♥ Arman Unwirsal Munbiri ♥

Would you like to react to this message? Create an account in a few clicks or log in to continue.

    7 Dane Dunyadiki Eng Chungqur Azgal ( Arman )

    Arman
    Arman
    Munber Mesuli
    Munber Mesuli


    Jinsi Jinsi : Male
    Yeshi Yeshi : 34
    Tughulghan Waqti Tughulghan Waqti : 1989-05-25
    Orni Orni : گىرمانىيە
    Yazma Sani Yazma Sani : 129
    Shohriti Shohriti : 374
    Tohpisi Tohpisi : 0
    Hizmiti / Qiziqishi Hizmiti / Qiziqishi : ئۇقۇغۇچى
    Tizimlatqan Waqti Tizimlatqan Waqti : 2010-02-08

    7 Dane Dunyadiki Eng Chungqur Azgal  ( Arman ) Empty 7 Dane Dunyadiki Eng Chungqur Azgal ( Arman )

    Yollash by Arman Mon Feb 22, 2010 5:42 pm

    بۇ ئازگاللارنىڭ كۆپىچىسى ئىنسانىيەتنىڭ يەنى ئەمگەكچى خەلقنىڭ مەھسۇلى،تۆۋەندىكى رەسىملەرگە قاراڭ:
    7 Dane Dunyadiki Eng Chungqur Azgal  ( Arman ) 5C0CADC1AF77863A6CEDFBCC2CCECAFE
    روسىيىنىڭ شەرقى سىبىرىيە رايونىدىكى بۇ ئازگال-دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭقۇر ئازگال دەپ نام ئالغان بولۇپ، ئۇنىڭ چوڭقۇرلىقى525مېتىر، ئاغزىنىڭ دىئامېتىرى 1200مېتىر كېلىدۇ. بۇ ئازگال بەك چوڭقۇر بولغانلىقتىن ئۇنىڭ ئۈستىدە خۇددى دېڭىزدىكى قاينامدەك ھاۋا ئېقىمىدىن قاينام ھاسىل بولۇپ تۇرىدۇ، بۇنىڭ ئۈستىدىن تىك ئۇچار ئايرۇپىلانلارنىڭ ئۇچۇپ ئۆتىشى چەكلەنگەن بولۇپ "سۈمۈرۈپ"ئېلىپ كىرىپ كېتىش ئېھتىماللىقى چوڭ. بۇ ئازگالنىڭ ئىچكى دىۋارىغا قارىسىڭىز بۇرمىسىمان شەكىلدىكى يول بولۇپ ئېگىزدىن قارىسىڭىز بۇ ئازگالنىڭ ئۆزى خۇددى بىر قاينامغا ئوخشايدۇ. مۇشۇ يول بىلەن بىر ماشىنىنىڭ بۇ ئازگالغا چۈشۈپ قايتىپ چىقىش ئۈچۈن 2 سائەت ۋاقىت كېتىدۇ.
    7 Dane Dunyadiki Eng Chungqur Azgal  ( Arman ) CB70A1A593DB75DED3FF9D3CB82E9832
    بۇ ئازگال دۇنياغا مەشھۇر بولغان جەنوبى ئافرىقىدىكى ئالماس كانىدا بولۇپ، بۇ ئازگال 1870-يىلى ئېچىلىشقا باشلىغان1914-يىلى تاقىۋېتىلىشكىچە بولغان ئارلىقتا 3 توننىغا يېقىن ئالماس مۇشۇ ئازگالدىن قېزىلىپ پىششىقلاپ ئىشلەنگەن. ئۇنىڭ چوڭقۇرلىقى 1097مېتىر، ئاغزىنىڭ دىئامېتىرى 500مېتىر ، ھازىر بۇ جاي نۇرغۇن ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلىدىغان ساياھەت ئورنى بولۇپ قالدى.
    7 Dane Dunyadiki Eng Chungqur Azgal  ( Arman ) B5DB85B5DE86EC1541DFEC3F85C1F3DC
    بۇ ئازگال كان ئېچىش سەۋەبىدىن بولغان ئەمەس بەلكى بىر خىل سۇ ئىنشائات تۈگۈنى بولۇپ ئورنى كالفورنىيە شىتاتىنىڭ شىمالىدا، بۇ "ئازگال"نىڭ رولى سۇ ئامبىرىنىڭ سۇ ساقلاش سىغىمى ئەڭ يوقۇرى چەككە يەتكەندە ئارتۇق سۇنى مۇشۇ "ئازگال" ئارقىلىق سىرتقا چىقىرىۋېتىش بولۇپ ، بۇ "ئازگال" پۈتۈنلەي ئوچۇق ھالەتتە چىقىپ كېتىدىغان سۇ مىقدارى سىكونتىغا 1370 مېتىركۇپقا يېتىدىكەن. 7 Dane Dunyadiki Eng Chungqur Azgal  ( Arman ) A7463E1FCC661C1621794BFD153B4F93 دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ئۈستى ئوچۇق مىس كېىنىدىن شەكىللەنگەن بۇ ئازگال ئامرىكىد بولۇپ ئۇنىڭدىن چىققان مىس زاپىسى پۈتۈن ئامرىكا بويىچە ئومومى مىس زاپىسىنىڭ ئۈچتىن بىر قىسمىنى ئىگەللىگەن. ئاڭلاشلارغا قارىغاندا بۇ ئازگالنىڭ ئورنى ئەسلى بىر تاغ ئىكەندۇق، كىشىلەرنىڭ 100يىلغا يېقىن ۋاقىت ئىچىدە توختاۋسىز ئېچىشىدىن بۈگۈنكىدەك چوڭقۇرلىقى نەچچە مىڭ مېتىر ،ئاغزىنىڭ دىئامېتىرى 3300مېتىر بولغان چوڭقۇر ئازگالنى شەكىللەندۈرگەن. 7 Dane Dunyadiki Eng Chungqur Azgal  ( Arman ) CEC5ED798BF57F80D8838D54FC45C2CC دېڭىز ئاستىدىكى بۇ چوڭقۇر ئازگالنى دېڭىز يۈزىدە تۇرۇپمۇ كۆرگىلى بولىدۇ، ئۇنىڭ يۇمۇلاقلىقى چەمبەرگە يېقىنلىشىدۇ بەك چىرايلىق ، چوڭقۇرلىقى145مېتىر، بۇ ھازىر ساياھەت ئورنى بولۇپ قالدى. 7 Dane Dunyadiki Eng Chungqur Azgal  ( Arman ) EE642D865F8040B9CCBB59EC8E9E287E كانادادىكى بۇ كان قۇدۇقىنىڭ ئىگەللگەن كۆلىمى ئىنتايىن چوڭ بولۇپ،ھەتتا ئۇنىڭ بىر ئايرۇپىلان ئۇچۇش يولىمۇ بار. 7 Dane Dunyadiki Eng Chungqur Azgal  ( Arman ) AA2AAF3D5CB0BC5965BD131F67E5CF36 بۇ ئازگال يوقارقىلارغا ئاخشىمايدۇ، گىۋاردىمالادىكى بۇ ئازگال يەر ئاستى سۇ يولىنىڭ ئولتۇرۇشۇپ كېتىشىدىن شەكىللەنگەن بولۇپ ۋەقە بولغان ۋاقىتتا ئون نەچچە ئائىلىلىكنى ھەم 3 كىشىنى تىرىك يۇتۇپ كەتكەن.

      Hazirqi waqit: Thu May 09, 2024 6:19 pm