پارچىلار
تەلمۈرۈاپ ۋەسلىڭگە دىلبەر، ساقلىدىم تاڭ ئاتقۇچە،
چىقمىغاچ ئۆردەكسىمان غاق-غاقلىدىم تاڭ ئاتقۇچە.
ھىدلىرىڭغا پۈركۈنۈپ ياتاقان قۇمۇش قار ئۈستىدە،
ناشتىسىز قالغان كىيىكتەك تاقلىدىم تاڭ ئاتقۇچە.
...........................................................
بۇ ھايات ھەر كىم ئۈچۈن ئىمتاھان،
بەلكى كىملەر ساڭا دىلدىن مىھرىبان.
قەھرىمان ئىزدەپمۇ يۈرمە بىل شۇنى،
سەن ئەگەر يەڭسەڭ ئۈزۈڭنى قەھرىمان.
......................................................
ياشلىقنىڭ خىسلىتى، قۇدرىتى پەۋەس،
ئۇنىڭغا يار بولسا ئۇلۇغ ئوي-ھەۋەس.
ئىرادە-ئىنتىلگەن ئادەمگە قانات،
كۈڭۈلنىڭ كەينىگە كىرگۈلۈك ئەمەس.
..........................................................
ئاھ خۇدا!! سالدىڭ ئەجەپ ئوت ئىلكىگە،
ئۈشبۇ ئوتنى تەپمۇ-تەڭ بۆل ئىككىگە.
پارچىسىنى قالدۇرۇپ قەلبىمدە سەن،
پارچىسىنى سال ئۇنىڭ جان مۈلكىگە.
...................................................
ئەي پەرىشتەم سىنى سۆيدۈم ياراتتىم،
شەنىڭ ئۈچۈن قانچە داستان ياراتتىم،
سەن كەلمىسەڭ بۇ چاققىچە ئەي نىگار،
يۈرۈگۈمنى قوش پىچاقتا ياراتتىم.
...................................................
سەندە بار مىھرى كۆز، لېكىن مەندە يوق،
مەندە بار زەپىرەڭ يۈز سەندە يوق.
روھىمنىڭ ئوغرىسى ئىكەنسەن ئەسلى،
بولمىسا نىچۈن ئۆز ئەركىم تەندە يوق.
.....................................................
سۈيۈلۈشتىن يارالغان جاھان،
سۈيۈلۈشتىن يارالغان جاھان،
سۈيۈشلەرگە قانىدۇ قاچان.
مەن سۈيەلمەي گۈزەل ھاياتنى،
لەۋلىرىمدىن ئاققان قەدەر قان.
شۇڭا مەڭگۈ مەۋجۇت ھاياتىم،
سۈيۈشلەردىن تاپقاچقا دەرمان.
..................................................
سۆيگۈ
يۈرەكتە سۆيگۈدىن ياسالدى ئوكيان،
دولقۇنلار ئەۋجىدە تاشماقتا قىيان.
سەن ئۈچۈن بۇ جېنىم تەسەددۇق ھامان،
ئۆلسەممۇ جەسىتىم كۈتۈرەر ئىسيان.
قوزغىلىپ يۈرەكتە كونا ئوتلىرىڭ،
بىچچارە تىنىمنى كۆيدۈردى قىيناپ.
ۋە ياكى كۆيدۈرۈپ ئۆلتۈرەرسەنمۇ،
ۋە ياكى خۇدايىم بىرەرمۇ ئىنساپ.
......................................................
ئۇنتۇلغان چۈش
بىلمەيمەن قانداقچە كىردىڭ قەلبىمگە،
بىلمەيمەن قانداقچە كەتتىڭ ھەم ئۇزاپ.
بىلمەيمەن يەتتىڭمۇ مىنىڭ قەدرىمگە،
بىلمەيمەن ۋە ياكى بەردىڭمۇ ئازاپ.
بىلمەيمەن كۆردۈممۇ شاتلىق سىنىڭدىن،
بىلمەيمەن قانداقچە بولىدۇ سۈيۈش.
بىلمەيمەن ھەممىنى بىلمەيمەن زىنھار،
سەن ئەمدى مەن ئۈچۈن ئۇنتۇلغان بىر چۈش.
مەنبە- كونا خاتىرەم