♥ Arman Unwirsal Munbiri ♥

Would you like to react to this message? Create an account in a few clicks or log in to continue.

    Uyghur Tili ( Arman )

    Arman
    Arman
    Munber Mesuli
    Munber Mesuli


    Jinsi Jinsi : Male
    Yeshi Yeshi : 34
    Tughulghan Waqti Tughulghan Waqti : 1989-05-25
    Orni Orni : گىرمانىيە
    Yazma Sani Yazma Sani : 129
    Shohriti Shohriti : 374
    Tohpisi Tohpisi : 0
    Hizmiti / Qiziqishi Hizmiti / Qiziqishi : ئۇقۇغۇچى
    Tizimlatqan Waqti Tizimlatqan Waqti : 2010-02-08

    Uyghur Tili  ( Arman ) Empty Uyghur Tili ( Arman )

    Yollash by Arman Sat Feb 20, 2010 10:46 am


    بىل شۇنى ، ئۇيغۇر ئۈچۈن پۈتمەس گۆھەر ئۇيغۇر تىلى ،
    مەڭگۈ پاتماس زەر قۇياش ، نۇرلۇق قەمەر ئۇيغۇر تىلى ،
    بىپايان تىل كۆكىدە چولپان ، ئۈكەر ئۇيغۇر تىلى ،
    مەنىلەرگە باي ، تېرەندۇر شۇ قەدەر ئۇيغۇر تىلى ،
    بولدى تارىختىن بېرى بىزگە پەدەر ئۇيغۇر تىلى .

    ئانا تىل ھەردەم قوۋۇم - مىللەت ئۈچۈن روھ تۈۋرۈكى ،
    ئانا تىل پەن - مەرىپەت ئالماشتۇرۇشنىڭ كۆۋرۈكى ،
    ئانا تىل چوڭكىچىكنىڭ يۈرىكى ، تاغ يۆلىكى ،
    ئانا تىل ۋاستە - قۇرال ئالاقىدە قەلىب ئەينىكى ،
    بىزنى قۇچتۇرغان جىمى ئىشتا زەپەر ئۇيغۇر تىلى .

    پەنگە ئاشىق - بىقارار قىلدى مېنى دىلبەر تىلىم ،
    تارتتى رايىمنى ئۆزىگە ھەرقاچان ئەنبەر تىلىم ،
    ئەلگە دىل رىشتىمنى چاتتى بال - شېكەر ، كەۋسەر تىلىم ،
    بولدى ئەل دۈشمەنلىرگە تىغ - تەبەر ، نەشتەر تىلىم ،
    ھەممىمىزنى قىلدى دائىم بەھرىۋەر ئۇيغۇر تىلى .

    «ئا» بىلەن كىردى ئېغىزغا ، تىل - زۇۋانغا مەڭگۈ تەم ،
    قىلدى تىل ئاقىل ، نادانلارغا بېرىپ ئىدراكۇم پەم ،
    تىل چېچىلغاننى يىغىپ قىلدى ھامان بىر يەرگە جەم ،
    تىل بىمار ، ئاجىز - ئورۇققا ئەم - داۋا ، ئاچلارغا يەم ،
    خاسىيەتلىك تىلتۇمار ، قالقان - سىپەر ئۇيغۇر تىلى .

    يۈرۈكۈمگە كەلدى سۆزلەپ مۇشۇ تىلدا جان بوۋام ،
    مەن ئىجاد ئەتتىم مۇشۇ تىلدا ، قىلىپ پەرۋاز داۋام ،
    مۇشۇ تىلدا سايرىدى بۇلبۇل كەبى ھەقدار بالام ،
    مۇشۇ تىل بەردى چىدام ، مەردلىك ، ۋاپادارلىق مۇدام ،
    قان قېرىنداشلارغا رىشتە ، جانجىگەر ئۇيغۇر تىلى .

    سۇ بېرىپ ياشناتتى بىزنى ئانا تىل - ئالتۇن بۇلاق ،
    ئۇ - چىراغ ، پەرۋانە بىز ، ھەرگىزمۇ كەتمەيمىز يىراق ،
    ئانا تىل يىلتىز ، ئوزۇق ئالغۇچى بىز - نوتا - ئۇلاق ،
    ئانا تىلدا دەرىس ئېلىپ ، تاپتۇق ئەقىل ، سەمرىپ قۇلاق ،
    بىزگە پۈتمەس كان ، خەزىنە شام - سەھەر ئۇيغۇر تىلى .

