♥ Arman Unwirsal Munbiri ♥

Would you like to react to this message? Create an account in a few clicks or log in to continue.

    اللە سايىسىدىكى كىشىلەر

    uYghuRYe
    uYghuRYe
    Munber Mesuli
    Munber Mesuli


    Jinsi Jinsi : Female
    Yeshi Yeshi : 31
    Tughulghan Waqti Tughulghan Waqti : 1993-04-24
    Orni Orni : يەرشارى
    Yazma Sani Yazma Sani : 4
    Shohriti Shohriti : 15
    Tohpisi Tohpisi : 4
    Hizmiti / Qiziqishi Hizmiti / Qiziqishi : ئۇقۇغۇچى
    Tizimlatqan Waqti Tizimlatqan Waqti : 2010-03-16

    اللە  سايىسىدىكى  كىشىلەر Empty اللە سايىسىدىكى كىشىلەر

    Yollash by uYghuRYe Sat Apr 03, 2010 4:48 pm

    اللە سايىسىدىكى كىشىلەر



    [size=24][right][يەتتە كىشى بولۇپ،اللە ئۆزىنىڭ سايىسىدىن باشقا سايە يوق كۈندە يەنى ئىنسان قىيامەتنىڭ ئىسسىقىدىن ئۆزىدىن چىققان تەر بىلەن قۇلىقىنىڭ يۇمشىقىغىچە غەرق بولغان ئاشۇ دەھشەتلىك كۈندە(ئويلىنىپ كۆرەيلى قېرىنداشلار،ياز كۈنلىرى تېمپىراتۇرا40قا چىقسا،چىدىيالماي نىمە بولۇپ كېتىمىز،ئازغىنە تەر چىقسا،شۇنچىلىك بىئارام بولۇپ كېتىمىز،دەرھال يۇيۇنىمىز،لېكىن بۇ كۈندە،يۇيۇنۇش تۈگۈل،كىچىككىنە سايىمۇ يوق......بۇدەھشەتنى ئويلاشقا ھەم ئىنسان...........) بۇيەردە ھېچقانداق سايە يوق،ئىنسان قولى يۇ باشقا نەرسە بىلەن سايە قىلىشقا قادىر ئەمەس شۇ كۈندە اللە سايىسىدە بولىدۇ.بۇ سايە شۇنداق بىر پۈتۈن ئالەمنى ياراتقان زاتنىڭ سايىسى،بۇ سايە مىسلى كۆرۈلمىگەن سايە،بۇنى تەسۋىرلەشكە تىل ھەم ئاجىزلىق قىلىدۇ.تەسۋىرلەش ھەم مۇمكىن ئەمەس.ئۇنداقتا بۇ يەتتە كىشى كىملەر:

