♥ Arman Unwirsal Munbiri ♥

Would you like to react to this message? Create an account in a few clicks or log in to continue.

    Rastqa Aylanghan Soz ( Arman )

    Arman
    Arman
    Munber Mesuli
    Munber Mesuli


    Jinsi Jinsi : Male
    Yeshi Yeshi : 34
    Tughulghan Waqti Tughulghan Waqti : 1989-05-25
    Orni Orni : گىرمانىيە
    Yazma Sani Yazma Sani : 129
    Shohriti Shohriti : 374
    Tohpisi Tohpisi : 0
    Hizmiti / Qiziqishi Hizmiti / Qiziqishi : ئۇقۇغۇچى
    Tizimlatqan Waqti Tizimlatqan Waqti : 2010-02-08

    Rastqa Aylanghan Soz ( Arman ) Empty Rastqa Aylanghan Soz ( Arman )

    Yollash by Arman Sun Feb 21, 2010 12:32 pm

    راستقا ئايلانغان سۆز



    پاتىمە ئانىسى بىلەن دادىسىنىڭ تۇپراق بىشىغا كەلدى . ئۇلار قايتىدىغان چاغدا پاتىمە ئانىسىغا :
    - ئانا ، قىز دا دىسىنىڭ يىنىدا ياتسا بولامدۇ ؟
    بۇگەپنى ئاڭلاپ ئانىسىنىڭ يۇرىگى جىغغىدە قىپ كەتتى .
    - ئوش~! داداڭنىڭ ئۆلگىنى ئاز دەپ ، سەنمۇ ئۆلۇمنىڭ گىپىنى قىلىۋاتامسەن ؟ ئاغزىمغا كەلدى دەپ دەۋەرمەيدىغان ، ئاغزىڭدىن سائەت چىكەتمىسۇن يەنە .
    پاتىمە گەپ قىلماي ئانىسىنى قولتۇقلاپ ماڭدى . ئۇلار بىر ئوچۇق گۆرنىڭ ئالدىغا كىپ قالدى . پاتىمە توختاپ ئىچىگە قاراپ تۇرۇپلا قالدى . ئانىسى ھەيران قالدى.
    - نىمىگە قاراۋاتىسەن ؟
    - ئانا ، بۇ گۆردە ئادەم يوقكەن . كىرىپ يىتىپ باقايمىكىن ، ھايات چىغىمدا كىرىپ يىتىپ سىناپ بىقىش ئارزۇيۇم بارتى . ماقۇل دىگىنە ~!
    بۇ چاغدا بىر قىرى موماي ئۇلارنىڭ يىنىغا كەلدى.
    -قىزىم ، سىز ئۆلمەي تۇرۇپ گۆردە ياتماقچىمۇ ؟
    - شۇنداق ، مىنىڭ بەكمۇ سىناپ باققىم بار ~!
    ئانىسى بۇ گەپنى ئاڭلاپ يۇرىكى ئىغىشقا باشلىدى .
    - ئاغزىڭنى يۇم~! نىمە قالايمىقان جۆيلىسەن ، مىنى سىقىلىپ ئۆلسۇن دەمسەن ؟
    -ئانا........~!
    - ماڭە كىتىمىز ~!
    ئانا پاىمەنىڭ قولىدىن تۇتۇپ تىز قەدەم بىلەن مىڭىشقا باشلىدى . موماي ئۇلارغا بىر ئاز قاراپ تۇرغاندىن كىيىن :
    - قىزىم~! سىز چوقۇم مۇرادىڭىزغا يىتىسىز ~! قاراپ تۇرۇڭ ، بىر ھەپتىدىن كىيىن ئۆلمەي تۇرۇپ گۆرگە كىرىپ ياتىسىز~!
    بۇ گەپنى ئاڭلاپ ئانىسىنىڭ ئەرۋايى ئۇچتى .
    - ئۆزەڭ كىرەرسەن ئالاجوقۇ قىرى . ئۇ ئىچىدە بىر نىمىلەرنى دەپ پىچىرلاپلا كەتتى . 2كۈن ئۆتۇپ بىر ئاخشىمى پاتىمە جۆيلۇپ ئورنىدىن تۇرۇپ، ئىشىكنى ئىچىپ تالاغا چىقتى . بۇ دەل ناماز بامدات ۋاختى ئىدى . ئۇ خۇدىنى بىلمىگەن ھالدا كوچىدا كىتىپ باراتتى ئالدىغا مەسچىتنىڭ ئىمامى ئۇچراپ قالدى.
    - قىزىم ، بۇنچە سەھەردە نەگە ماڭدىڭىز ؟
    پاتىمە ئىمامغا سىنچىلاپ بىر قارىۋەتكەندىن كىيىن:
    - ئىشىڭنى قىلە قىرى~~~~!
    دەپلا سىلكىپ كىتىپ قالدى ، ئىمام بۇنىڭدىن تولىمۇ ھەيران قالدى. ئۇ مىڭىپ- مىڭىپ ئاخىرى تاختا كۆۋرۇككە يىتىپ كەلدى . قەبرىستانلىققا كىلىپلا ئۇنىڭ كاللىسى سىلكىنىپ كەتتى . ئۇ ئۆزىنىڭ تۇپراق بىشىغا كەپقالغانلققىدىن تولىمۇ ھەيران قالدى . ئۇ قورققان پىتى ئۆيىگە يۇگۇرۇپ كەلدى .
