مەھبۇسسەن يۇرسەڭمۇ ئەركىن ئازادە!
پالانغان يىراققا ،يەككە يىگانە!
كۆزلىرىڭ ياشلانغان،يۈرىكىڭ ئىزىك!
ۋەتەنگە تەلمۈرۈپ ياشايسەن كۈندە!
ئاڭلانماس ھىچ يەردە ئۇيغۇر ناۋاسى!
تىپىلماس ھىچ يەردە ئۇيغۇر تاماقى!
باقساڭمۇ تەلمۈرۈپ ئەتراپقا قانچە
كۆرۈنمەس ھىچ يەردە ئۇيغۇر سىماسى!
ئەگەردە ئاڭلىساڭ ۋەتەندىن خەۋەر!
يۇرىكىڭ سوقاردۇر باشقىچە ئىغىر!
تىلەيسەن ئامانلىق،قىلىپ تىلاۋەت!
كۈنلىرىڭ ئۆتەدۇر يىغلاپ، مۇساپىر!
كۆرمىگەي ھىچكىشى سەن كەبى ئازاپ!
چەكمىگەي ھىچكىشى سەن كەبى ھەسرەت!
تىلەيسەن ئاللادىن،قىلىپ ئىلتىجا،
كەتسە گەر كەلمىگەي!قايتا بىر نۆۋەت!