    1.ئادالەتلىك ئىمام.
    بۇ يەردىكى ئىمام مەسجىدنىڭ ئىمامى ئەمەس قېرىنداشلار.ئىمام-اللەنىڭ ۋۇجۇدلىرىنى جارى قىلىشقا قادىر بولغان شەخىستۇر.يەنى زىناكار يەنى تۇرمۇشلۇق بولغان زىناكار كەلسە،ئۇنى تاش-بوران قىلىپ قەتلى قىلىشقا قادىر بولىدىغان،ئوغرى بولسا قولىنى كېسىشكە قادىر بولغان،مانا مۇشۇنداق ئىسلامنىڭ ۋۇجۇتلىرىنى جارى قىلىشقا قادىر بولغان كىشى ئىمامدۇر.ئۆمەر ئىبنى خەتتاپ-دەل ئاشۇ ئادالەتلىك ئىماملارنىڭ بىرى.كەمبەغەلپەرۋەر بولۇش،بايپەرۋەر بولۇش،ئەركەكپەرۋەر بولۇش،ۋەتەنپەرۋەر بولۇش،خەلقپەرۋەر بولۇش،ئاياللارپەرۋەر بولۇش،بالىلارپەرۋەر بولۇش،قارىلارپەرۋەر بولۇشنىڭ ھەممىسى خاتادۇر.پەقەت ھەقپەرۋەر بولۇش توغرا.ئادالەتتۇر.نېمە ئۈچۈن قارىلار خاتا قىلىدۇ؟نىمە ئۈچۈن ياشلار دائىم خاتا قىلىدۇ؟ھېچكىم بۇلارنى توغرا قىلىدۇ دەپ ئېيتالمايدۇ.شۇنىڭ ئۈچۈن ئادالەتلىك ئىمام ھەقپەرۋەر بولىشى كېرەك ھەق يەككىدۇر،توغرىدۇر.يەنى ئىسلامدۇر.بۇ يول جاپاغا،مالامەتلەرگە بەرداش بېرىشنى تەلەپ قىلىدۇ.اللەنىڭ سايىسى ئاستىدا تۇرۇش ئاسان ئەمەس قېرىنداشلار!
    ھازىرقى يامان ئىشلارنى ھەممىسى دەل ھەقپەرۋەر بولماسلىقتىن كېلىپ چىقىدۇ.ھەقپەرۋەر بولسا،ھەممە كىشىگە ئوخشاش،يات كىشى بولسۇن ياكى قېرىندىشىڭىز بولسۇن.......

    2.اللە تائالانىڭ ئىبادىتىدە ئۆسۈپ يېتىلگەن يىگىت.
    اللەنىڭ ئىبادىتى،اللە نېمىگە بۇيرىسا قىلىپ،نېمىدىن قايتۇرسا،شۇنىڭدىن قايتىپ ياشىغان يىگىتلەر اللەنىڭ سايىسىدە بولىدۇ.بەزى كىشىلەر ئۆزىنىڭ پەرزەتلىرى ناماز ئوقۇغان بولسا،ئۆزى قىلمىغان بولسا شۇنىڭدىن خىجىل بولۇپ ئوقۇيدۇ،ياكى بىرەر جايدا ناماز ئوقۇمىغانلىقى،قۇرئان ئوقىمىغانلىقى سەۋەپ قاتىىق خىجىلچىلىق تارتىپ قېلىپ،ناماز ئوقۇسا ياكى قۇرئان ئوقۇسا،مانا بۇ اللەنىڭ دىنىغا بولغان قاتتىق ھاقارەتتۇر قېرىنداشلار.دۇنيادا ھېچقانچە مىللەت ئۆز كىتابىنى مۇنچە ھاقارەت قىلمىغان.ئىبادەت پەقەت ئىخلاس بىلەن اللەغا خاس بولۇشى كېرەك.باشقىلاردىن قورقۇپ،خىجىل بولۇپ،ياكى باشقىلارغا كۆرسىتىش ئۈچۈن ئەمەس،اللەدىن قورقۇپ بولۇش كېرەك قېرىنداشلار!بۇ يەردە دېيىلگىنى پەقەت يىگىتلا ئەمەس،ياشلىق غۇرۇرى ئۇرغۇپ تۇرغان،ھاۋايى ھەۋەسلەرگە بېرىلىدىغان مۇشۇنداق ياشلىق پەيتىدە،قانداق قىلسام اللەنى رازى قىلارمەن؟قانداق قىلسام قىلسام اللە مەندىن رازى بولار؟دەپ باش قاتۇرۇپ،اللەنى ئەسلەپ،ئىبادەتلىرىنى خالىس اللەقا قىلغان،ئىخلاس بىلەن قىلغان ياش قىز-يىگىتلەر اللەنىڭ سايىسىدە بولىدۇ.

