يامان بولىدۇ
قاتتىق كۈلمەڭ، يامان بولىدۇ،
سۈرمە سۈرمەڭ، يامان بولىدۇ.
ئىچىپ قويماڭ، يامان بولىدۇ،
يېقىن يۈرمەڭ ، يامان بولىدۇ.
ئايالىڭىز پەرىجە ئارتسۇن،
ئوچۇق يۈرسە، يامان بولىدۇ.
چىقمىغايكى قىزلار تالاغا،
بىراۋ كۆرسە يامان بولىدۇ.
مەسە كالاچ كىيسۇن ئوغلىڭىز،
شىبلىت كىيسە يامان بولىدۇ.
ئەنئەنىمىز ئۇزۇن پەرىجە،
يالغان دىسە يامان بولىدۇ.
قولىڭىزنى ئۈچ قېتىم يۇيۇڭ،
تۆت يۇسىڭىز يامان بولىدۇ.
ھاراق قويغان شىرەگە ئەگەر،
نان قويسىڭىز يامان بولىدۇ.
دۇرۇس ئەمەس پۇلنى كۆپ تاپقان،
بۇغا باقماڭ يامان بولىدۇ.
كەچ كىرگەندە ئۆي چۇۋۇشتۇرۇپ،
كىگىز قاقماڭ، يامان بولىدۇ.
ئاچ يۈرمەكمۇ تەقدىرنىڭ ئىشى،
يامان دىمەڭ، يامان بولىدۇ.
ئوزۇقىڭىز سامان بولسىمۇ،
سامان دىمەڭ، يامان بولىدۇ.
سۈرمە سۈرمەڭ، يامان بولىدۇ.
ئىچىپ قويماڭ، يامان بولىدۇ،
يېقىن يۈرمەڭ ، يامان بولىدۇ.
ئايالىڭىز پەرىجە ئارتسۇن،
ئوچۇق يۈرسە، يامان بولىدۇ.
چىقمىغايكى قىزلار تالاغا،
بىراۋ كۆرسە يامان بولىدۇ.
مەسە كالاچ كىيسۇن ئوغلىڭىز،
شىبلىت كىيسە يامان بولىدۇ.
ئەنئەنىمىز ئۇزۇن پەرىجە،
يالغان دىسە يامان بولىدۇ.
قولىڭىزنى ئۈچ قېتىم يۇيۇڭ،
تۆت يۇسىڭىز يامان بولىدۇ.
ھاراق قويغان شىرەگە ئەگەر،
نان قويسىڭىز يامان بولىدۇ.
دۇرۇس ئەمەس پۇلنى كۆپ تاپقان،
بۇغا باقماڭ يامان بولىدۇ.
كەچ كىرگەندە ئۆي چۇۋۇشتۇرۇپ،
كىگىز قاقماڭ، يامان بولىدۇ.
ئاچ يۈرمەكمۇ تەقدىرنىڭ ئىشى،
يامان دىمەڭ، يامان بولىدۇ.
ئوزۇقىڭىز سامان بولسىمۇ،
سامان دىمەڭ، يامان بولىدۇ.
ئاپتۇر :مۇھەممەتجان راشىدىن