ۋەتەن
ئەي گۈزەل يارۇ سەنەم
دىلبىرىم جانىم ۋەتەن
بۇ ئاھۇ زارلىرىڭغا
جانىم پىدا بولسۇن ۋەتەن
مىڭ جىنىم بولسا ئەگەر
پىدا قىلسام ۋەتەن ئۈچۈن
يۈز مىڭلىغان قەھرىمانلار
جان پىدا قىلغان ۋەتەن
ئاھ بو ۋەتەن بوپتۇ ئەسىر
ئاھۇ كۆزلۈك جەيلان كەبى
كۆزلىرىدىن قان ئاققۇزۇپ
داد-پەرياد ئۇرغان ۋەتەن
ئاسارەت زەنجىرى ئۈزۈپ
بولغان ئىدىڭ ئەركىن ۋەتەن
شۇم دۈشمەن ياشاتماستىن
ئۆزىگە قۇربان قىلغان ۋەتەن
سەنمۇ بولغان ئىدىڭ دۇنياغا خوجا
ئول زامانلار بولغان ئىدى دۇنيا تىنىچ
شۈم نىيەت دۈشمەن قولىدا
خارلىنىپ ئاھ ئۇرغان ۋەتەن
پىدا بولغاي جانىم دەر
ئالتايدىكى بالىلىرىڭ
جانىغا ھۇزۇر بەرگەن
شۈبھىسىز گۈزەل ۋەتەن
مۇستەقىل بىر يۇرت ئىدىڭ
مىھانلارغا خوش پېئىل
نە بولدى ساڭا ئەمدى
سولدى گۈلۈڭ ئەزىز ۋەتەن
غۇنچە ئىدىڭ بىر كۈنلەردە
ئىچىلمايلا سولدۇڭ بۈگۈن
قارا بوران دەستىدىن
ئىچىلالماي سولغان ۋەتەن
خوش بولۇپ ياشار ئىدىڭ
بۇ مۇستەقىللىق دەستىدىن
يۈرەك باغرىڭ بولدى خاراپ
دۈشمەنگە قۇل بولدۇڭ ۋەتەن
ئۇيقۇنى تاشلا بۈگۈن
ئويغات بالىلىرىڭنى شۇئان
ئازاتلىققا ئاتلىنايلى
جان پىدا بولسۇن ۋەتەن
پىدا قىلغاي ھەر كىشى
سىنى ئازات قىلىش ئۈچۈن
قىزىل قان ھەم جانىنى
باتۇرلارنىڭ جانى پىدا بولسۇن ۋەتەن
ئەي گۈزەل يارۇ سەنەم
دىلبىرىم جانىم ۋەتەن
بۇ ئاھۇ زارلىرىڭغا
جانىم پىدا بولسۇن ۋەتەن
مىڭ جىنىم بولسا ئەگەر
پىدا قىلسام ۋەتەن ئۈچۈن
يۈز مىڭلىغان قەھرىمانلار
جان پىدا قىلغان ۋەتەن
ئاھ بو ۋەتەن بوپتۇ ئەسىر
ئاھۇ كۆزلۈك جەيلان كەبى
كۆزلىرىدىن قان ئاققۇزۇپ
داد-پەرياد ئۇرغان ۋەتەن
ئاسارەت زەنجىرى ئۈزۈپ
بولغان ئىدىڭ ئەركىن ۋەتەن
شۇم دۈشمەن ياشاتماستىن
ئۆزىگە قۇربان قىلغان ۋەتەن
سەنمۇ بولغان ئىدىڭ دۇنياغا خوجا
ئول زامانلار بولغان ئىدى دۇنيا تىنىچ
شۈم نىيەت دۈشمەن قولىدا
خارلىنىپ ئاھ ئۇرغان ۋەتەن
پىدا بولغاي جانىم دەر
ئالتايدىكى بالىلىرىڭ
جانىغا ھۇزۇر بەرگەن
شۈبھىسىز گۈزەل ۋەتەن
مۇستەقىل بىر يۇرت ئىدىڭ
مىھانلارغا خوش پېئىل
نە بولدى ساڭا ئەمدى
سولدى گۈلۈڭ ئەزىز ۋەتەن
غۇنچە ئىدىڭ بىر كۈنلەردە
ئىچىلمايلا سولدۇڭ بۈگۈن
قارا بوران دەستىدىن
ئىچىلالماي سولغان ۋەتەن
خوش بولۇپ ياشار ئىدىڭ
بۇ مۇستەقىللىق دەستىدىن
يۈرەك باغرىڭ بولدى خاراپ
دۈشمەنگە قۇل بولدۇڭ ۋەتەن
ئۇيقۇنى تاشلا بۈگۈن
ئويغات بالىلىرىڭنى شۇئان
ئازاتلىققا ئاتلىنايلى
جان پىدا بولسۇن ۋەتەن
پىدا قىلغاي ھەر كىشى
سىنى ئازات قىلىش ئۈچۈن
قىزىل قان ھەم جانىنى
باتۇرلارنىڭ جانى پىدا بولسۇن ۋەتەن