    3.قەلبى مەسجىدلەرگە باغلانغان كىشى.
    يەنى پۈتۈن قەلبى مەسجىدتە،نىمە ئۈچۈن قەلبىنىڭ مەسجىدكە باغلىنىشلىق بولغانلىقى،اللەنىڭ سايىسى ئاستىدا بولىشىغا سەۋەپ بولىدۇ.رە سۇلۇللا ئەلەيھىسسالامنىڭ مەدرىسلىرى يوق ئىدى.مەسجىدلەر بار ئىدى.شۇ مەسجىدلەردىن يەر يۈزىگە نۇر تارقالغانىدى.شۇ مەسجىدلەردىن ئەبۇبەكرىدەك يېتەكچى،ئۆمەر ئىبنى خەتتابتەك ئادالەتلىك ھاكىم،ئەبۇ ئۇبەيدىدەك ئىسلام مىللىتىنىڭ ئامانەتلىك كىشىلىرى ۋە ئىلى ئىبنى ئەبۇ تالىبتەك قازى،ئىسلامدىكى مەشھۇر،قازا مەسىلىسىدە مىسلى كۆرۈلمىگەن زات ۋە خالىد ئىبنى ۋەلىتەك ھەربىي قوماندان ھەممىسى ئۈستى شاخ-شۇمبا بىلەن يېپىلغان،ئاستى تاشلاربىلەن ياسالغان شۇ مەسجىدلەردە تەربىيە ئالغان.ئىسلامدىكى مەسجىد-ئىسلامنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ،مۇسۇلمانلارنىڭ ئەمەللىرى ئىسلام نېمە ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدىغان دەرگاھ بولماقلىق كېرەك.(بىزنىڭ مەسجىدلىرىمىز چۇ؟ناماز ئوقۇپ قويىمىز خالاس.بىزنىڭ ئەمەللىرىمىزچۇ؟بىزنىڭ قىلىۋاتقان قايسى ئەمىلىمىزدىن باشقىلار ئىسلامنىڭ نېمىلىكىنى بىلەلەمدۇ؟بولۇپمۇ بىزدەك ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىمىزنىڭ ئەمەللىرىدىن باشقىلارنىڭ بىلىدىنى پەقەت مۇسۇلمانلارنىڭ مۇسۇلمانچە ئاشخانىدىن تاماق يەيدىنى خالاس،ئىسلام ئەسلى مۇشۇمىدى؟؟؟؟؟).

    4.اللە يولىدا دوستلاشقان ئىككى كىشى.شۇ مۇھەببەت بىلەن دوستلىشىپ ۋە شۇ مۇھەببەت بىلەن ئايرىلغان ئىككى كىشى.
    بۇ دۇنيادا شۇنداق يېقىن بولغان دوستلار ئاشۇ كۈندە بىر-بىرىگە دۈشمەن بولىدۇ.اللە يولىدا دوستلاشقان كىشىلەر بۇنىڭدىن مۇستەسنا.مانا بۇ اللەنىڭ كاتتا ئىلتىپاتى.
    بىراق بۇنى قىلىشمۇ ئۇنداق ئاسان ئەمەس.

    5.بىركىشىنى مەنسەپلىك ۋە چىرايلىق بىر ئايال بۇزۇق ئىشلارغا تەكلىپ قىلسا،بۇ يەردە ئايال كىشى تەكلىپ قىلدى،ئەر كىشى ئەمەس،بۇ ئىشنى قىلىشقا ئەر كىشنىڭ شارائىتى تولۇق،ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇئايال ئېتىغارسىز ئەمەس،مەنسەبلىك ۋە چىرايلىق ئايال.مانا مۇشۇنداق ۋاقىتتا،ئۇ ئەركىشى كىشىلەر بىلىپ قالسا،قانداق يۈزۈمى كۆتۈرۈپ يۈرىمەن؟كىشىلەرنى قارغىشىغا قالىمەن دەپ ئەنسىرەپ ئەمەس،بەلكى اللەدىن قورقىمەن،اللەغا قانداق جاۋاب قىلىمەن دەپ بۇ ئىشتىن باش تارتسا اللە ئۇنىڭدىن رازى بولىدۇ.ئۆز سايىسى ئاستىغا ئالىدۇ.(بىز نېمە قىلىۋاتىمىز؟؟؟كىشىلەردىنغۇ ھايا قىلىش تۈگۈل،اللەدىنمۇ قورقمىدۇق.ھەتتا قىزلىرىمىز ئىزدىمەيدۇ،بەزى يىگىتلىرىمىز پۇراپ يۇرۈپ تاپىدۇ........اللە ئۆزۈڭ گۇناھلاردىن يىراق قىلغىن).

