سۈكۈتتىكى روھ
تەسەللى بەرمەكچى بولىدۇ خىيال،
پەرىشان كۆڭلۈمگە ھەر كۈنى ئاخشام.
تولۇنئاي يولۇمغا تۆكەر كۆمۈش نۇر،
قەلبىمدە بۇرۇقتۇم، لېكىن شۇ ئاخشام.
قارايمەن ئەتراپقا قارايمەن ئۇزاق،
ئۇرۇلار شاماللار يۈزۈمگە لەرزان.
كۈيلىرىم تارقالسا بوشلۇقنى يېرىپ،
سۆيگۈدىن لەرزىگە كېلەرمۇ جاھان.
بۇ ئاخشام مەن ئۈچۈن تاڭ ئاتماس كېچە،
سۈكۈتتە تۇرىمەن سەھەرنى كۈتۈپ.
"دەرتلىرىم ئەلۋىدا"دىگۈم كېلىدۇ،
ئوپۇقتىن كەلسە گەر بىر ناخشا پۈتۈپ.
پەرىشان كۆڭلۈمگە ھەر كۈنى ئاخشام.
تولۇنئاي يولۇمغا تۆكەر كۆمۈش نۇر،
قەلبىمدە بۇرۇقتۇم، لېكىن شۇ ئاخشام.
قارايمەن ئەتراپقا قارايمەن ئۇزاق،
ئۇرۇلار شاماللار يۈزۈمگە لەرزان.
كۈيلىرىم تارقالسا بوشلۇقنى يېرىپ،
سۆيگۈدىن لەرزىگە كېلەرمۇ جاھان.
بۇ ئاخشام مەن ئۈچۈن تاڭ ئاتماس كېچە،
سۈكۈتتە تۇرىمەن سەھەرنى كۈتۈپ.
"دەرتلىرىم ئەلۋىدا"دىگۈم كېلىدۇ،
ئوپۇقتىن كەلسە گەر بىر ناخشا پۈتۈپ.