    ئانىسى ئۇنىڭ تالادىن يۇگۇرۇپ كىرگىنىنى كۆرۇپ ھەيران قالدى .
    - ھەي~! قاق ئەتىگەندە تالاغا نىمىگە چىققانتىڭ ؟ ۋوي ، چىرايىڭ نىمانداق تاتىرىپ كەتتى ؟
    پاتىمە گەپمۇ قىلماي ھۇجۇر ئۆيىگە كىرىپ كەتتى . ئانىسى بۇنىڭدىن سەل ھەيران قالغان بولسىمۇ ،ئۇنىڭ كۆزىگە كىرىۋىلىشنى خالىمىدى . ئارىدىن بىر ھەپتە ئۆتتى . سەھەر بامدات ۋاختى بىلەن پاتىمە كۆچىنى سۇپۇرگىلى چىقتى . ئۇ ئىشىكنى ئىچىۋىدى، ئالدىدا چاچلىرى ئاقىرىپ كەتكەن ، ئۇچىسىغا ئاپئاق كۆڭلەك كىيگەن ، بويى ئىگىز ، تىلى قورسىقىغا ساڭگىلاپ چۇشكەن ، ئىنتايىن بەتبەشىرە بىر ئادەمنى كۆردى . ئۇ شۇ جايدىلا ھۇشىدىن كەتتى . ئۇنىڭ يۇرىكى سوقۇشتىن توختىدى . بىر ھازادىن كىيىن ئانىسى چىقىپ پاتىمەنى كۆرىدى . پاتىمەنىڭ يۇرىكى توختاپ قالغاچقا ئانىسى ئۇنى ئۆلدى دەپ بىلىپ ھازا ئىچىپ يىغلاشقا باشلىدى. پاتىمەنىڭ مىيىتى پىشىن بىلەن يەرلىكىگە قويۇلدى . ئۇ دادىسىنىڭ يىنىغا دەپنە قىلىندى. چۇنكى بۇ ئۇنىڭ ئارزۇيى ئىدى.
    بىچچارە ئانىنىڭ يۇرىكى پىچاق بىلەن تىلىغاندەك پارە-پارە بولۇپ كەتتى . ئۇ ئاخرى ئاشۇ بىرتاللا قىزىدىنمۇ ئايرىلىپ قالدى. كەچ ناماز شام ۋاختى بولغاندا پاتىمەنىڭ يۈرەك سوقۇشى ئەسلىگە كەلدى. بىر ۋاقىتتىن كىيىن ئاخىرى كۆزىنى ئاچتى . ئۇ قاتتىق چۆچۇپ كەتتى . ئۆزىنىڭ قانداق بولۇپ ، بۇ قەبرىگە كىرىپ قالغانلىقىدىن ھەيران قالدى . ئۇ دادىسىنىڭ جەسىتىنى كۆرۇپ قۇرققىنىدىن قاتتىق ۋاقىرىۋەتتى . قورقۇنجىلىقتا پۇت - قولىدىمۇ ماغدۇر قالمىدى.
    - ئادەم بارمۇ ~~~~~~؟! ئادەم بارمۇ~~؟! قۇتۇلدۇرۇڭلار~~~~~~~~~؟!
    ئۇ ئۇدا بىرقانچە قىتىم توۋلىغان بولسىمۇ ھىچقانداق ئىنكاس بولمىدى . ئاخىرى ئۇتىرناقلىرى بىلەن قەبرىنىڭ ئاغزىنى تاتلاشقا باشلىدى. تاتىلاۋىرىپ ئۇنىڭ ھەممە تىرناقلىرى چىقىپ كەتتى . قان ئۇنىڭ ئاپئاق كىپىنىنى پۈتۇنلەي قىزىلغا بويىۋەتتى . قان كۆپ چىقىش ۋە نەپەس يىتىشمەسلىك سەۋەبىدىن ئۇ ئاخىرى جان ئۇزدى . شۇكۇنى كىچىسى بۇ ئەھۋال پاتىمەنىڭ ئانىسىنىڭ چۇشىگە ئەينەن ئايان بولدى . « ئانا~~~~~~~~~!» پاتىمەنىڭ چاقىرىغان ئاۋازى بىلەن تەڭ ئانىسىمۇ چۆچۇپ ئويغۇنۇپ كەتتى. تاڭ ئىتىشى بىلەن ئۇ قىينى ئىنىسىنى ئىلىپ قەبرىستانلىققا چىقتى. ئۇلار گوكالارنى تىپىپ قەبرىنى ئاچقۇزدى. ھەممەيلەن شۇ جايىدا تۇرۇپلا قالدى. ئۇ لار نىڭ ئاغزىغا «توۋا» دىن باشقا سۆزكەلمىدى . قەبرىنىڭ تاتلانغان يىرى ، پاتىمەنىڭ قانغا مىلىنىپ ياتقان ھالىتىغا قارىسا ئادەمنىڭ يۇرىكى ھەقىقەتەن ئىيچىشاتتى . پاتىمەنىڭ ئانىسى قىزىنى بالدۇر دەپنە قىلىۋەتكەنلىكىدىن قاتتىق پۇشايمان قىلدى . شۇ چاغدا ھىلىقى موماي پاتىمەنىڭ ئانىسىنىڭ كۆزىگە كۆرۇندى . ئانا تەقدىرگە تەم بىرىپ ، تۇپراق بىشىدىن ئايرىلدى. قىزمۇ ئاخىرى مۇرادىغا يەتتى . ئەمما ئۇ مۇرادىغا بۇنداق ئۇسسۇلدا يىتىپ قىلىشنى ئويلاپمۇ باقمىغان ئىدى .

      Hazirqi waqit: Tue May 07, 2024 5:59 am