♥ Arman Unwirsal Munbiri ♥

Would you like to react to this message? Create an account in a few clicks or log in to continue.

    Judun Soqqan Bahar ( Arman )

    Arman
    Arman
    Munber Mesuli
    Munber Mesuli


    Jinsi Jinsi : Male
    Yeshi Yeshi : 34
    Tughulghan Waqti Tughulghan Waqti : 1989-05-25
    Orni Orni : گىرمانىيە
    Yazma Sani Yazma Sani : 129
    Shohriti Shohriti : 374
    Tohpisi Tohpisi : 0
    Hizmiti / Qiziqishi Hizmiti / Qiziqishi : ئۇقۇغۇچى
    Tizimlatqan Waqti Tizimlatqan Waqti : 2010-02-08

    Judun Soqqan Bahar ( Arman ) Empty Judun Soqqan Bahar ( Arman )

    Yollash by Arman Sat Feb 20, 2010 5:47 pm

    جۇدۇن سوققان باھار
    <ھىكايە>


    باھار! ئۇ يازنى چىللاپ كىلىدۇ، باھار كىلىشى بىلەن پۈتكۈل تەبىئەت يېشىل تون كىيىپ، كائىنات قايتىدىن جانلىنىپ كىتىدۇ.
    باھار! قىز مەڭزىنى سۆيۈپ ئۆتكەن مەيىل شامال بولۇپ ناخشىلارغا قوشاق قوشسا، ئىللىقلىغى بىلەن ھەر بىر دىللارنى سۈيۈندۈرۈدۇ.
    ئەپسۇس، ئۇنىڭ ئۆمىرى ئىنتايىن قىسقا بولۇدۇ. ئۇ نورۇزغا ئەمدى خوش دىيىشىگە ياز كىلىپ ئۇنىڭ ئورنىدا ئولتۇرۇدۇ.
    باھار! ئۆزىنىڭ ئاز ۋە ساز بولغىنىدىن پەسىللەرنىڭ گۈزىلى ھىسابلانسا كىرەك.
    ئۈرۈمچىگە ئوقۇشقا چىققان تۇنجى يىلى مەن باھار ئىسىملىك بىر قىز بىلەن تونۇشۇپ قالدىم. ئۇ چېچەن، ئاق كۆڭۈل، كۆيۈمچانلىغى بىلەن مىنى ئۆزىگە مەھلىيا قىلدى. بىز تىزلا چىقىشىپ ئەڭ يېقىن سىرداش دوستلاردىن بولۇپ قالدۇق.مەيلى پۇل مەيلى تاماق بولسۇن سىنىڭ-مىنىڭ دىيىشمەيتتۇق. دائىم ئوخشاش كىيىنىپ يۈرگەچكە، بىر يۇرتلۇق بولغاچقا ساۋاقداشلىرىمىز بىزنى بىر تۇققان ئاچا-سىڭىل ئوخشايدۇ دىيىشەتتى.
    بىر يىل ئاخىرلاشقان يازلىق تەتىلدە مەن باھارنى ئۆيگە تەكلىپ قىلدىم. ئۇ تەكلىپىمدىن ناھايىتى خۇشال بولدى ھەمدە كىچىك سىڭلىسى بىلەن بىرگە كىلىشىنى ئېيتتى.
