ھەسەتخور
گۈلنىڭ بولغاچ تىكىنى،
قوغدار يۇمران غۇنچىنى.
ئىنسان تۇرۇپ ئۆز-ئارا،
سانجار زەھەر تىغىنى.
كۆڭلى قارا ھەسەتخور،
ئويلار ئورا كولاشنى،
ھىچكىم ئاڭا يارىماس،
كۆرمەس ھەتتا قۇياشنى.
كامال تاپسا ئاقىللار،
زەپەر قۇچسا باتۇرلار،
تۆھمەت توقۇپ ئۈستىدىن،
لەنەت كېپەن ساتادۇر.
يىڭنە چاغلىق ئىش قىلماي،
ئىشچان مەرتنى ياراتماي،
ئۆزى يۈرۈپ گوداڭدا،
ئىتتەك سۆڭەك غاجادۇر.
ئابرۇي بىلىپ ھەسەتنى،
شەيتان بىلەن دوست بولۇر.
ھەقنىڭ سوتى ئالدىدا،
ھامان بىر كۈن مات بولۇر.
گۈلنىڭ بولغاچ تىكىنى،
قوغدار يۇمران غۇنچىنى.
ئىنسان تۇرۇپ ئۆز-ئارا،
سانجار زەھەر تىغىنى.
كۆڭلى قارا ھەسەتخور،
ئويلار ئورا كولاشنى،
ھىچكىم ئاڭا يارىماس،
كۆرمەس ھەتتا قۇياشنى.
كامال تاپسا ئاقىللار،
زەپەر قۇچسا باتۇرلار،
تۆھمەت توقۇپ ئۈستىدىن،
لەنەت كېپەن ساتادۇر.
يىڭنە چاغلىق ئىش قىلماي،
ئىشچان مەرتنى ياراتماي،
ئۆزى يۈرۈپ گوداڭدا،
ئىتتەك سۆڭەك غاجادۇر.
ئابرۇي بىلىپ ھەسەتنى،
شەيتان بىلەن دوست بولۇر.
ھەقنىڭ سوتى ئالدىدا،
ھامان بىر كۈن مات بولۇر.