    6.ئوڭ قولى بەرگەن سەدىقىنى سول قولى سەزمىگەن كىشى.
    يەنى سەدىقىنى شۇنداق مەخپىي بەرگەن كىشى.سىز دېمىسىڭىز مەخپىي پېتى قېلىۋېرىدىغان شۇنداق ئىشلار.اللە يولىدا ،اللە رىزالىقى ئۈچۈن شۇنداق قىلغان كىشى.(ئەەمدى ئويلىنىپ بېقىڭ،سىز شۇنداق قىلالىدىڭىزمۇ؟بىز شۇنداق قىلالىدىقمۇ؟شۇنداق چوڭ مۇراسىملاردا مۇنچە پۇل ئىئانە قىلدى دەپ جاكارلاپ قىلسا بۇ مەخپىي بولامدۇ؟بۇنداق ئىشلار رىياغا ئېھتىمالى بولۇپ قالىدۇ قېرىنداشلار!ئەگەر بۇ دۇنيادا باشقىلارنىڭ ھۈرمىتىگە ئېرىشىمەن دەپ،نام-شۆھرىتىمنى كۆتىرىمەن دەپ،ساخاۋەتچى بولىمەن دەپ ۋە ياكى بۇ دۇنيالىقىمغا پايدىلىق دەپ ئويلاپلا قىلسا،ئۇنىڭ بۇ ئەمەلى ئۇ دۇنيادا مەنپەئەت قىلمايدۇ.چۈنكى ئۇ بۇ دۇنيادا ئۇلارغا ئېرىشىپ بولىدۇ.ئۇ دۇنيادا ھېچنېمگە ئەسقاتمايدۇ.دېمەك بۇمۇ بىز ئويۇلىنىشقا تىگىشلىك مۇھىم بىر مەسىلە قېرىنداشلار!)

    7.خالىي جايدا اللەنى ئەسلەپ،ئازابىدىن قورقۇپ ياش تۆككەن كىشى.
    بۇ يەردە خالىي دېگىنى ھېچكىم بولمىغان،ھېچ كىشى كۆرمىگەن ،خالىي جاي.مانا مۇشۇنداق جايدا اللەنى ئەسلەپ،ئازابىدىن قورقۇپ ياش تۆككەن كىشى،اللەنىڭ سايىسى ئاستىدا بولىدۇ.چۈنكى ئۇ اللەدىن قورقۇدىغان كىشىلەر تۇرىدىغان جايدۇر.بىز اللەنىڭ ئىلمى زىكرى قىلىنىۋاتقاندا يىغلايمىز،بىراق باشقىلارنىڭ ئالدىدا يىغلاش بۇ بەرىبىر رىياغا ئېھتىمالى بولۇپ قالىدۇ.شۇڭا ھېچكىم يوق جايدا اللەنىڭ دەھشىتىدىن،ئازابىدىن شۇنچىلىك قورقۇپ، ھەتتا كۆزلىرى ئېقىپ كېتىدىغان دەرىجىدە قاتتىق يىغلىغان كىشى اللەنىڭ سايىسىدە بولىدۇ.مانا بۇ قەلب پاك قەلىپ بولىدۇ.بۇنداق قەلب ئىگىسى اللە يولىدا ماڭىدۇ،رىيا قىلمايدۇ،توغرا يولدىن چىقمايدۇ

      Hazirqi waqit: Fri Apr 26, 2024 1:53 pm