    ئۇلارغا ئاتاپ ھەرخىل تاماق تەييارلىغانلىغىم ئۈچۈن ئالدىغا نەۋرى ئاكام ئېزىزنى ئەۋەتتىم، ئېزىزنىڭ قولىغا باھارنىڭ بىرپارچە رەسىمىنى تۇتقۇزۇپ، ئۆيگە باشلاپ كىلىشىنى تاپىلىدىم. ئۇزۇنغا قالماي ئېزىز باھارنى باشلاپ كەلدى. ئۇنىڭ كىچىك سىڭلىسىمۇ ئۆزىگە ئوخشاشلا ناھايىتى ئوماق ئىدى. مەن ئۇلارنى قىزغىن كۈتىۋالدىم. بۇ 7-ئاينىڭ ئاخىرلىرى بولۇپ ئۈزۈملەر چېكىلىشكە باشلىغاندى.
    تاماقتىن كېيىن باققا كىرىپ چىكىلگەن ئۈزۈملەردىن تىناپ يىيىشكە باشلىدۇق. ئېزىز بىلەن باھارنىڭ بىر-بىرىگە كۆز بېقىشىپ يۈرگىنى كۆزۈمگە چىلىقتى، ئېزىزمۇ زور كۈچ چىقىرىپ بىزنى ئەڭ چىرايلىق مەنزىرلىك جايلارنى تاماششا قىلدۇردى. تاكى باھار بىزنىڭ ئۆيدىن كەتكىچە ئېزىزمۇ بىزنىڭ ئۆيدىن كەتمىدى.
    ئىككىنجى يىللىق ئوقۇشىمىزمۇ باشلاندى. بىركۈنى باھار تۇيۇقسىز ماڭا ئۆزىنىڭ ئېزىزنى ياخشى كۆرۈپ قالغانلىغىنى، بىزنىڭ ئۆيدىن كىتىپلا ئىككىسىنىڭ تېلىفۇن ئارقىلىق يۈرۈپ قالغانلىغىنى، ئوقۇشقا مېڭىش ئالدىدا ئېزىزنىڭ ئۆزىگە بىرجۈپ ئالتۇن ھالقا ھەدىيە قىلغانلىغىنى ئېيتىپ تۇرۇپ قۇلىقىدىكى قىزىل ياقۇت كۆزلۈك ھالقىسىنى ماڭا كۆرسەتتى. مەن شۇ سۈيۈملۈك دوستۇم ئۈچۈن تەڭلا خۇشال بولدۇم ھەم ئۇلارنىڭ مۇھەببىتىنى مەڭگۈ قوللايدىغىنىمنى ئېيتتىم...
    يىللار قوغلۇشۇپ ئوقۇش ھاياتىمىزمۇ تىزلا ئاخىرلاشتى. باھار بىلەن ئېزىزنىڭ مۇھەببىتى تېخىمۇ چاقنىماقتا، نۇر چاچماقتا ئىدى......
    مەن مەھەللىمىزدىكى بىر باشلانغۇچ مەكتەپكە تەخسىم لەندىم، باھار تېخىچە خىزمەتسىز يۈرەتتى. باھارنىڭ ئۆيى چەت ناھىيەدە بولغاچقا تېخى خىزمەت تەخسىماتى يوق ئىدى. بىركۈنى دەرىسخانىدا دەرىس سۆزلەۋاتسام تۇيۇقسىز ئىشىك چىكىلدى. ئىشىك تۈۋىدە گۈلدەك ئېچىلىپ تۇرغان باھارنى كۆرۈپ خۇشاللىقىمدىن ئۆزۈمنى باسالماي قالدىم. ئارقىدىن ئېزىزمۇ پەيدا بولدى. ئۇلارنىڭ توي قىلىش ئارزۇسى ئۈچۈن مىنىڭمۇ بىر كىشلىك كۈچ چىقىرشىم زۆرۈر بولۇپ قالغاندى. مەن ياردەم قىلىدىغىنىمنى ئېيتىپ دەرىستىن چۈشكەندىن كېيىن ئېزىزنىڭ ئۆيىگە باردىم. ئېزىزنىڭ ئاپىسىغا باھارنى ماختاپ ئۇچۇرۋەتكەن بولساممۇ ئۇ باھارنىڭ ئۆيىنىڭ يىراقلىغىنى ئاڭلاپلا بىر ئېغىزمۇ گەپ قىلمىدى.
