىڭمۇ ،
    بىرە -رەت قورسىقىنى توقلاپ باقتىڭمۇ ،
    ئۇ سۇنغان داغ چاينى ئوتلاپ باقتىڭمۇ ،
    بايرىمىڭ بولدى دەپ قۇتلاپ باقتىڭمۇ ،
    سۆي نامرات بولسىمۇ ئۇ سىنىڭ داداڭ .


    ياشىدى ئۇ ھامان ھەقنى - ھەق سۆزلەپ ،
    ئەۋلادىم خەلقىم دەپ يىراقنى كۆزلەپ ،
    ئىش ئەمگەك ئەتسىمۇ ھەتتا ھەسسىلەپ ،
    چىداشلىق ئۆتكۈزدى ئۆمرىنى بەزلەپ ،
    سۆي نامرات بولسىمۇ ئۇ سىنىڭ داداڭ .


    ئۇ كەتسە قايتىدىن تاپقىلى بولماس ،
    ئۇ كەتسە تاي بۇلۇپ چاپقىلى بولما س ،
    ئۇ كەتسە قۇشاققا قاتقىلى بولماس ،
    پۇل خەجلەپ بازاردىن ئالغىلى بولما س ،
    سۆي نامرات بولسىمۇ ئۇ سىنىڭ داداڭ
    .

    Arman
    Arman
    Munber Mesuli
    Munber Mesuli


    Jinsi Jinsi : Male
    Yeshi Yeshi : 34
    Tughulghan Waqti Tughulghan Waqti : 1989-05-25
    Orni Orni : گىرمانىيە
    Yazma Sani Yazma Sani : 129
    Shohriti Shohriti : 374
    Tohpisi Tohpisi : 0
    Hizmiti / Qiziqishi Hizmiti / Qiziqishi : ئۇقۇغۇچى
    Tizimlatqan Waqti Tizimlatqan Waqti : 2010-02-08

    Soy Namrat Bolsimu Usining Dadang Empty Re: Soy Namrat Bolsimu Usining Dadang

    Yollash by Arman Fri Mar 19, 2010 6:09 pm

    بەكلا ياخشى شېئىر چۇقۇم ئۇقۇڭ ... ئىنكاسىڭىزنى قالدۇرۇشنى ئۇنۇتماڭ Razz

      Hazirqi waqit: Fri Apr 26, 2024 5:23 pm