كەل ئۇيغۇرۇم ئىچەيلى
ئەجدادىمىز بىلمەپتۇ كەل ئۇيغۇرۇم ئىچەيلى،
ئەۋلادىمىز ئۈگەنسۇن كەل ئۇيغۇرۇم ئىچەيلى.
دەرت پاتمىدى يۈرەككە چىلاشقۇدەك ئىچەيلى،
بارچە دەرتلەر ئۇنتۇلسۇن كەل ئۇيغۇرۇم ئىچەيلى
مېھمان قىلىپ بىراۋنى ئۆينى تاشلاپ چىقىشتۇق،
نان تاپالماي يۈرىمىز كەل ئۇيغۇرۇم ئىچەيلى.
نان تاپالماي سەرسان بوپ تېنەپ يۈردۇق كوچىدا،
ئالدىمىزغا كەلگۈچە كەل ئۇيغۇرۇم ئىچەيلى
دىھقان ئىدۇق ئەسلىدە يەرلەر بىزگە باقمىدى،
جېنىمىزدىن ئايرىلدۇق كەل ئۇيغۇرۇم ئىچەيلى.
جان باقالماي يۇرتلاردا يانچۇقچىمۇ بوپ قالدۇق،
يامان ئاتاق كۆتىرىپ كەل ئۇيغۇرۇم ئىچەيلى
تېگىمىزدىن بۇزۇلدۇق بۇلغاپ ئەزىز بۇ تەننى،
پاكلىق نېسىپ بولمايدۇ كەل ئۇيغۇرۇم ئىچەيلى.
ھەمراھ بىزگە ياخشى بوپ ناخشىچىلىق نامىمىز،
ئېچىپ بىراۋ كۆڭلىنى كەل ئۇيغۇرۇم ئىچەيلى
باش كۆتۈرسە قېرىنداش تۇنىمايدۇ بىزلەرنى،
يىقىتايلى ئامال قىپ كەل ئۇيغۇرۇم ئىچەيلى.
ئاق تاغلىقمۇ بوپتىمىز،قارا تاغلىقمۇ بوپتىمىز،
ئۆزىمىزنى يەكلىشىپ كەل ئۇيغۇرۇم ئىچەيلى
باش كۆتۈردى «ئارمان»دەپ رادىل دىگەن پۇشتىمىز،
يوق قىلايلى سېسىتىپ كەل ئۇيغۇرۇم ئىچەيلى.
كۆتىرىشسەك،يۆلەشسەك ئىمانىمىز بۇزىلار،
ئېتىقادمۇ بولمىسۇن كەل ئۇيغۇرۇم ئىچەيلى.
كىيىمىمىز ئۆزگەردى،ئەبجەش بولدى تىلىمىز،
قېنىمىزنى بۇزغىچە كەل ئۇيغۇرۇم ئىچەيلى.
ئىسىمىزگە كەلمەيدۇ شۇنداق ئېسىل ئادەتلەر،
ئۆزىمىزدىن ياتلىشىپ كەل ئۇيغۇرۇم ئىچەيلى