    ئاردىن بەش كۈن ئۆتتى، ئاپامنىڭ ئېغىزىدىن ئېزىز بىلەن ئىككىمىزنىڭ توي ئىشى ئۈچۈن تۇرغۇن تاغامنىڭ ئۆيىمىزگە ئەلچى بولۇپ كەلگەنلىگىنى ئاڭلاپ بېشىمدىن تۈتۈن چىقىپ كەتتى، ئاپامغا نۇرغۇن تاتلىق گەپلەرنى قىلىپ، باھاربىلەن ئېزىزنى چۈشەندۈرۈپ ئاران تەستە ئۇنى قائىل قىلدىم. ئېزىزنىڭ ئۆيدىكىلىرى باھارنى ھېچ قوبۇل قىلماي ۋاتاتتى، ئاخىرى ئېزىز باھارنى دەپ ئۆيدىن قاچتى. بۇ پىلاندا مەنمۇ بار ئىدىم. بىر ئايغىچە بالا دەردىدە يىغلاپ ساراڭ بولاي دىگەن ئانا ئوغلى ئۈچۈن باھارنى ئاخرى قوبۇل قىلىدى، بىزمۇ بۇ پىلانىمىزنىڭ ئەمەلگە ئاشقىندىن ناھايىتى خۇرسەن ئىدۇق، ئۇلار ئاخرى توي قىلىپ ۋىسال ئاسمىندا ئۈزۈشكە باشلىدى.
    ئۇزۇن ئۆتمەي مەنمۇ شەھەرگە ياتلىق بولدۇم، خىزمىتىمنىمۇ يۆتكەپ كەتتىم. باھاربىلەن ئانچە ئىزدىشىپ كىتەلمىدىم. ئۇنىڭ بىلەن ئۇچراشقان ۋاقىتلاردا ئالدىراشلا كۆرۈشۈپ كۆڭلىمىزدىكى سىرلىرىمىزنىمۇ تۆكۈشەلمەيتتۇق. نەچچە ئايدىن كېيىن ئۇنىڭ بىلەن بىزنىڭ ئۆيدە كۆرۈشتىم. ئۇنىڭ رەگگى روھى ئانچە ياخشى ئەمەس ئىدى. سورىسام كۈلۈپ تۇرۇپ جاۋاب بەرمەيتتى. ئېزىز بىلەن ياخشى ئۆتىدىغىنىنى پەقەت قېيىن ئاپىسىدىن كۆپ كۆڭلى ئاغىرىغىنىنى ئېيتاتتى. ۋاقىت ئۇزارغانسىرى ئۇنىڭ بىلەن ئارىمىز تېخىمۇ يىراقلاپ كەتتى.
    بۇ قېتىم مەن ئۇنى ئىزدەپ ئۆيىگە باردىم. ئۇنىڭ تاماق قىلىشىغا ئونىماي ئۇنىڭ بىلەن ئۇزۇن مۇڭداشتىم. ئېغىرى ئىشتىن نەچچە قېتىم بالىسى چۈشۈپ كەتكىنىنى، قېيىن ئاپىسنىڭ سىز تېخى كىچىك ئالدىرماي تۇغۇۋالىسىز دىگەن سۆزلىرىنى ئېيتىپ يىغلاپ كەتتى، چىرايىى بۇرۇنقىدىنمۇ تاتىرىپ قالغاندى. ئۇنىڭغا شۇنداق ئىچىم ئاغىرىپ قالدى. يەلكەمنى كۈچلۈك بىر تاغ باسقاندەك، باھارغا يۈز كىلەلمەيدىغاندەك ھىسىياتتا ئۇنىڭغا ياخشى تىلەكلەرنى تىلەپ ئۇنىڭ بىلەن خوشلاشتىم.
