♥ Arman Unwirsal Munbiri ♥

Would you like to react to this message? Create an account in a few clicks or log in to continue.

    Zulmet ( Teklimakan )

    avatar
    Teklimakan
    Bashqurghuchi
    Bashqurghuchi


    Jinsi Jinsi : Male
    Yazma Sani Yazma Sani : 3
    Shohriti Shohriti : 11
    Tohpisi Tohpisi : 4
    Tizimlatqan Waqti Tizimlatqan Waqti : 2010-02-21

    Zulmet ( Teklimakan ) Empty Zulmet ( Teklimakan )

    Yollash by Teklimakan Thu Feb 25, 2010 4:57 pm

    زۇلمەت

    بۇھاياتنى زۇلمەتلەر باستى،
    يۈرەكلىرىمىز زەرداپقا تولدى.
    غەزەپ –نەپرەت قىساس ئوتىدا،
    قانلىق يۈرەك تىڭىرقاپ قالدى.

    پۇچۇلىنىپ يۈرىمەن دائىم،
    يۈرەك باغرىم -قان زەرداپ بولدى.
    مال ئىگىسى بېچارە بولۇپ،
    ئوغىرىلارنىڭ يانچۇقى تولدى.

    ئۆي مۈشۈكى ھالى بەك خاراپ،
    تالا مۈشۈكى يېمەككە تويدى.
    كېچىلىرى قۇلاق تۈۋىدە،
    بىچارىنىڭ زارى تۇيۇلدى.

    پەرياد چەككەن بىغۇبار يۈرەك،
    دەرت-ئەلەمگە خارلىققا تولدى.
    ئايغا بېقپ كۆڭلى خوش بولغان،
    ئاھۇ كۆزلەر قان ياشقا تولدى.

    تەسبىھ ئېيتىپ تالمىغان تىللار،
    پەرياد چېكىپ تىللارمۇ تالدى.
    قەلەم تۇتقان يۇمۇران قوللار،
    بومبا كۆرۈپ تىتىرەپ قالدى.

    ئاچ ياتىدۇ ئۇرۇق تۇغقانلار،
    دۈشمەنلەرنىڭ قورسىقى تويدى.
    تاماقلارغا تويمىغان دۈشمەن،
    قىزىل قانغا قانغۇچە تويدى.

    كۈن نۇرىدا پارلىغان ھايات،
    بۇ كۈنلەرگە قان يىغلاپ قالدى.
    سۇ ئېقىتقان تارىم-زەرەپشان،
    قان ئېقىتقان دەريا بولۇپ قالدى.

    كۈلۈپ تېلىقىپ ياشىغان بوۋاق،
    قارا كۈندە قان يىغلاپ قالدى.
    خوشال-خۇرام يايرىغان بالىلار،
    بۇ زۇلمەتتە تېڭىرقاپ قالدى.

    نۇر چېھىرلىك پېشقدەم بوۋاي،
    بۇ زۇلۇمغا چىدىيالماي قالدى.
    كۆكتە پەرۋاز قىلغان بۈركۈتمۇ،
    بۇ زۇلۇمغا نەپرەت ياغدۇردى.

    ئاسماندىكى سانسىز يۇلتۇزلار،
    بۇ زۇلۇمدىن ئۆزىنى قاچۇردى.
    تۈم دۇنيانى يورۇتقان قۇياش،
    زۇلۇمنى كۆرۈپ قايغۇغا چۆمدى
    .

    تەكلىماكان 22-10-2009 ئىستانبۇل. تۇركىيە


    Eng axirqi qétim Arman teripidin Thu Feb 25, 2010 5:18 pm da özgertildi, jem'iy 2 qétim özgertildi.

      Hazirqi waqit: Tue May 07, 2024 12:25 am