    قويدى تاڭ دۇنيانى شۇ تىلدا قىلىپ بۇلبۇل ناۋا ،
    تاپتى شۇ تىلدا پۈتۈلگەن كۈي - غەزەل يۈكسەك باھا ،
    ھەر تەرپتىن ياغدى ئالقىش ، « مىڭ ياشا ! » دېگەن سادا ،
    مۇشۇ تىل شۆھرەتكە نائىل ئەيلىدى ، سالدۇق ساما ،
    ئىپتىخارغا پۈركىدى ئۇيغۇرنى زەر ئۇيغۇر تىلى .

    شاھ مۇقامنى مۇشۇ تىلدا ئاڭلىدى ئەھلى جاھان ،
    مۇشۇ تىل دىللارنى دىلغا ئۇلىغان رىشتە ھامان ،
    مۇشۇ تىل بىرلە يۈسۈپ ، ھەزرەت نەۋائىي تاپتى شان ،
    مۇشۇ تىلغا جان بېرىپ مەھمۇد بوۋام تۈزدى دىۋان ،
    مەڭگۈ ئەڭگۈشتەر ، يېزىشتا شاھ ئەسەر ئۇيغۇر تىلى .

    مۇشۇ تىل بىزگە جاھاندا تەڭدىشى يوق ، بىباھا ،
    مۇشۇ تىل بىرلە بىلىپ يەتتۇق نېمە توغرا ، خاتا ،
    مۇشۇ تىل مەڭگۈ قەدىردان ، مېھرى ئاتەش جان ئانا ،
    مۇشۇ تىلنىڭ شۆھرىتىنى قىل ھىمات ، جاننى ئاتا ،
    پىر بولۇپ بىرگە ئۆگـەتتى كەسىپ - ھۈنەر ئۇيغۇر تىلى .

    ئانا تىل قالغان ئانامنىڭ ئانىسىدىن يادىكار ،
    ئانا تىلغا يۇغۇرۇلغان چىن غورۇر ۋە ئىپتىخار ،
    ئانا تىلىنى ئاڭلىسام جۇتنى سېزەرمەن گۈلباھار ،
    ئانا تىل بار - ئەلمۇ بار ، ھېكمەت ، مۇھەببەت ... ھەممە بار ،
    بىزگە ئاش - ناندەك زۆرۈردۇر ، ھەمسەپەر ئۇيغۇر تىلى .

    بولغۇسى قەدرىم پاخال - خەس ، بولمىسا گەر ئۆز تىلىم ،
    ئۆز تىلىم بار ، ئاي ، قۇياشتەك تۇرىدۇ پارلاپ دىلىم ،
    بارمۇ مەندەك باي جاھاندا ، ئۆتتى شاد ھەر ھاي ، يىلىم ،
    ئۆز تىلىمدا بۇ ھايات دەرياسىدىن سۈزدۈم بىلىم ،
    ماڭا ئۇستاز ، رەھنەما چىن ئىچ كۆيەر ، ئۇيغۇر تىلى .

    خىسلىتى يازغانغا پۈتمەس ، تىل ھايات ، بىزمۇ ھايات ،
    مۇشۇ تىل بەركاتىدىن تاپتۇق روناق ، ئەل يۇرت ئاۋات ،
    كۈنسېرى ئۆرلەشكە بولدى مۇشۇ تىل تالماس قانات ،
    مەن بۇڭا دىل بەرگىنىمچۈن ، ئارمىنىم بىخ ياردى شاد ،
    ئۆتتى مەيلىمنى ، بېرىپ دىل ھۆددىگەر ئۇيغۇر تىلى .

    تىزگىنىن چىڭ تۇت ۋاقىت تۇلپارنىڭ ، باش قاشلىما ،
    بولسا بىل كۆپ تىل ، ئەقىل ، كۈچ تاپ ھامان ، يانپاشلىما ،
    بۇ قۇرالدىن پايدىلان ياخشى ، كېيىن كۆز ياشلىما ،
    شاھ بولۇپ كەتسەڭمۇ ، ئەمما ئۆز تىلىڭنى تاشلىما ،
    قىلغىنى بىزنى مۇزەپپەر ، مۆتىۋەر ئۇيغۇر تىلى .

    ھەر كىشى كۆپ زوق ئالار سۆز سۆزلىسە ئۆز تىلىدا ،
    شۇڭا مەن ئانا تىلىمغا قىلىمەن چىن ئىقتىدا ،
    ئانا تىلسىز گال ، كېكەچ مەن ، بولىمەن جاندىن جۇدا ،
    چىن يۈرەكتىن ئەيلىدى ئابدۇرېھىم مۇنداق نىدا :
    سۈيىدە ئاق ، ئوتىدا كۆي ! دۇر - گۆھەر ئۇيغۇر تىلى !....



      Hazirqi waqit: Sat Apr 27, 2024 8:08 pm