    مەن بالىلىق بولۇپ نەچچە يىلدىن كېيىنمۇ ئۇ بالىلىق بولالمىدى. ئۇنى ھەرقېتىم ئويلىسام كۆڭلۈم بەكمۇ يېرىم بولاتتى. ئۇنىڭ كىيىملىرىمنى كۈزەتكەن ھالىتىگە، نەچچە يىلنىڭ ئالدىدا كىيگەن، رەڭگى ئۆچكەن كىيىمىگە قاراپ ئىچىمدە ئۆزۈمگە سۆزلەيتتىم.< ئۇنى ئۆيگە چىللىمىسام بوپتىكەن. ئېزىز بىلەن تونۇشمىسا بوپتىكەن. ئۇ ئېزىز بىلەن تونۇشمىغان بولسا مەندىنمۇ ياخشى ياشىغان بولار ئىدى. ئالدىراپ توي قىلمىغان بولسا ئازراق بېلىم ئاشۇرۇپ خىزمىتىمۇ ھەل بولار ئىدى. ياخشى قېيىن ئاپىمۇ ئۇچرىغان بولاتتى.>.
    بىر ئاي دوختۇردا يېتىپ قالدىم. باھارنىڭ كەلمىگىنىدىن كۆڭلۈم بەكمۇ يېرىم بولدى. ئېزىز بولسىمۇ كەلمىگەندى. دوختىردىن چىقىپلا ئېزىز بىلەن باھارنىڭ ئاجىرىشىپ كەتكىنىنى ئاڭلاپ يۈرىكىم ئېچىشىپ كەتتى.
    ئېزىزدىن سورىسام مەن ئۇنى ياخشى كۆرىمەن. ئاتا-ئانام ئاجىرشىپ كەت ئۇ تۇغماسكەن دەپ زورلاپ تۇرىۋالدى دەيتتى. باھارنىڭ تارتقان ئازاپلىرى ئۈچۈن ياش تۆكتىم. ئۇ قېيىن ئاتا-قېيىن ئاپا، ئىككى يەڭگىسىنىڭ كىيىملىرىنى يۇيۇپ، ئاش تامىقىنى ئىتەتتى. قېيىن ئاپىسىنىڭ سامسا خانىسىغا قارىشاتتى. نەچچە قېتىم چۈشۈپ كەتكەن بالىسى ئۈچۈن يىغلايتتى. ئەجىبا ئېزىز بۇلارنى بىلمەس بولغىيمىدى؟ ئوغۇل بالا دىگەن ئاجايىپ بولىدىكەن دىسە. ئۆلىمەن دەپ تۇرۇپ ئالغان ئايالىنى قويۋىتىشكە چىدايدىكەن.
    ئېزىزغا نەچچە قېتىملاپ يارىشىپ قېلىشنى ئېيتتىم. ئۇمۇ ئۆزىنىڭ يارىشىپ قالغۇسى بارلىغىنى ئېيتاتتى. ئېزىزنىڭ ئاتا- ئانىسى بولسا ھازىرغىچە مەندىن رەنجىپ يۈرەتتى. يۈزۈمدىن-يۈزۈمگە< سىز ئېزىزغا نەدىكى بىرىنى تونۇشتۇرۇپ، بولمىسا ئېزىزمۇ بەختىنى تاپقان بولاتتى. ئۇ بىر نىمە بالىمىزنىڭ بېشىنى ئېلىپ كەتتى> دەيتتى. ئۇلارنىڭ سۆزلىرىگە ۋاقىراپ تۇرۇپ <باھاردەك ياخشى كېلىن نەدە> دەپ جاۋاپ بەرگۈم بولسىمۇ، ئۆزۈمنى تۇتىۋىلىپ سىلەرمۇ بىركۈنى ئەشۇ ئوماق، ساددا، ئاق كۆڭۈل باھارنىڭ قەدرىگە يىتىپ قالارسىلەر دەيتتىم. شۇنداقلا ئۇ جۇدۇن سوققان باھارىمغا چىن كۆڭلۈمدىن بەخىت تىلەيتتىم.

    تامام
    مەيلى سەن قەيەردە بول، ساڭا مەڭگۈ بەخىت تىلەيمەن.................

      Hazirqi waqit: Fri Apr 26, 2024 4:51 pm